ھىكمەتلىك ھىكايىلەر (3) - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ھىكمەتلىك ھىكايىلەر (3)

 

يەتتىنچى   ھىكايە :
بىر ئادەم كېچىدە ماشىنىسىنى ھەيدەپ تۆت كوچا ئېغىزىدىن ئۆتۈپتۇ ، ئۇ ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتەي دەپ تۇرۇشىغا سېرىق چىراغ قىزىل چىراغقا ئالمىشىپ قاپتۇ ، ئۇ بەرىبىر باشقا ماشىنا بولمىغاندىن كېيىن ئۆتۈپ كېتىۋېرەيچۇ دەپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ ، ئويلىمىغان يەردىن ساقچى پەيدا بولۇپ ئۇنى توسىۋاپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن سوراپتۇ :
- ئەپەندىم ، سىز قىزىل چىراغنى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟
- كۆردۈم ،
- ئەمىسە ، نېمىشقا قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىسىز ؟
- چۈنكى مەن سىزنى كۆرمەپتىمەن ئەمەسمۇ ، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ھېلىقى كىشى .
بىز تۇرمۇشىمىزدا مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا دائىم ئۇستىلىق بىلەن باھانىدىن بىرنى تېپىپ ئاۋارىچىلىكتىن ئاستىلا قۇتۇلۇپ كېتىشنى ئويلايمىز ، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىمىزنى ئىنىسى – جىن تۇيمايدۇ دەپ بىلىمىز ، ئەمەلىيەتتە ئاينى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمىغاندەك بىز قىلغان گۇمانلىق ئىشلار ھامىنى ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ ، بىز يېقىنقى كۈنلەردىكى قىلغان ئىشلىرىمىزنى ئويلاپ باقايلى، قىلغان – ئەتكەنلىرىمىز ئىچىدە گۇمانلىق ئىشلار كۆپمىكەن ؟ ياكى سىز شۇ ئىشلار ئۈچۈن باھانە – سەۋەب ئىزدەپ ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئاندىن باشقىلارنى ئالداپ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراش يۈرۈۋاتامسىز ؟
سەككىزىنچى ھېكايە :
ناھايىتى يىراقتىكى بىر خىلۋەت كىچىك بازاردا ئىككى رادىئو ئىستانسىسى بار ئىكەن ، بۇنىڭ بىرىدە  مەخسۇس داڭلىق شەخسلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلىتىدىكەن ياكى مودا ناخشىلارنى تەرتىپكە تىزىپ ئۈزۈلدۈرمەي شۇنى ئاڭلىتىدىكەن ، شۇڭا بۇ ئىستانسىنىڭ ئاڭلاش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن ، يەنە بىر رادىئو ئىستانسىسى بولسا مەخسۇس مىترولوگىيىدىن خەۋەر بېرىدىكەن ، بۇ ئىستانسىنىڭ ئاڭلاش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ پەقەت بىر توپ كىشىلەرلا ئاڭلايدىكەن .
بىر كۈنى كەچتە مىترولوگىيە ئىستانسىسى شامال كۈچى يۇقىرى بولغان قارا قۇيۇندىن مۇداپىئەلىنىش توغرىلىق جىددىي مەلۇمات تارقىتىپتۇ ۋە بازاردىكى ئاممىنى تارقاقلىشىشقا چاقىرىپتۇ . بۇ خەۋەرنى پەقەت بىر توپ كىشىلەرلا ئاڭلاپتۇ ، ئۇلار دەرھال تەشكىللىنىپ بازار باشلىقىنى ئىزدەپتۇ ، بەزىلىرى كوچىغا چىقىپ قوڭغۇراق چېلىپ كىشىلەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپتۇ ، بەزىلىرى يەنە بىر رادىئو ئىستانسىسىغا بۇ خەۋەرنى ناخشا ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە ، بۇ خەۋەرنى كۆپچىلىككە تارقىتىپ ئۇلارنى  قۇيۇندىن مۇداپىئەلىنىشكە چاقىرىش تەكلىپىنى بېرىپتۇ ، ئەمما بازار باشلىقى : بۇ بازارغا ئەزەلدىن قارا قۇيۇن كەلگەن ئەمەس ، قۇيۇن توغرىسىدىكى مەلۇمات خاتا بولۇپ قالغان ياكى ئىككىنچى رادىئو ئىستانسىسى ئاڭلاش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قەستەن يالغان خەۋەر تارقاتقان دەپتۇ ، قوڭغۇراق چېلىپ خەۋەر تارقاتقان كىشىلەرنى بولسا ئەخمەقلەر دەپتۇ . بۇ ۋاقىتتا بىرىنچى ئىستانسا يەنىلا داڭلىق شەخسلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىتىۋاتقان بولۇپ ھايات – مامات توغرىسىدىكى بۇ « خەۋەر » نى ئاڭلىتىشنى خالىماپتۇ ، شۇ كۈنى كېچىسى دەھشەتلىك قارا قۇيۇن كېلىپ ئانچە تەييارلىقى بولمىغان بۇ بازارنى تۈپتۈز قىلىۋېتىپتۇ ، كېيىنكى كۈنلەردە  كىشىلەر بۇ يەردە بىر بازارنىڭ بولغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن . شۇنداق قىلىپ بۇ كىچىككىنە بازار ناھايىتى تېزلا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كېتىپتۇ .
 بەلكىم ، بىزنىڭ ھەر بىر كۈنىمىز ھاياتىمىزدىكى ئاخىرقى كۈن بولۇشى مۇمكىن ،ھەر بىر كۈنىمىزنى سەگەكلىك بىلەن ئۆتكۈزەيلى ، تۇرمۇشىمىزدىكى بىز كىچىك دەپ قارىغان بەزى « ئىشلار » بەلكىم ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن .
توققۇزىنچى ھېكايە :
بىر يالغۇز كىشى تېلېۋىزىيە ئېلانى كۆرۈپتۇ ، ئېلاندا « بۇ تېلېفوننى سېتىۋالسىڭىز نۇرغۇن دوستلارغا ئىگە بولىسىز ! » دېيىلگەن ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تېلېفون سېتىۋاپتۇ ۋە كۆڭلىدە نۇرغۇن دوستلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىزدىشىنى ئۈمىد قىپتۇ ، كۈندۈزى ئۇ تىرىشىپ خىزمەت قىپتۇ ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تېلېفونىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ ئەمما يەنىلا يالغۇز ۋە جىمجىت قاپتۇ . بىر كۈنى ئۇ رادىئو سېتىش توغرىسىدا ئېلان كۆرۈپ قاپتۇ ، ئېلاندا رادىئويىڭىز بولسىلا نۇرغۇن دوستلىرىڭىز بىلەن بىللە خۇشال مىنۇتلارنى بىللە ئۆتكۈزەلەيسىز دېيىلگەن ئىكەن ، ئەمما ئۇ رادىئو سېتىۋالغان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا شۇ قۇپقۇرۇق ئۆيىدە يالغۇز قاپتۇ .
 ئەمەلىيەتتە ، تېلېفون بولسىلا دوستىڭىز بولمايدۇ ، ياكى پۇلىڭىز بولسىلا دوستىڭىز بولمايدۇ ، قەلبىڭىزدە سەمىمىي بىر يۈرەك بولسىلا ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلسىڭىز ۋە ياردەم بەرسىڭىز باشقىلارنىڭ ئىللىقلىقىغا ئېرىشەلەيسىز ھەم نۇرغۇن دوستلارغىمۇ ئېرىشەلەيسىز .

         كۆرۈلۈشى:1242     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-8 15:49:35يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

10 مىڭ تىللاغا ساتما..
ناھايىتى ئېسىل نەسىھ..
بۇ سەككىز سوئال سىزن..
سۈننەت تويلارغا ئۆزگ..
ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنى..
ئېسىڭىزدە بولسۇن .....

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682