داڭلىق خەتتات قاينام جاپپار - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت تۆھپىكارلىرىمىز
سەنئەتكارلىرىمىز
خەتتاتلىق
رەسساملىق
كۆرگەزمە
 مەدەنىيەت ئۇچۇرى
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى  
   تەۋسىيە تېمىلار

 

ئۇيغۇر خەتتاتلى..
داڭلىق خەتتات ق..
   ئاۋات تېمىلار

 

ئۇيغۇر خەتتاتلى..
داڭلىق خەتتات ق..
نىياز كىرىم شەر..
خەتتات قۇربانجا..
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
داڭلىق خەتتات قاينام جاپپار
قاينام جاپپار 1958-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىدە زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1976-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 1996-يىلغىچە شىنجاڭ توقۇمچىلىق گورۇھى شىركىتىدە ئىشچى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1996-يىلدىن ئېتبارەن «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دە گۈزەل-سەنئەت تەھرىرى ۋە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن.
 قاينام جاپپار 1984-يىلدىن باشلاپ خەتتاتلىق ئىجادىيىتىبىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر خىل نۇقتىلىق گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. 1989-يىل مابەينىدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شىنجاڭ خەلق نەشىرىيات ۋە شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، «ھۆسىنخەتلەردىن تاللانمىلار»، «ھۆسىنخەت ۋە ئۆرنەكلەر» دېگەن كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن. يەنە بىر قىسىم ئەسەرلىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەتتاتلىق كۆرگەزمىلىرىگە تاللىنىپ ئۆزبېكىستان، پاكىستان، كورىيەلەردە كۆرگەزمە قىلىنغان ۋە توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. غەربىي شىمال رايۇنى بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل-سەنئەت خەتتاتلىق، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە ئۇنىڭ بىر پارچە ئەسىرى كۆمۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1995-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆزىنىڭ خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىنى ئاچقان. 1988-يىلى ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «ئەخلاق، كەسىپتە تەڭ يېتىلگەن سەنئەتكار» دېگەن شەرىپىگە، دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «يۈز مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات-سەنئەت خادىمى» دېگەن شەرىپىگە ئېرىشكەن، مەملىكەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، بېيجىڭغا بېرىپ قۇرۇلتايغا قاتناشقان.
 ئۇ ھازىر جوڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق فوتۇ سۈرەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
 ئاۋاتلىغى : 931  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2010-12-7 20:53:44 
 
 

  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682