بەخىت تىلەش - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
بەخىت تىلەش

 رەمتىل ھېبىل

(1) تۇيۇقسىزلا سايرىدى يانفۇن،

 «ۋەي» دەپ ئالدىم يېقىپ قۇلاققا.

 گەپ قىلماستىن قۇيۇلۇپ كەتتى،

 ئوتنى يېقىپ جىمجىت يۈرەككە.

قايتا ئۇردۇم زور ئارماب بىلەن،

 چۇقۇم شۇكەن دېدىم ئىچىمدە.

 تەستە ئالدى تۇلىمۇ تەستە،

 ئاشۇ قىزچاق شۇكەن ئەسىلدە.

 «ۋەي»دېگەنتىم تىتىرەپ تۇرۇپ،

 «خاتا ئۇردۇم كەچۈرۈڭ»دېدى.

 «ياق،ياق خاتا ئۇرمىدىڭىز »دەپ،

 ھەسرەتتە قالدىم قويۇلۇپ كەتتى.

 تۇرۇپ كەتتىم شۇ دەمدە جىمجىت،

 ئەسكە چۈشتى ئۈرۈكلۈك باغلار.

 يېشىل يايلاق بىزلەرگە گۇۋاھ،

 پىچىرلاشقان زىمىستان قىشلار.

 «خەيىر»دېدىم ئۇماق گۈزەل قىز،

بوستانلقىڭ ھەر چاغ گۈل بولسۇن.

 سېنى ئەسلەپ تۇرىمەن دائىم.

بەخىت ساڭا مەڭگۈ يار بولسۇن

(2) كۈتمە ئەمدى مېنى گۈزەل قىز،

 كەتتى قارلغاچ كەلمەيدۇ قىشتا.

 كۈز كەينىدە زىمىستان قىش بار،

 باھار ئەمەس ھەممىلا ئىشلار.

مىنى كۈتمە يۈرمە مەشۇقسىز،

بېرەلمەيمەن كۆڭلۈمنى ساڭا.

 لېكىن قەدىرىڭ بىر كۈن مىڭ بۇلۇپ،

 ئۈتۈلىدۇ ئىشەنگەن ماڭا.

 سېنىڭ ماڭا قىلغان ئەقىدەڭ ،

ئېرىتەتتى تاشنىمۇ ئەجەپ،

لېكىن مېنى كۈتمىگىن زىنھار.

 ئازاپنىلا بېرىمەن پەقەت.

 ئاپئاق قاردا ئۇچىراشقان ئىدۇق،

يېشىل يايلاق ئەسلەيدۇ بىزنى.

 ئۈرۈكلۈك باغ بولغانتى گۇۋاھ،

 تۈن كېچىلەر ئازاپلار مىنى.

 لېكىن ساڭا دەيمەن گۈزەل قىز،

كۈتمە مېنى، ئۇنتۇپ كەت منى.

 قارا ئالدىڭ گۈزەل بىر مەنزىل،

چاقىرىدۇ،كۈتىدۇ سېنى.

 (3) ئوتلۇق تىلەك،ئوتتەك ھىدىڭ،ئوتتەك بەدەن،

 كۆيدۈرەتت نىگار ساڭا باققاندا.

 ھېس قىلغانتىم شىرىنلىكنى تۇنجى رەت،

 لەۋلىرىمنى لەۋلىرىڭگە ياققاندا.

 ھەر ئەسلەيمەن ئۈرۈك پىشسا باغلاردا،

يېشىل يايلاق چاقىرىدۇ قوينىغا.

باھار پەسلى شىرداشقانتۇق قانغۇچە،

 كۈز پەسلىدە سەيلە قىلىپ ئاخشامدا.

 توي قىلغلى بوپتۇ بۈگۈن توققۇز كۈن،

 ئايال بو؛دۇڭ قىزلىقىڭدىن ھالقىدىڭ.

 رىشتە باغلا ھەمراھىڭغا گۈزەل قىز،

مۇھاببەت دەپ مۇشۇ يولنى تاللىدىڭ.

كۈتەر سېنى ئەمدى گۈزەل بىر مەنزىل،

 ئانا بولغىن زېمىن كۈلەر سېنىڭدىن.

ئۇنتۇپ كەتكىن ئۆتمۈشىڭنى ئەسلىمە،

 نەپرەتلىنى قىساس ئالما ئۈزەڭدىن.

         كۆرۈلۈشى:1228     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-4-1 12:21:21يوللىغۇچى ئەزا:
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ئۇزاق..
خانىم-قىزلار بايرىمى..
ئاغرىتتىڭ يۈرىكىمنى ..
قاتار چاي..
بولدى قىل..
مۇزلىغان دىل..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682