باھار ئەسلى مۇنداق كېلىدۇ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
باھار ئەسلى مۇنداق كېلىدۇ

باھار ئەسلى مۇنداق كېلىدۇ

 (رەمتىل ھېبىل )

 قىزىل ئۇپۇق بىر قىز مىسالى ،

قىزىل كۆينەك كىيىدۇ سەھەر.

 قىزىللىققا پۈركۈنۈپ ھەممە،

خىجىللىقتا قىلىدۇ شەھەر.

 باھار قۇشى ئۇچۇشۇپ لەرزان ،

 كېتىشىدۇ يىراق يىراققا.

 ئېرىقلارد ئېقىپ زىلال سۇ،

 تولدۇرىدۇ دىلنى شاتلىققا.

 سەلكىن شامال سۈيۈپ يۈزىڭنى،

 ھىدلىرىڭنى ئىلىپ قاچىدۇ.

 مايسا قىزلار چۈشۈپ ئۇسۇلغا ،

 كەل باھار دەپ قوشاق قاتىدۇ.

 كۆكتى لەرزان ئۈزۈپ ھىلال ئاي،

 نىگاھلارغا چاچڭۇ چاچىدۇ.

 جىمى ئالەم چۈكۈپ سۈكۈتكە،

 ئاشىقلارغا قۇچاق ئاچىدۇ.

 رەڭدار چىچەك چېچىپ خۇشپۇراق،

 مىسكىن دىلغا تەسكىن بېرىدۇ.

 «كەل باھار» دەپ يۈرەكلەرتەشنا،

 باھار ئەسلى مۇنداق كىلىدۇ.

         كۆرۈلۈشى:931     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-3-25 20:55:48يوللىغۇچى ئەزا:
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ئۇزاق..
خانىم-قىزلار بايرىمى..
ئاغرىتتىڭ يۈرىكىمنى ..
قاتار چاي..
بولدى قىل..
مۇزلىغان دىل..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682