ھۆرمەتلىك دادا:
ساڭا بۇ مەكتۇبۇمدا خۇش خەۋەر بەرمەكچىمەن. ئەسلىدە ئۆزۈم بارماقچىدىم، ئەمما بۇ مۇمكىن بولماي قالدى. چۈنكى مەن سىنىپنىڭ بىرىنچىسى بولدۇم، مەكتەپتىن مۇكاپات ئېلىش ئىشلىرى ئۈچۈن ياتاقتا قالدىم. راست دەۋاتىمەن، خاتا ئاڭلىمىدىڭ. سېنىڭ قىزىڭ بولۇشقا لايىق بىر بالا سۈپىتىدە مۇكاپاتمۇ ئالدىم. ئەمدى بۇرۇنقىدەك مەغلۇبىيەتچى ئەمەسمەن.
جېنىم دادا، ھېلىقى بىرگېپىڭ بار ئىدى، دائىم مېنى ئۇ دۇنيادىمۇ، بۇ دۇنيادىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى، ھەر قېتىم مەكتەپتىن قايتىپ كېلىشىمنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىدىغانلىقىڭنى، مېنى سېغىنىپ رەسىملىرىمنى كۆزلىرىڭگە سۈرىدىغانلىقىڭنى دەيتتىڭ... ساقلاپ تۇر دادا، ئاز قالدى تەتىلگە، تايچاقتەك سېنىڭ يېنىڭغا ئۇچىمەن تەتىل كېلىشى ھامان، يەنە نەتىجىلىرىم ئۈچۈن سېنىڭ تامىقىڭنى يېيىشكە ھەقلىقمەن.
ھۆرمەت بىلەن : قىزىڭ
ئالدى بىلەن بۇ ماقالىنى بىرباشتىن ئوقۇپ چىقىڭ ، ئاندىن قارا خەتلىك يېرىنىلا ئوقۇڭ ، بىر قىزىقارلىق بايقايسىز !