باغۋەنى
تاڭدىكى قۇياشتىن نۇر ئېلىپ سەھەر،
يۈرۈگۈم تارتىپتۇ سېىنى بىمەھەل.
باقساڭمۇ ئىرەڭسىز باقماي ھالىمغا،
سېنىلا سۆيۈشكە مەن باغلىدىم بەل.
ئۇماقلا ناز بىلەن تىترىتىپ تەننى،
تىرىكلا تۇرغۇزۇپ پىچىپ كىپەننى،
ۋەسۋەسە ئىچىدە قويغاچ بۇ جاننى،
ۋاقتىسىز يولاشقا ئاز قاپتۇ ئەجەل.
يېقىملىق سۇخەن تىل سۆزلىرىڭ بىلەن،
ئاي كەبى نۇرانە يۈزلىرىڭ بىلەن،
جېنىمنى ئالغۇدەك كۆزلىرىڭ بىلەن،
خاتىرەڭ قەلبىمدە قالدى مۇبەسسەل.
سەندىكى تەبەسسۈم خۇشخۇي لاتاپەت،
بەئەينى جىنىمغا بولۇپتۇر ئاپەت،
ئاھۇ-زار ئىچىدە ئۆتكەن ھەر سائەت،
بولۇپلا ئېقىپتۇ كۆزلىرىمدىن سەل.
يەتمىسە تۇرمۇشتىن توقۇ مالاللىق،
نىسىپتى بىزلەرگە جۈپتى ھالاللىق،
يار ئىدى تخىمۇ بەخت –خۇشاللىق،
توشقىچە ھەتتاكى قازايى-قەرەل.
بارمىدى مەندىن يا ئۆزگە يىگىتىڭ،
باغلىنىپ قالغانمۇ باشقىغا رىشتىڭ،
تەلىپىمنى رەت قىلىپ، پەقەت«ياق!»دىدىڭ،
پۈكۈلدۈم بىر يىگىت ئىدىمغۇ تەمبەل.
بولدى بەس، سۆيگۈمنى ئەمدى خار قىلما،
ۋەسلىڭگە تەلمۈرتۈپ يەنە زار قىلما،
قەلبىمنى قايتىلاپ لەختە قان قىلما،
جاننى ئال بولسۇن سۆيگۈگە بەدەل!