قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
  • مەنبە: health.people.com.cn
  • 2011-11-18 07:30

  •   كاشتان ياڭقى 

        كاشتان ياڭقى يەنە كاشتان دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، بۆرەكنى قۇۋەتلەش رولى بار . جۇڭيى تىبابىتىدە ، كاشتان مۆتىدىل يىمەكلىك بولۇپ ، ئاشقازاننى ئاسىراش ۋە كەيپىياتنى تەڭشەشكە پايدىلىق ، شۇنداقلا بۆرەكنى قۇۋەتلەپ ، قاننى جانلاندۇرۇش ، قان توختىتىپ ئىشىقنى ياندۇرۇش رولى بار . كاشتان يۇقىرى قان بېسىم ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قىلىدۇ . ياشانغانلار دائىم كاشتان يەپ بەرسە قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق .
       دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، كاشتاننى خام يىگەندە ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز ، پۇشۇرۇپ يىگەندە گاز بولۇپ ، شۇڭلاشقا كۆپ يىمەسلىك كىرەك . 


      چىلان 

       چىلاننىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ ، ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئىنتايىن كۆپ ، ھەر 100 گىرامدا 243 مىللىگىرام ۋىتامىن C بار ، بۇنىڭ تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا كالىي ئىلمېنىتى بار ، بۇ بولسا يۇقىرى قان بېسىم كىشىلەر يىسە ئەڭ پايدا قىلىدىغان ياخشى يىمەكلىك .
       دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك جاي شۇكى ، چىلان گەرچە ناھايىتى يىيىشلىك بولسىمۇ ، مىقدارى مۇۋاپىق بولۇش كىرەك ، چۈنكى چىلاننىڭ پوستى قاتتىق بولۇپ ، ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز . جىق يەۋالغاندا ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە زىيانلىق بولۇپ ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپ بولۇش ، قورساق ئىسىلىۋىلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرىلىشىگىمۇ پايدىسىز . 
     

       قوي گۆشى 

       قوي گۆشى بولسا دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق يىمەكلىكىدىن بىرى ، قوي گۆشى باشقا گۆشلەرگە قارىغاندا يۇمشاق ، ھەم باشقا گۆشلەرگە قارىغاندا ماي قاتارلىقلار ئاز . قوي گۆشىدە ئاقسىلنىڭ مىقدارى كۆپ ، ماي ئاز ، ۋىتامىن B1 ، B2 ، B6 ۋە تۆمۈر ، سىنىك قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى ئىنتايىن كۆپ . گۆش يۇمشاق بولۇپ ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق ، قوي گۆشىنى كۆپ يىگەندە بەدەننىڭ ئىمونىت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . قوي گۆشىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى كالا گۆشىگە قارىغاندا كۆپ بولۇپ ، قىش ۋە كۈز كۈنلىرى يىيىشكە ئىنتايىن ماس كىلىدۇ .
     

             كۆرۈلۈشى:1718     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-11-20 13:41:22يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
     
     

    يېڭى تېمىلار

     

    توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
    10 مىڭ تىللاغا ساتما..
    تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
    فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
    ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
    Intel نىڭ Windows 8 ..
    تەۋسىيە تېمىلار

     

    ھاياتلىقتىكى 10ساقلى..
    مۇنۇ 14 خىل ئۇخلاش ئ..
    ئېلېكتىرونلۇق تاماكى..
    راك كېسىلى پەيدا قىل..
    سىزنى دىۋىدەك ئۇخلىت..
    توڭلاتقۇدىن ئۈنۈملۈك..

    شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682