ھىندىستان35دوللارلىق تاختا كومپىيۇتېر ئىشلەپ بازارغا سالدى |
مەنبە: tech.sina.com.cn
2012-01-05 10:01
سىنا تورى خەۋىرى:
ھىندىستان تاختا كومپىيۇتېر كارخانىسى DataWind نىڭ بىلدۈرىشىچە،مەزكۇر شىركەت ئىشلەپ چىققان Aakash ناملىق ئەرزان باھالىق تاختا كومپىيۇتېرى ھازىرغىچە 1مىلىيۇن400مىڭدىن ئارتۇق زاكاز قوبۇل قىلىپ بولغان،بۇ سان ئالما شىركىتى تاختا كومپىيۇتېرى iPad نىڭ زاكاز سانىغا تەڭ كىلىپ قالىدىكەن.
ئالدىنقى يىل12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ،DataWind شىركىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە بازارغا سالغان 30مىڭ دانە تاختا كومپىيۇتېرى ئالدىن زاكاز قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ،بۇنىڭ تەسىرىدە شىركەت توربىكىتىنىڭ زىيارەت مىقدارى شىددەت بىلەن ئاشقان،شۇنىڭ بىلەن ھىندىستان ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئورگانلىرى بۇشىركەت توربىكىتىنىڭ خاككىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئىگەللىنىشىچە،Aakash تاختا كومپىيۇتېرىنىڭ باھاسى 2500ھىندىستان رۇبلىسى بولۇپ،ئامىرىكا پۇلىغا سۇندۇرغاندا 50دوللارغىمۇ يەتمەيدىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان ھۆكۈمىتى يەنە ئوقوغۇچىلارغا تولۇقلىما پۇلى بەرگەن بولۇپ،بۇ بويىچە ھېسابلىغاندا تاختا كومپىيۇتېرىنىڭ ئەمەلىي باھاسى 35دوللار ئەتراپىدا بولىدىكەن.ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئەسلىدە 2011-يىلى ئىچىدە بۇ كومپىيۇتېردىن 1مىلىيۇن دانە ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان،ئەمما DataWind شىركىتى 2012-يىلى 4-ئايلاردا بۇ پىلاننى ئورۇنلىيالايدىكەن.
بۇنچە كۆپ خىرىدارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن،DataWindشىركىتى ھىندىستاننىڭ نەچچە شەھىرىدە يىڭىدىن زاۋۇت قۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كىڭەيتكەن.بۇندىن باشقا،نۆۋەتتە Aakash نىڭ يۇقىرىلىتىلغان نۇسخىسىنىمۇ كىڭەيتىشكە باشلىغان.
DataWind شىركىتى بۇندىن بۇرۇن يەنە ubiSlate7 ناملىق تاختا كومپىيۇتېرىنىمۇ بازارغا سالغان بولۇپ،سېتىلىش باھاسى 2999رۇبلى ئىكەن.بۇ تاختا كومپىيۇتېرغا 700MHz ARM Cortex A8تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ،Aakash نىڭ 366MHz ARM11تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسىدىن ياخشىراق ئىكەن.بۇندىن باشقا،ubiSlate7 قا يەنە يۇقىرى سېغىملىق باتارىيە سەپلەنگەن بولۇپ،كومپىيۇتېر سېستىمىسىمۇ Android نىڭ يىڭ نەشىرى ئىكەن،ئۇندىن باشقا GPRS ئارقىلىق تورغا چىقىشنى قوللايدىكەن.

Aakashناملىق 35دوللارلىق تاختا كومپىيۇتېر
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-1-8 12:30:24 كۆرۈلۈشى : 155 قېتىم] |
|