ئېيىتقىنا ئەمدى قانداق قىلمەن؟ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئېيىتقىنا ئەمدى قانداق قىلمەن؟

كۆيسەم بولمايتتى كۆيۈپ قالدىم مەن،

سۆيسەم بولمايتتى سۆيۈپ قالدىم مەن.

سېنىڭسىز ياشاشقا كۆزلىرىم يەتمەس،

ئېيتقىنا ئەمدى مەن قانداق قىلمەن؟

 

ئاللادىن خوش بولدۇم ئۇچراتتى ساڭا،

تەقدىرگە ئۆچ بولدۇم كۆيدۈردى ساڭا.

سىمايىڭ كۆزۈمدىن يىراققا كەتمەس،

ئېيتقىنا ئەمدى مەن قانداق قىلمەن؟

 

مەن سېنى سۆيەرمەن ئىشقىمنى بېرىپ،

ئۆتۈنەي قىلمىغىن مېنى بىر غېرىب.

دەردىمنى تۆكسەممۇ سۆزلىرىم تۈگمەس،

ئېيتقىنا ئەمدى مەن قانداق قىلمەن؟

 

كۆنەرمۇ يۈرگۈم سەنسىز ياشاشقا،

ئامالسىز قالدىم مەن سېنى تاللاشقا.

بۇ كۆڭلۈم سۆيگۈنى باشقىغا بەرمەس،

ئېيتقىنا ئەمدى مەن قانداق قىلمەن؟

 

پۇشايمان قىلمەن تورغا چىققانغا،

كىرىپ قالدىم مەن ئازابلىق يولغا.

قەلبىمنى قىينايدۇ ئىشقىڭ بىر پەۋەس،

ئېيتقىنا ئەمدى مەن قانداق قىلمەن؟

 

نالەمگە قۇلاق سال قىينىما مېنى،

بولدى بەس تېلېفون قىل دېمىگىن مېنى.

ئالدىما مېنى سەن بولمىغىن پەسكەش،

ئېيتقىنا ئەمدى مەن قانداق قىلمەن؟

 

قەلبىمنى ئوغرىلاپ ئالدىڭ قولۇڭغا،

كۆڭلۈم سېزەر باسالمايمەن باغرىمغا.

بىلىمەن ماڭا سەن بولمايسەن دىلكەش،

ئېيتقىنا ئەمدى مەن قانداق قىلمەن؟

 

كۈتىمەن سېنى مەن كۈندە ھەر تۈندە،

قىينىما ئامرىقىم مەن ئاجىز بەندە.

ساختا سۆيگۈڭ بىلەن بولما تەخسىكەش،

ئېيتقىنا ئەمدى مەن قانداق قىلمەن؟


 

 ئاپتورى: گۈلنەبەر

         كۆرۈلۈشى:769     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-3-1 19:03:43يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ئۇزاق..
خانىم-قىزلار بايرىمى..
ئاغرىتتىڭ يۈرىكىمنى ..
قاتار چاي..
بولدى قىل..
مۇزلىغان دىل..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682