نىياز كىرىم شەرقىي - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت تۆھپىكارلىرىمىز
سەنئەتكارلىرىمىز
خەتتاتلىق
رەسساملىق
كۆرگەزمە
 مەدەنىيەت ئۇچۇرى
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى  
   تەۋسىيە تېمىلار

 

ئۇيغۇر خەتتاتلى..
داڭلىق خەتتات ق..
   ئاۋات تېمىلار

 

ئۇيغۇر خەتتاتلى..
داڭلىق خەتتات ق..
نىياز كىرىم شەر..
خەتتات قۇربانجا..
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
نىياز كىرىم شەرقىي

نىياز كېرىم شەرقىي 1948-يىلى 10-ئايدا تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر جۇڭگۇ خەتتاتلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەمدە جۇڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيىتى تەھرىرلىك، نەشىر قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى . جۇڭگۇ تارىخ موزىيى گۈزەل سەنئەت گالىرىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق چەتئەللەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار، رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستازى.

 نىياز كېرىم شەرقىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلغان ۋە 1985-،1989-،1998-،2005-،2008-يىللىرى ئۆزىنىڭ شەخسى خەتتاتلىق كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئامېرىكا، قازاقىستان، پاكىستان، تۈركىيىلەرگە بېرىپ خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ئاچقان. ئەسەرلىرى يەنە تۇنىس، كورىيە، ياپونىيە، تەيۋەن، شىياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا كۆرگەزمە قلىنغان. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا 20قىسىملىق خەتتاتلىق تېلېۋىزىيە لىكسىيىسى سۆزلىگەن. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتى ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتلىرىدا خەتتاتلىق لىكسىيىلىرىنى سۆزلىگەن ۋە دەرس ئۆتكەن. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ پۈتۈن ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بولۇپ، يىڭى مەتبۇئات ھەرپلىرىنى لايىھىلەش، باھالاپ بېكىتىش ئىشلىرىغا قاتناشقان ۋە كومپيۇتېر ھەرپلىرىنى لايىھىلەش، تولۇقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان،1976-يىلى « ھۆسىخەت نۇسخىلىرى»، 1989-يىلى ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، 2002-يىلى « ئۇيغۇر خەتتاتلىقى قوللانمىسى» قاتارلىق كىتابلارنى ۋە ھەرخىل خەتتاتلىق دەرسلىك كىتابلىرى، خەتتاتلىق لەۋھەلىرىنى نەشىر قىلدۇرغان. مەملىكەتلىك مەتبەئە ھەرپلىرىنى لايىھىلەشتە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. جۇڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ « ئەخلاق ۋە كەسىپتە تەڭ يىتىلگەن خەتتات» دېگەن شەرەپلىك نامىغا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق « تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت» مۇكاپاتىغا ۋە « شىنجاڭ بۇيىچە ئىلغار مۇتەخەسىس» دېگەن شەرەپ ناملىرى بىلەن مۇكاپاتلانغان.

 ئاۋاتلىغى : 861  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2010-8-27 18:04:18 
 
 

  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682