پىنھان خاتىرىلەر - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
پىنھان خاتىرىلەر
تەقىدىرى ئىگىز-پەس بولغان ئاياللاردىن گۈزەل بولۇشنى تەلەپ قىلىش ئېھتىمال رەھىمسىزلىكتۇر، لېكىن مېنىڭچە بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان گۈزەللىك گۈزەل كۆرىنىدىغان نەرسىلەردىن باشقىسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەپسۇسلىنىدىغان نەپرەتلىنىدىغان ئىشلار ھىسسىياتىمىزغا تەسىر قىلىپلا قالماي روھىمىزغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. چىراي بىر ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۇچۇرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا لىنكولىننىڭ مەسلىھەتچىسى لىنكولىنغا بىر كىشىنى ئىچكى ئىشلار كابىنتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تونۇشتۇرغاندا لىنكولىن ئۇنى رەت قىلغان، مەسلىھەتچى ئۇنىڭدىن رەت قىلىىش سەۋەبىى سورىغاندا ئۇ ئۇدۇللا:- مەن ئۇ ئادەمنىڭ چىرايىنى ياقتۇرمىدىم ،دىگەن.
لېكىن ئۇ ئادەم ئۆز چىرايىغا مەسئۇل بولىشى كېرەكمۇ؟
ھەربىر ئادەم 40ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنلا ئۆز چىرايىغا مەسئۇل بولىشى  كېرەك.
چىرايىمىز يۈرىكىمىزنىڭ ، پەزىلىتىمىزنىڭ ئىزناسى، ئىچكى ھسسىىياتىمىزنىڭ، ھايات سەزگۈزەشتىمىزنىڭ سىموۋۇلى ۋە ئىپادىسى، ئۇ يوشۇرغىلى بولمايدىغان بىر خىل ئىچكى ھسسىيات. مېنىڭچە تەجرىبە ۋە سەزگۈرەشتە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئىش، سەزگۇرەشتىنى يوق قىلغىلى بولمايدۇ،بىراق سەزگۇرەشتىنىڭ ئىچكى ھىسسىياتقا، تەجرىبىگە ئايلىنىشى ئوخشىمايدۇ. مەسلەن ئۇلۇغ قەھرىمان گەندى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىبى ئانناننىڭ تەقدىرى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسى ھەمىشە شۇنداق ياخشى.
بىزدەك ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن بالا-قازا ھەمىشە بىزنى ئوراپ تۇرىدۇ،ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن تىركىشىشىمىز خالاس، لېكىن بۇلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھاياتىمىزدا باسقۇچ خاراكتىرلىق بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇپ، بالا-قازا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان تىركىشىشنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ، كۆڭۈلدىن ئىبارەت بۇ<< ئارامگاھ>>قا پاكىز مۇھىت قالدۇرىشىمىز كېرەك.شۇڭا ئادەم چىرايىغا مەسئۇل بولىشى كېرەك.بەزى ئىشلارنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنلا ئۇنتۇپ كېتىمىز، مەسلەن ئىمتىھاندىكى مەزمۇنلارنى...
بەزى ئىشلارنىڭ ئۆتۈپ بىزدىن يىراقلاپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولسىمۇ ئۇ خۇددى ھازىر بولغاندەكلا بىزدىن ئەگىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىنى كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق ئىگىلىشى، ھەرگىزمۇ ھىيلىگەرلىك مۇغەمبەرلىك ئىگىلىمەسلىكى كېرەك..
ياش ۋاقتىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ قېرىغان ۋاقتىمىزدىكى تەمكىن ۋە مېھرىبان ھالىتىمىزنى قىياس قىلىپ بېقىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا مەلۇم جەريان كېتىدۇ، لېكىن شۇ جەريان بىزنىڭ تىرىشىش نىشانىمىز بولىشى كېرەك،ئەمىلىيەتتە ئاددىيلىق بولسا بىر خىل ئازادىلىك؛ چوڭقۇرلۇق بولسا بىر خىل ساددىلىق؛ ماسلىشىشچانلىق بولسا بىر خىل پاسىل؛تەپەككۈر بولسا كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭ چۈشۈنىش نۇقتىسى.
         كۆرۈلۈشى:1456     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-1-2 12:09:04يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

10 مىڭ تىللاغا ساتما..
ناھايىتى ئېسىل نەسىھ..
بۇ سەككىز سوئال سىزن..
سۈننەت تويلارغا ئۆزگ..
ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنى..
ئېسىڭىزدە بولسۇن .....

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682