ئۇ ئەسلىدە بىر شائىر ئىدى ، ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ھېچكىم ياقتۇرمىغاچقا ئۇ ئامالسىز ئىجادىيەت قىلىشتىن توختاپ ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندى ، ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ھاياتلىقنى بىر مەيدان چۈشكە ئوخشاتتى ،ئۇ ئۆلۈم چۈشنىڭ باشلانمىسى دەپ ئويلىدى ۋە ئاخىرى ئۆلۈۋېلىشنى قارار قىلدى .ئۇ ئۆيىدىن بىر گۈرجەك ئېلىپ چىقىپ شەھەرنىڭ سىرتىغا بېرىپ ئۆزىگە بىر قەبرە قازدى ، قەبرىنى قېزىپ بولۇپ ئۆزىنىڭ قېلىن ئۈچ كىتاب چىققۇدەك قېلىن شېئىرلار توپلىمىنى ئېسىگە ئېلىپ قالدى ، بۇ شېئىرلار ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق قان – تەرىنىڭ نەتىجىسى ئىدى ، ئۇ ئۆلۈم ئالدىدا بۇ قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىشنى قارار قىلدى ۋە ئەسەرلىرىنى ئەكىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتتى ، ئۇ ئەسەرلىرىنى ئېلىپ قايتىپ كەلگىنىدە ئىنتايىن ھەيرانلىق ئىلىكىدە بىر ۋەقەنى بايقىدى : بىر توپ كىچىك بالىلار ناھايىتى خۇشال – خۇرام ھالدا ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدە ئويناۋاتاتتى ، قارىماققا ئۇلار ئۇزۇن – قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغان تاياقچىلارنى قەبرىنىڭ ئۈستىگە قاداپ قېلىن ئوت چۆپلەر بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىنى يېپىۋاتاتتى ، ئارقىدىن بۇ « بازىسى » نىڭ ئۈستىگە توپا تاشلاۋاتاتتى .شائىر :-سىلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر ؟ دەپ سورىدى بالىلاردىن .- بىز قەلئە ياساۋاتىمىز !بالىلار بىر تەرەپتىن توپا تاشلىغاچ بىر تەرەپتىن جاۋاب بەردى . - قەلئە ؟ سىلەرچە مۇشۇنداق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ ؟دەپ سورىدى شائىر .- « ئەھمىيىتى ؟ ئۇ قانداق نەرسە ؟ ئوينايدىغان نەرسىمۇ ياكى يەيدىغان نەرسىمۇ ؟» بالىلار قىزىقىپ كۆزلىرىنى چىمچىقلاتقان ھالدا شائىردىن تەڭلا سوراشتى ، ۋە مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى ، بىزنىڭ قەلئەيىمىز ھازىرلا پۈتىدۇ ، بىز بۇنى پۈتتۈرۈپ بولساق يەنە بىرنى ياسايمىز ، بولمىسا سىزمۇ بىزنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلامسىز يا ؟ بۇ ناھايىتى قىزىقارلىق !» بالىلار ساددىلارچە شۇنداق دېيىشتى .بالىلارنىڭ غەم – ئەندىشىسىز ھالىتىنى كۆرۈپ شائىر تۇيۇقسىز بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەندەك بولدى :« ھاياتنىڭ مەنىسى ئەسلىدە ئىش قىلىشتا ئىكەن ، ئىش قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن خۇشاللىققا ئېرىشىشتە ئىكەن !» بۇ ھېكايە بىزگە شۇنداق بىر ھېكمەتنى بىلدۈرىدۇ ، ھېچنېمە ئىش قىلماي ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئويلانساق ئاخىرىدا ئۆزىمىزنى تەگسىز بىر ھاڭغا باشلاپ بارىمىز ، ئەكسىچە زېھنىمىزنى ئۆز ئالدىمىزدىكى كىچىككىنە ئىشلارغا سەرپ قىلساق ھاياتىمىزغا بىر ئاكتىپ جاۋاب تاپالايمىز .
يېڭى تېمىلار
شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号