كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋالسىڭىزلا ھېسابمۇ؟ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋالسىڭىزلا ھېسابمۇ؟

 

خىزمەتدىشىم بىلەن يېزىغا كەلدۇق، ناھىيە مەركىزىدىكى مېھمانخانىدا تۇرساق، ھەركۈنى بېرىپ-كېلىش ئۈچۈنلا تۆت سائەت كېتەتتى. شۇڭا مېھمانخانىدا تۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ، تەكشۈرۈش نۇقتىمىز بولغان مەھەللىدىكى بىرەرىنىڭ ئۆيىدىلا تۇرماقچى بولدۇق. خىزمەتدىشىم ناتونۇش بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە كىرىپلا بىزنى كۈتۈۋالغان ئايالنى قۇچاقلاپ مەڭزىگە سۆيۈپ سالاملاشتى. ئۇنىڭ قىلىقلىرى ئالدىدا بۇنداق يېقىنچىلىقنى ئوخشىتىپ قىلالمايدىغان مەن بويۇق قىسىپ قالدىم.
بىر كۈنلىك پائالىيەتتىن كېيىن ئۆيىمىزگە قايتىپ كەلدۇق. ئۇ يەنە بوسۇغىدىن ئاتلاپلا ئايالنى قۇچاقلىۋالدى ھەم :« سىلىنى بەك كۆرگۈم كەلدى، سىلى خۇددى ئاپامدەكلا ئىللىق چىراي ئىكەنلا، مەن سىلىنى ئاپا دەپ چاقىراي»دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن ئەجەبمۇ چىقىشقان قىز ئىكەن، دەپ ئويلىدىم. ئايالنىڭ چىرايىدىكى ئىپادىدىنمۇ ئۇنىڭ مەمنۇن بولغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى.
جىمجىت كېچە، ئۇ تېلىفۇندا لايىقى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئۆيدە ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم بولمىغاچقا، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسلىققا ئامالىم يوق ئىدى.
- بىر كۈن سىرتتا يۈرۈپ بەك ھېرىپ كەتتىم، ھاۋا بەك ئىسسىق، ئېغىر سومكامنى ئارتىپ پىيادە يۈردۈم، يا مەندىن ئەھۋال سپراپمۇ قويمايسىز...
ئۇنىڭ ئەركىلىگەن ئاۋازى خۇددى ماڭا دەۋەتقاندەكلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئەركىلەش، مۇھەببەت، ئاغرىنىش ئارىلىشىپ كەتكەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. ئەتىسى پۇرسەت تېپىلغاندا، ئۇنىڭغا:« باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشالايدىكەنسىز»دېدىم.
-چىرايلىق گەپ دېگەن ئېغىزىڭىزنىڭ يېلى، خەقنى خۇشال قىلىدىغان گەپنى قىلغىنىڭىزغا ھېچنېمە خوراپ قالمايدۇ، -دېدى ئۇ پەرۋاسىزلا.
- بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ بىز تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى، شۇڭا بىزدىن ھېچنېمىسىنى ئايىمىدى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
-ۋاييەي، ئۇ ئايالنى يالغاندىن ئوبدانكەنسىز، چىرايلىقكەنسىز، دەپ ماختاپ قويمىساق، بىزنى ھازىرقىدەك كۈتەمتى؟ بۇ يەردىن كەتسەم كىم تونۇيتتى ئۇلارنى.
-يىگىتىڭىزگىغۇ سەمىمىيدۇرسىز؟
-ئوغۇل بالا دېگەنگە شۇنداق ئەركىلەپ بېرىش كېرەك. چىرايلىق سۆزلەرنى قىلسىڭىز خۇش بولمايدىغان كىم بار؟
ئۇنىڭ جاۋابى مېنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئەجەبا ئۇ ساددا، ئاق كۆڭۈل شۇ كىشىلەرگە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈنلا شۇنداق مۇئامىلە قىلغانمىدۇ؟ ئەڭ مۇھىمى ئۇنى قەلبىدە مەشۇقى ھېسابلاپ يۈرگەن يىگىتنىڭمۇ ھېسىياتى بىلەن ئويناشقانمىدۇ؟« چىرايلىق گەپ بىلەن ئىشىم پۈتسە بولدىغۇ، باشقىسىنى ئويلاپ نېمە قىلىمەن« ئەتە كىم بار، كىم يوق!»ئۇنى بۇ گېپى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىدى. ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۇئال سورىغۇم كەلمىدى، ئۇنىڭغا قارىغانچە كۆزۈمگە ھېسىيات ئوغرىسىدەكلا كۆرۈنەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تېلىفۇنىدىكى ۋە يۈزتۇرانە ئېيتقان شېرىن سۆزلىرى قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەكلا ئاڭلىنىدىغان بولدى.
ئەمەلىيەتتە، باشقىلارغا سەمىمىي ھېسىياتىڭىز بىلەن قانچىلىك مېھىر -مۇھەببەت بەرسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزگە شۇنچىلىك نەرسە قايتۇرىدۇ. مۇھەببىتىنى بېغىشلايدۇ. بەرمەي تۇرۇپ ئېرىشىمەن دېيىش ئەخمەقنىڭ خىيالىدۇر، شۇڭا ئۆزىڭىز ھەم باشقىلارنىڭ ھېسىياتىنى ئوغرىلاشتىن ساقلىنىڭ.


                                                                                                        ــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

         كۆرۈلۈشى:1487     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-7-26 20:23:38يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

10 مىڭ تىللاغا ساتما..
ناھايىتى ئېسىل نەسىھ..
بۇ سەككىز سوئال سىزن..
سۈننەت تويلارغا ئۆزگ..
ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنى..
ئېسىڭىزدە بولسۇن .....

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682