دۇنيادا ئەمگەك قىلماي ئەمگەك مېۋىسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
دۇنيادا ئەمگەك قىلماي ئەمگەك مېۋىسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ

ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى خەلقنى سۆيىدىغان بىر دانىشمەن پادىشاھ بولغان ئىكەن ، ئۇنىڭ داھىيانە رەھبەرلىك قىلىش ئاستىدا خەلقنىڭ قورسىغى توق كىيىمى پۈتۈن بولۇپ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن ، يىراقنى كۆرەر بۇ دانىشمەن پادىشاھ ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن خەلقىنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرايدىكەن .شۇڭا ئۇ ئەل ئىچىدىكى بىلىملىك كىشىلەرنى يىغىپ ئۇلارغا خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى مەڭگۈ بەختلىك قىلالايدىغان تەدبىر تېپىشنى تاپىلاپتۇ .
 بىر ئايدىن كېيىن ئۈچ بىلىمدان كىشى ئالتە سۇڭ چوڭلۇقتىكى ئۈچ يىپەككە كۆچۈرۈلگەن كىتابنى پادىشاھقا تەقدىم قىپتۇ ھەم مۇنداق دەپتۇ : « پادىشاھىي ئالەم ، جاھاندىكى بارلىق بىلىملەر مۇشۇ ئۈچ كىتابقا مۇجەسسەملەنگەن ، خەلقلەر مۇشۇ كىتابلارنى ئوقۇپ بولسا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى غەم – ئەندىشىسىز ئۆتىدۇ دەپتۇ .»
پادىشاھ بۇ كىتابلارنىڭ بۇنچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەپتۇ ، يەنە كېلىپ خەلقلەرمۇ شۇنچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ تۈگىتىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلاپتۇ ۋە بىلىمدان كىشىلەرنى يەنە داۋاملىق ئىزدىنىپ بېقىشقا بويرۇپتۇ .ئىككى ئايدىن كېيىن بۇ كىشىلەر ئۈچ كىتابنى ئىخچاملاپ بىر كىتاب قىلىپ تۈزۈپتۇ ۋە بۇ كىتابنى پادىشاھقا سوۋغا قىپتۇ ، ئەمما پادىشاھ يەنىلا رازى بولماپتۇ . بىر ئايدىن كېيىن بۇ كىشىلەر بىر ۋاراق قەغەرنى پادىشاھقا سۇنۇپتۇ ، بۇ چاغدا پادىشاھ ناھىيىتى خۇشاللىق بىلەن قەغەزنى قوبۇل قىلىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ ، «
ئىشىنىمەنكى خەلقىم مۇشۇ پاراسەت دەستۇرىغا ئىگە بولالىسىلا كېيىنمۇ داۋاملىق بەخت – سائادەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ » پادىشاھ خۇشاللىق بىلەن بۇ بىلىملىك كىشىلەرنى ئېسىل بۇيۇملار بىلەن تارتۇقلاپتۇ ، كېيىن پادىشاھ قەغەزنى ئېچىپ قارىسا قەغەزدە :« دۇنيادا ئەمگەك قىلماي ئەمگەك مېۋىسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ .» دەپ يېزىقلىق ئىكەن .
نۇرغۇن كىشىلەر تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشنى ئويلايدۇ ، بىراق نۇرغۇن ئىشلارنى سەمىمىيلىك بىلەن ئاخىرىغىچە تىرىشقاندىلا ئاندىن نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ، ئەگەر سىز ئۇستىلىق قىلىدىغان ۋە ئامەت كۈتىدىغان ئىدىيىدە بولسىڭىز ئېنىقكى ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيسىز ، ئەمدى داۋاملىق لاتارىيە چۈشى كۆرمەڭ ياكى ۋاقتىڭىزنى قىمار ئۈستىلىگە ئاتىۋەتمەڭ ،  بۇنداق بىر كېچىدە بېيىش ۋە تەرەققىي قىلىش چۈشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ تىرىشىشى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى پۇتلىكاشاڭ ھېسابلىنىدۇ .
         كۆرۈلۈشى:1228     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-29 13:27:38يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

10 مىڭ تىللاغا ساتما..
ناھايىتى ئېسىل نەسىھ..
بۇ سەككىز سوئال سىزن..
سۈننەت تويلارغا ئۆزگ..
ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنى..
ئېسىڭىزدە بولسۇن .....

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682