ئوبامانىڭ«تورخۇمار ئەلباش» دېگەن نامى بار ئىكەن |

چەتئەل ئاخبارات خەۋەرلىرىدە دىيىلىشىچە،ئامىرىكا زوڭتۇڭى ئوبامانى ئىسمى-جىسمىغا لايىق«تورخۇمار ئەلباش» دىيىشكە بولىدىكەن،ئۇ بۇ ھەپتە ئىچىدە يەنە بىر داڭلىق رەسىم ئورتاقلىشىش توربىكىتىگە ئەزا بولۇشقا تېزىملاتقان بولۇپ،بۇ توربىكەتنىڭ ئىسمى Instagram ئىكەن.
2008-يىلى ئەلباش ئوباما ئالدى-كەينى بولۇپ Facebook ،Twitterۋە YouTube قاتارلىق توربىكەتلەرگە ئەزا بولغان،ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئەگەشكۈچىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا «تورخۇمار ئەلباش» دەپ نام بىرىلگەن.2011-يىلى ئوباما ئۆزىنىڭ تور زىيارىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان بولۇپ،Twitter دا مەخسۇس ھۆكۈمەت ئىش بىجىرىش زالى ئاچقان ،ھەمدە Google+ غا ئەزا بولغان.
خەۋەردە دىيىلىشىچە،كىشىلەر ئەگەر Instagram تورىدىن ئوبامانى تاپماقچى بولسا،ئۇنىڭ ئەزالىق نامى BarackObama بويىچە ئىزدىسە بولىدىكەن.
Instagram توربىكىتىنىڭ زىيارەت ئېقىمى 2011-يىلى زور دەرىجىدە ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ،ئالما شىركىتى ئالدىنقى ئايدا ئۇنىڭغا يىللىق قوللىنىشچان پىروگرامما شەرەپ تاختىسىدىن ئورۇن بەرگەن.Instagram نى iPhone غا قاچىلىغاندا،يانفۇندىكى رەسىم ۋە كامىرادا تارتىلغان رەسىملەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق Instagram دىكى تورداشلىرى بىلەن ئورتاقلاشقىلى بولىدىكەن.بۇ نۇقتىدىن ئىيتقانداInstagramنى مەخسۇس فوتوگراف ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغانTwitter دىيىشكە بولىدىكەن. ئىگەللىنىشىچە،ئوبامانىڭ Instagram تورىدىكى بۇ ئەزالىق ھېساباتىنى باشقۇرۇشنى ئۇنىڭ 2012-يىللىق ئەلباش سايلام گۇرۇپپىسى ئۆز ئۈستىگە ئالغان،ئوباما يەنە ئەگەشكۈچىلەرنى#Obama2012دىگەن ئەزا نامى ئارقىلىق، ئەلباش سايلىمىنىڭ تەشۋىقات مۇساپە لىنىيە رەسىمىنى ئورتاقلىشىشنى دەۋەت قىلغان.ھازىرغىچە ئوبامانىڭ بۇ ئەزالىق بىتىگە 3پارچە رەسىم يوللانغان بولۇپ،كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى 24مىڭغا يەتكەن.
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-1-8 12:27:52 كۆرۈلۈشى : 139 قېتىم] |
|