تاڭ سىڭ سۈن ۋۇكۇڭغا نىمىشقا شۇنچە ئۆچ؟ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
تاڭ سىڭ سۈن ۋۇكۇڭغا نىمىشقا شۇنچە ئۆچ؟

ئاپتورى  يى جىيەنمىڭ
فىليەتون
«غەربكە ساياھەت» تىلۋىزىيە تىياتىرىدا تاڭ سىڭ بىر نەچچە قېتىم سۈن ۋۇكۇڭنى قوغلىۋىتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىپىك بولغان« پاسىق سۆڭەك ئالۋاستى بىلەن ئېلىشىش»دا تاڭ سىڭ ئۈچ قېتىم چەمبىرەك ئەپسۇنى ئوقۇپ، مايمۇننى 3 قېتىم قوغلايدۇ.ئاخىرى قىلچىمۇ رەھىم قىلماي  سۈن ۋۇكۇڭنى چىمەنتاغقا قايتۇرىۋىتىدۇ.
تاڭ سىڭ نىمە ئۈچۈن چوڭ شاگىرتىغا بۇنچىلىك ئۆچلۈك قىلىدۇ؟ بۇ پەقەت تاڭ سىڭنىڭ سۈن ۋۇكۇڭنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدەك شۇنداق ئاددىيمۇ؟ئۇنداق ئەمەس! خاتا چۈشىنىپ قىلىش پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈش ھەم باھانە تېپىش. ئەمەلىيەتتە تاڭ سىڭ ئۇزۇندىن بېرى رەھبەرنى كۆزگە ئىلماي، ماھارىتىنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرگەن سۇن ۋۇكۇڭدىن ئۆچ ئالماقچى.
نوم ئېلىش سەپىرىدە سۈن ۋۇكۇڭ يول بويى ماھارىتىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى. جىن -ئالۋاستىلار بىلەن تۇتۇشۇشماي تۇرۇپ،« پىقىر 500 يىلنىڭ ئالدىدا ئەرشنى مالىمان قىلغان سۈن ئەۋلىيا
ئەزەم بولىمەن» دەپ پو ئاتتى. ئالاھىدە ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە«72 خىل ئۆزگىرەلەيمەن»، «بىر موللاقتا 18 مىڭ ئالەمنى ئايلىنىپ چىقىمەن» دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتمىدى. بۇ گەپلەر بىر -ئىككى قېتىم بولسىغۇ بوپتۇ دېگۈلۈك. لېكىن ئۇ بۇ ئىشىنى توختاتمىدى. بۇقولىدىن ئىش كەلمەيدىغان رەھبەر بولغۇچى تاڭ سىڭغا نىسبەتەن نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ماھارىتىڭ بولسا بوپتۇ، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلساڭ بولدى.مەغرىپتىن -مەشرىققىچە ھەممىلا يەردە ئۆزۈڭنى داڭلاپ يۈرۈشنىڭ نە ھاجىتى؟بۇ رەھبەر بىلەن ئابروي تالاشقانلىق ئەمەسمۇ؟ بۇ «تەشكىلسىز»، «قائىدىسىز»،«رەھبەرسىز»ھالدا شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئىش بىجىرىش ئىستىلى.كىشىنىڭ ئەڭ زەردىسىنى قاينىتىدىغىنى پاسىق سۆڭەك ئالۋاستىنى تېپىش ئۈچۈن مىڭىشنىڭ ئالدىدا سۈن ۋۇكۇڭنىڭ يەرگە چەمبىرەك سىزىپ تاڭ سىڭنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغقانلىقى. رەھبەرنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۈۋۇكۇڭ تاڭسىڭنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەسلىكىنى بۇ ئۇسۇل بىلەن مەسخىرە قىلماسلىقى ئۇنى ئوڭايسىلاندۇرماسلىقى كېرەك ئىدى.

ئۈچ شاگىرت ئىچىدە،باجىي، شاسىڭلارنىڭ ماھارىتى ئۇستازىدىن ئۈستۈن. نىمە ئۈچۈن ئۇلار تاڭ سىڭنىڭ قوغلىشىغا ئۇچىرىمايدۇ؟ چۈنكى ئۇلار جىن-ئالۋاستىلار بىلەن ئېلىشقاندا ئۆزىنى داڭلىمايدۇ. باجىينىڭ قۇلىقى يۇمشاق، شاسىڭ يۇۋاش.باجىي ھەرقانداق ئىشتا تاڭسىڭدىن يوليورۇق سورايدۇ.قانداق ھەل قىلىش رەھبەرنىڭ ئىشى، ئۆز ھوقۇق دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئىشلارغا قول تىقماسلىق كېرەك. شاسىڭ تېخىمۇ شۇنداق.تاڭ سىڭ نىمە بۇيرۇسا شۇنى قىلىدۇ.پەقەت سۈن مايمۇنلا ئۆزى بىلگەننى قىلىدۇ،ماھارىتىنى كۆز -كۆز قىلىپ پۈتۈن ئالەمدە چۇقان -سۈرەن سېلىپ يۈرىدۇ. رەھبەر بىلەن ماسلاشمايدۇ.تاڭ سىڭ ئالتۇن بۇددا دىننىي مۇخلىسى تۇرۇپ نىمىشقا سۈن مايمۇنغا بۇنچىلىك ئاچچىقلانمىغۇدەك؟

         كۆرۈلۈشى:3206     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-2-8 17:10:28يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

قىزلارغا نەسىھەت!..
مۇھەببەتنىڭ ھەقىقي م..
ئاتا-ئانامنى يەنە قا..
«تۈركىيە فىلىملىرى ق..
مۇھەببەتنىڭ ئۆمرى..
باشقىلارغا تەسەللى ب..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682