لايىق ئىزدەش ئېلانى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
لايىق ئىزدەش ئېلانى
لايىق ئىزدەش ئېلانى


(فېليەتون)
بەھرىنىسا ئادىل دىلەفكار
(بىر يىگىتنىڭ تىلىدىن)
داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتكۈزۈپ، «يولۇم» غا تايىنىپ كۆڭۈلدۈكىدەك خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا بىر قانچە يىل بولغان، قاملاشقان يىگىتمەن. خىزمىتىمنىڭ بېسىمى يوق، ئاتا-ئانامنىڭ «قوللاپ-قۇۋەتلىشى» بىلەن باياشات بولساممۇ، توي ئىشىغا كەلگەندە بېشىم قېتىپ ساراڭ بولايلا دەپ قالدىم. نېمىشقا دەمسىلەر؟ ئەلۋەتتە مۇۋاپىق لايىق تاللىيالمىدىم.
ھەممىڭلار بىلىسىلەر، ئۆي-چاقىلىق بولۇش ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار ئىش. لايىق تاللىمىغاندا، ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغان گەپ. ھازىر ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولىدىغان جورىلارنى چۈشەنمەكمۇ تەسلىشىپ كەتتى. بىزگە ئوخشاش پۇلنى سۇدەك خەجلەپ ئوقۇغان «مەلۇماتلىقلار» لايىقنىڭ ياخشىسىنى تاپمىسا كۈلكىگە قالىدىغان گەپ.
ماڭا ئۇچرىمىدى ئەمەس، نۇرغۇن قىزلار ئۇچرىدى، ھېچقايسىسى كۆڭلۈمگە ياقمىدى. قانداقسىگە دېسىڭىز، چىرايى بولىدىغان، گەپ سۆزى ئورۇنلۇق، دېگەن قىزلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىزمىتى يوق ياكى مۇقىم ئەمەس. خىزمىتى، شارائىتى بولىدىكەن، دەپ قارىغانلىرىم تومپاي، مىجەزى غەلىتە بولۇپ چىقتى.
توۋا دەيمەن، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلار ئىچىدە قايسى قىز ھەممە يېرىنى ياپىدىغان كىيىم كىيىپ يۈرىدۇ دەيسىز؟! بەزىلەرنىڭ مىجەزىنى سورىمايلا قويۇڭ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى سىقىپ، ئەدەپلىك بولدۇم دەپ ئون ئېغىز گەپ سورىسىڭىز بېشىنى كۆتۈرمەي تىرنىقىنى تاتىلاپ ئاران بىر ئېغىز جاۋاب بەرگەن. ئوقۇغان، جەمئىيەت كۆرگەن قىز بالا دېگەن ئوچۇق-يورۇق، چاقماقتەك سۆزلەپ تۇرسا ئادەمنىڭ پاراڭلاشقۇسى، ئارلاشقۇسى كەلمەمدۇ؟
چىرايى، ئەخلاقى بولىدىكەن دەپ، خىزمىتى مۇقىم ئەمەس قىزلارنى تاللىغۇم تېخى كەلمىدى، چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە قۇرۇق ئەدەپ-ئەخلاق، ھاياغا قورساق تويامدۇ؟
قىسقىسى، ھازىرغىچە مۇۋاپىق لايىق تاپالمىغىنىم ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئېلاننى چىقاردىم.
لايىق ئىزدەش ئېلانى:
شەرتى: يېشى 35 تىن تۆۋەن، توي قىلمىغان بولۇشى، قانداق ئوقۇغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ دىپلوم ئالغان بولۇشى، كىرىمى قايسى مەنبەدىن كەلسۇن، مۇقىم خىزمەت ۋە يۇقىرى مائاشقا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ ئېلاننىڭ ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مەن توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ ئىلگىرى قانچە ئادەم بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكى، ئەخلاقى سۈرۈشتى قىلىنمايدۇ. يۇقىرىقى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىزلارنىڭ ئىككىلىنىپ، نازلىنىپ تۇرماي، تېزدىن ئالاقىلىشىشىنى تەقەزارلىق بىلەن كۈتىمەن... 

                                                                                               ___ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
         كۆرۈلۈشى:3440     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-1-7 16:54:41يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

قىزلارغا نەسىھەت!..
مۇھەببەتنىڭ ھەقىقي م..
ئاتا-ئانامنى يەنە قا..
«تۈركىيە فىلىملىرى ق..
مۇھەببەتنىڭ ئۆمرى..
باشقىلارغا تەسەللى ب..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682