United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
ئەڭ يېڭى كىتابلار
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> كىتاب مەركىزى >> سەنئەت گۈلزارى >> تۆھپىكارلىرىمىز
ئاۋات كىتاپلار
ئەل ئىشقىدا سايرىغان‹‹بۇلبۇل››
چالغۇ ئوتىدا كۆيگەن يۈرەك
ھايات بەدىلىگە خاتىرىلەنگەن كارت..
دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر ..
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق ناخشا ..
ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ تەرجىمھالى..
مەخمۇت سۇلايماننىڭ تەرجىمھالى
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
تەۋسىيە كىتاپلار
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان..
داڭلىق خەتتات قاينام جاپپار
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
« قەشقەر تەسىراتلىرى » قەيسەر ھېس..
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك..
مەھمۇد قەشقەرى ۋە «دىۋانۇ لۇغەتى..
   كىتاپ ئۇچۇرلىرنى كۆرۈش

دۇنيادىكى ئەڭ قەيسەر كىشنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز ؟

  ئاپتورى :
  كىتاب تۈرى : مەھشۇرلىرىمىز
  تەرجىمە قىلغۇچى : يوق
  نەشىر قىلغان ئۇرۇن :
  نەشىر قىلغان ۋاقىت :
  باھاسى :
  ئاۋاتلىغى : 562
  قوشقۇچى : xirinim
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2010/8/19 15:09:14
  مۇناسىۋەتلىك يازما : كۆرۈش

 تۇنۇشتۇرۇش  
مەشھۇر مېيىپ ئىلھام ئەلچىسى __ يوھان كۇتىس (John Coutis)

ئۇ 1969- يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى ئاۋىستىرالىيەدە تۇغۇلغان ،  تۇغۇلىشىنىنلا ئىككى پۇتى مېيىپ بۇلۇپ ، 17 ياش ۋاقتىدا ساقدىشى ئۇنىڭ  ھچقانداق سىزىمى بولمىغان پۇتىنى قەلەمتاراچ بىلەن كىسىپ تىتىما تىتما قىلىۋېتىپ ،جاراھەت ئېغىزى ياللۇغلىنىپ قالغاچقا بەدىننىڭ تۆۋەنكى قىسمى مەجبۇرى كىسىۋېتىلگەن . بۇ مېيىپ كىشى دەل يوھان كۇتىس(John Coutis) ئىدى . يوھان كۇتىس تۇغۇلغان ۋاقتىدا ئۇمۇتقا سۆڭىكى تەرەققى قىلالمىغانلىقتىن ، ئىككى پۇتى ئەسلا شەكىللەنمىگەن ، مېڭىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ،ھەتتا يالغان پۇت ئورنۇتۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى  .بىراق ئۇ تەقدىرگە باش ئەگمىدى ، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ تىرشچانلىقى ۋە غەيرىتى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر بولغان مېيىپ نۇتۇق سۆلىگۈچىگە ئايلاندى .

        ئۇ بىر قەيسەر ئادەم . ئۇنىڭ چاقلىق ئۇرۇندۇقى بار ، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن  چاقلىق ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرمايدۇ ، ئەكسىچە ئىككى قۇلىغا تايىنىپ ماڭىدۇ . ئۇ مېيىپ ئەمما تەنھەركەتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ . ئۇ ئىلگىرى ئاۋىستىرالىيىنىڭ مېيىپلار تېننىس توپ مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغاان ، پۈتۈم مەملىكەتلىك ساغلام ئېغېرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن . ئۇ كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزى قىلىشنى ئويلىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كەلمەكتە  ، ماشىنا ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىش  ، چېنىقىش ، سۇ ئۈزۈش ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەش ، مانا بۇلار بىلەن ئۇ نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرمەكتە .

يوھان كۇتىسنىڭ ھاياتىدىكى چوڭ ئىشلار :

1969- يىلى ئاۋىېتىرالىيەدە تۇغۇلغان .

1988- يىلى 9- ئايدا ئۆزى ئىشلەپ پۇل تېپىپ تۇنجى ماشىنىسىنى سېتىۋالغان .

1992 – 1994 -  يىلغىچە ئۇدا ئۈچ يىل ئاۋىستىرالىيە مېيىپلار تىكتاك توپ مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن ، دۇنيا بۇيىچە 13 – ئۇرۇنغا تىزىلغان . 

1994- يىلى جەنۇبى ئافرىقا پىرىزدېنتى نېلسون ماندىلارنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان .

1996- يىلدىن باشلاپ ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى مەشىق قىلغان ، ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 125 كىلوگىرام .

1999- يىلى راك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان . 

2000-يىلى 5 – ئايدا راك كىسىلى پۈتۈنلەي ساقايغان .

2000- يىلى ئاۋىستىرالىيە تەنتەربىيە ئورگىنىنىڭ ئۇقۇش مۇكاپاتىگە نائىل بولغان .

2000-يىلى مەملىكەتلىك ساغلام ئېغېرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن .
2000-يىلى پالاق توپ ، كالتەك توپ تۈرىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك تېرىنېرلىقىغا ئېرىشكەن .

يوھان ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇقۇش ھاياتىنى تاماملىغاندىن كىيىن خىزمەت ئىزدەشكە كېرىىشىدۇ . نۇرغۇن قېتىملىق رەت قىلىنىشلاردىن كىيىن ئاخىرى بىر ملىچ مال دۇككىنىڭ خۇجايىنى ئۇنى ئىشقا ئالىدۇ . كىيىن يەنە مال ساتقۇچى ، تېخنىك خادىم بۇلۇپ ئىشلەيدۇ . بىر قېتىملىق تاسادىبىي پۇرسەت يوھان كۇتىسنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىدۇ . بىر كۈنى چۈشلۈك تاماق يىغىلىشىدا ، يوھان كۇتىس تەكلىپ بىلەن ئۆزىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بىرىدۇ . ئۇنىڭ ئازاپ – ئۇقۇبەتلىرى ۋە تارتقان جاپا مۇشاقەتلىرى نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ . نۇرغۇن كىشى كۆزىگە ياش ئالىدۇ ، ھەتتا بىر خانىم سەھنىگە چىقىپ يوھانغا ئۆزىنىڭ ئىنتايىن بەختسىز ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا تەييارلانغانلىقىنى ، ئۇنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىنىڭ ئەرزىمەس كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . بۇ ۋاقتتا يوھان تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ كۆرەشچان ھاياتىنىڭ ، ھايات تەجىربىلىرىنىڭ ، كىشىلەرگە يېڭى قوزغۇتۇش بىرەلەيدىغانلىقىنى ، كىشىلەرنى ئاكتىپ بولغان روھى ھالەتكە ئىگە قىلالايدىغانلىقىنى، كىشىلەرنى تېخىمۇ خوشال قىلالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەسپى ئىلھام ئەلچىسى بۇلۇش يۇلىغا قەدەم تاشلايدۇ .

1999 -يىلى تەڭرى يوھاننى يەنە بىر قېتىم ھايات - ماماتلىق سىناققا دۇچار قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۇرۇقدان راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلىپ ، ئىككى تاشقى بۆرىكى كىسىپ ئېلىۋېتىدۇ ، ئەمما دۇختۇر ئۇنىڭغا راك ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئاللابۇرۇن تارقىلپ كەتكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ پەقەت 12ئايدىن 24 ئايغىچە ئۆمرى قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ . يوھان ئۈلۈمنى كۈتۈپ تۇرۇشنى خالىمايدۇ ، ئۇبىر يىل ئىچىدە كۆپلەپ ھەرخىل ماتىرياللارنى ئۇقۇپ ، ھەر تەرەپتىن ياخشى تەكلىپلەرنى ئىزدەيدۇ .بۇ جەريانىدا ئۇ بىر پىشقان راك كىسىلى مۇتەخەسىسىگە ئايلىنىدۇ . 2005- يىلى 5- ئايدا دۇختۇر ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن يوھاننىڭ ھايات يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ .  

2006-يىلى 6- ئايدا يوھان توي قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئايالى لىئن بىر گۈزەل ئايال ئىدى ، ئۇنىڭ يەنە ئالتە ياشلىق كىلەيتۇن ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى . كىلەيتۇن كىچىكىدىن باشلاپ كىسەلچان بۇلۇپ ،بىر قانچاخىل كىسەلگە تەڭلا  گىرىپتار بولغان ئىدى . ئوخشىشىپ كىتىدىغان كەچۈرمىشلەر يوھان بىلەن ئوغلىنى بىر ئورتاق تىلغا ئىگە قىلىدۇ . ئۇ دائىم «مىنىڭ ئوغلۇم چۇقۇم ياراملىق ئادەم بۇلىدۇ » دەيدۇ .

يوھان كۇتىس ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان بىر ئادەم . ئۇ باشتىن كەچۈرگەن ناچار شارائىت ۋە مۇۋاپىقىيەت ، ھەر بىرىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا زور ئىلھاملاندۇرۇش كۈچىگە ئىگە ، يوھان كۇتىس ھازىر ناھايىتى تىزلا دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر مېيىپ نۇتۇقشۇناشقا ئايلاندى  ، خەلىقئارادا زور ئابرويغا ئىگە بولدى .ئۇنىڭ ھەربىر سۆزى ، ھەربىر ھەرىكىتى بىز ئۈچۈن ئىلھام بولغۇسى .


&  ئالدىنقى كىتاب:ئاتاغلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
&  كېيىنكى كىتاب:ئاتاقلىق يازغۇچى تۇردى سامساق
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

12