|
|
شىنجاڭلىق رەسساملارنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتە كۆرگەزمە قىلىش |
|

27-ئاپرېل ، ‹‹ شىنجاڭلىق رەسساملارنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتە كۆرگەزمە قىلىش جۇڭگوغا مۇھەببەت ›› كۆرگەزمىسىنىڭ گۇاڭجۇ، شاڭخەيلەردىكى پائالىيەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تۆنۈگۈن ( 27-ئاپرېل ) ئۈرۈمچىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. جاڭ چۈنشيەن رەسىم كۆرگەزمىسىنى ناھايىتى قىزىقىپ كۆردى ھەمدە رەسساملار بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشپ كۆرۈشۈپ، ئەھۋال سورىدى . ئۇ بىر ناھايىتى گۈزەل ، جانلىق سىزىلغان رەسىمنى كۆرۈپ ، ‹‹ بۇ رەسىم ناھايىتى ياخشى سىزىلىپتۇ، ھەقىقىي تۇرمۇش ئەكس ئېتىپتۇ››، دېدى. ئىگىلىنىشىچە ، بۇلتۇر 8-ئايدا، ‹‹ شىنجاڭلىق رەسساملارنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتە كۆرگەزمە قىلىش جۇڭگوغا مۇھەببەت ›› كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن ، پائالىيەت گۇرۇپپىسى كومىتېتى نۇرغۇن قېتىم مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق رەسساملارنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا كېلىپ رېئاللىقنى سىزىشقا تەشكىللىگەن بولۇپ ، رەسساملار شىنجاڭنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرى ، ئاقكۆڭۈل ، جەسۇرانە خەلقى ۋە خىلمۇ خىل مەدەنىيەتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەپ ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب - شىمالىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىشتا بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلغان. مۇراسىمدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : يېقىندا ، بىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ۋە شاڭخەيلەردە ئۆتكۈزگەن سەييارە كۆرگەزمىمىز بىردەك ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشتى. بۈگۈن ، ‹‹ شىنجاڭلىق رەسساملارنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتە كۆرگەزمە قىلىش جۇڭگوغا مۇھەببەت ›› كۆرگەزمىسىنىڭ 3–بېكىتى بولغان ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئاساسىي تېما قىلىنغان 129 پارچە ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىگە قويۇلدى ، ئارقىدىن بېيجىڭدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ ھەمدە كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەر بازارلاشتۇرۇلۇپ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ ، بۇ بىزنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تەسىر كۈچى ئاشۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك تەجرىبە . بۇ قېتىمقى ‹‹ شىنجاڭلىق رەسساملارنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتە كۆرگەزمە قىلىش جۇڭگوغا مۇھەببەت ›› كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، گۈزەل، باي، ئۈمىدكە، سېھرىي كۈچكە تولغان گۈزەل شىنجاڭنى دۇنياغا نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن ، شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ، ھەر ساھەلەرنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنى قوللاپ ياردەم بەرگەنلىكىگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن . » ‹‹ شىنجاڭلىق رەسساملارنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتە كۆرگەزمە قىلىش جۇڭگوغا مۇھەببەت ›› كۆرگەزمىسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، جۇڭگو ‹‹ باۋلى ›› گۇرۇھى شىركىتى، سۇمرۇغ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى پاي چېكىنى تىزگىنلىگۈچى چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان . سەييارە كۆرگەزمە 27-ئاپرېلدىن 6-مايغىچە ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، شەھەر ئاھالىلىرى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 5 كىچە، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىگە بېرىپ كۆرگەزمىنى ھەقسىز كۆرسە بولىدۇ. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى ، ئەسقەت كېرىمباي ، جۇ خەيلۇن ، بەي جىجيې، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، جۇڭگو باۋلى گۇرۇھى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، باش مۇدىر چېن خۇڭشېڭلار كۆرگەزمىگە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتلىك قىلدى. |
|
ئاۋاتلىغى : 709 |
قۇشۇلغان ۋاقتى : 2012-5-2 11:59:17 |
|
|