31-يانۋار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غالىبىيەت يولىغا جايلاشقان غالىبىيەت كىتابخانىسىدا مەشھۇر سەنئەتكارلار بىلەن كارخانىچىلارنىڭ «شەرقىي گۈزەل-سەنئەت گاللېرىيەسى» ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش ۋە «بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قالدىم» تېمىسىدىكى كاتتا مىللىي مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى ۋە ھەۋەسكارلاردىن بولۇپ، 50 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.


