باغۋەنى
-1-
تەقدىم قىلسام قىزىلگۈلدەك ئۆمرۈمنى ساڭا،
ئەزرائىلدەك بارلىقىمغا سالامسەن چاڭگال.
ئۆلۈم ئۈچۈن تەرك قىلسام بۇجاننى ئاڭا،
ئويلا يەنە نىمىلەرنى قىلارسەن قامال.
ئەسلىمەڭنىڭ بەتلىرىدە ياشاپ قالسام يار،
چۈشلىرىڭگە كىرەرمەنمۇ سۈكۈتلۈك تۈندە.
كەلسە بىرچاغ بېشىڭغا ھىجران ئاتلىق دار،
پۈتەرسەنكىن كىملەر ئۈچۈن يېشىڭدا قەبرە.
كۆرسەم يەنە ئۆلۈمدىن ھاياتنى ئەۋزەل،
بەلكى كىتىپ قالارسەنمۇ پېشىڭنى قېقىپ،
ياشىمايمىز ھاياتتا دەپ تۆلىمەي بەدەل،
يۈرەرسەنمۇ يار مېنىڭدىن يەنە ئاغرىنىپ.
قىلماي دىسەڭ يار سۆيگۈمنى ، بەختىمنى پالەچ،
بولسۇن ئايان مۇددىئايىڭ دىل سىرىڭنى يەش.
-2-
گەرچە ئۆزۈم تەلەيلىك بولۇپ سانالمىساممۇ،
بىلگىن جانان ئاشىقلىقىم ئۆزۈڭگە ھەمراھ.
سۆيگۈ ھىجران كۈشەندىسىنى بايقۇت قىلساممۇ،
تەقدىر بىزنى قىل ئۈسىتىدە قىلماقچى گۇمراھ.
ئاھ، شۇندىمۇ ئىزتىراپتا چەكمىدۇق پىغان،
غەمكىن كۈيلەر قالدى تۈنەپ چۆللەردە مەلەخ.
چىقارماقتا تۈنجى بىخنى دىللاردا ئارمان،
تەبەسسۈمنىڭ ئېتىزىدا كۆكلىگەن دەرەخ.
ساداقەتنى سۆيۈنچە دەپ ئۇزاتتىڭ ماڭا،
ۋاپادارلىق روھ تېنىڭدە بولدى مۇجەسسەم.
قارىمايدۇ ھايات بىزگە ئەمدى شۈبھىلىك،
دىدارىڭغا قاناي مەنمۇ سۆيۈلۈپ ئەركەم.
بىز ياسايلى سۆيگۈمىزنىڭ سۇنماس ھەيكىلى،
ھەرئاشىقنىڭ زوقى كىلىپ سۆيۈنسۇن دىلى.
-3-
بۇ ھاياتتا يوقاتمىقىم سېنى پاجىئە،
ئىرىشمىكىم بەسى مۈشكۈل يارساڭا ئاندىن.
مەن بىلىمەن ياراشمايدۇ يىگىتكە يىغا،
دەرت –ھەسرىتىڭ ئۆتسىمۇ گەر شىكەستە جاندىن.
خاتالىقىم سېنى تۇتۇپ قالالمىغىنىم،
خوش دىمەيلابەختىم بىلەم خوشلاشقىنىم ھەم.
پېتىنالماي ئايرىلىشقا سۈكۈت بەرگىنىم،
بەلكى خاتا يار سەن بىلەن ئۇچراشقىنىم ھەم.
مەيلى بولسۇن ھايات ماڭا پەقەت يەنە تار،
كەچمىشلەرنىڭ ئۆكسىشىدىن تاپارمەن ساۋاق.
بەختىم ئۈچۈن سېنى پايخان قىلغۇم يوق پەقەت،
سەن ياشاۋەر بەخت ئىچرە تولغىنىپ ئۇماق.
ئايلىنارسەن بىرچاغ بەلكى بىردەستە گۈلگە،
مەن كۆرەرمەن شۇئان سېنىڭ چېھرىڭدە كۈلكە.
-4-
بۇدۇنيانىڭ مەئىشەتلىرى تولىمۇ چەكسىز،
ماھىيەت ۋە ھادىسىلەر مەۋجۇتتۇر بىللە.
ھەردەقىقە ئۆمرۈم خوراپ ئۆلۈشۈم شەكسىز،
ئەسلىمەڭدۇر بەلكى جىسمىم كۆمۈلگەن قەبرە.
سۆزلىسىمۇ ھەقىقەتنى تالايلاپ قەلبىم،
بەلكى شىرىن خىيالىمدۇر كۈتكەن نىسىۋەم.
بەلكى پانى ئالەمدىمۇ ئۆتۈلمەس قەدرىم،
مەن غېرىپنى كىرەك قىلماس تۇرساڭ ئەي سەنەم.
ئۆلتۈرگىنىڭ خو ئەمەسمۇ ياشاتقىنىڭدىن،
ھىجرانىڭدا قىينالمايلا يۇمۇلسۇن كۆزۈم.
ئىككى دۇنيا رازى-رىزا بولاي سېنىڭدىن،
نەپەسلىرىم توختىغىچە بۇ يۈرەك سۆزۈم.
بىراق دىلدا ئۈمىدلىرىم بەك كۆپ ئىدى ھەي؟
ئەمدى نىگار مەن سېنىڭدىن نىمىنى كۈتەي؟
-5-
تەلمۈرىمىز سەن ئۇياقتا ، يار مەن بۇياقتا،
ئازاپ ئىچرە يۈرەكلەردىن تامچىلايدۇ قان.
بۇدۇنيانىڭ تەشۋىشلىرى ئاشىق سىياقتا،'
تىپىچەكلەيدۇ يۈرەكلەردىن ئىزگۈ بىر ئارمان.
ئاقىرىدۇ ھەر سەھەردە تاڭلارنىڭ بېتى،
جۇلالىنىپ كۆتۈرۈلەر ئۇپۇقتىن قۇياش.
قالار ئەمما ئازاپلىرىم يەنە ئۆز پېتى.
تېپلىمىغاچ يەر شارىدىن سەندەك باغرى تاش.
دەرتمەنلەرنى ياقتۇرمىسا كىرەك تەڭرىمۇ،
يەتمەس ھېچكىم كۈن –تۈنلىرى مېنىڭ ھالىمغا.
غېرىپسىنىپ ئۆتۈش ماڭا بۇمۇ تەقدىرمۇ،
كۆزلىرىمنى قاپلايدۇ ياش كەلسەڭ يادىمغا.
ئاقىرىدۇ ھەر سەھەردە تاڭلارنىڭ بېتى،
قالار ئەمما ئازاپلىرىم يەنە ئۆز پېتى.
-6-
ئايرىلىشنىڭ ئازاپلىرى نەقەدەر ئېغىر،
سېنى بەخىت مېنى ھىجران كۈتۈۋالىدۇ.
ۋىسال سېنىڭ رىئاللىقىڭ مېنىڭ خىيالىم،
چۈنكى ئۆلۈم مېنى ھامان يۈتۈۋالىدۇ.
تەقدىر سېنى كۆتۈرىدۇ ئەرش ئەلاغا،
بىراق ماڭا چىراي ئېچىپ باقمايدۇ كۈلۈپ.
باراي نەگە بەخت ئىزدەپ ئەرز داۋاغا،
تۇرسا تەقدىر ھۆكۈمىنى تەتۈرگە سۈرۈپ.
كەچ پەيىتلىرى تاغ كەينىگە ئولتۇرسا قۇياش.
تەلمۈرىمەن مەيۈسقىنا كەتمە يىراق دەپ.
تەككەن كەبى يۈرۈگۈمگە ۋەزنى ئېغىر تاش،
جۇدالىقتىن ئۇھسىنىمەن غەملىرىڭنى يەپ.
چۈنكى ئۆلۈم مېنى ھامان يۈتۈۋالىدۇ،
سېنى بەخت مېنى ھىجران كۈتۈۋالىدۇ.
-7-
ھىجران دېغى ئېغىر ئىكەن باسىتى يۈرەكنى،
كۆرەلمىدىم گۈل چېھرىڭنى سۆيۈملۈك لالەم.
ۋىسال نۆۋەت بىرەر بىزگە قايسى دۇنيادا،
دىيىشەركەن كونىلار بۇ خۇدالىق ئالەم.
تەقدىرىمىز شۇنچە مەشئۇم ، شۇنچىلىك خىرە،
ھە بولماقتا مانا سۆيگۈ مەنزىلى كاسات.
ھەر دەقىقە ھىجران بىزگە سالار تەھلىكە،
ئاھ ئۆتەرمۇ داۋالغۇشتا نىگار بۇ ھايات.
ئالالماستىن ھىچبىر سەندىن ۋىسال خەۋىرى،
كەلدى غەملەر يەنە تىخى ماڭا ئىز بېسىپ.
تۇرسا مۈشكۈل ، شۇنچە ئۈزۈن ھايات سەپىرى،
ئۆتەرمەنمۇ يار يولۇڭدا بوينۇمنى قىسىپ.