مۇھاببەت دەردى تارتمىغان كىم؟ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
مۇھاببەت دەردى تارتمىغان كىم؟
 

مۇھەببەت سەن مەندىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان ئىكەنسەن،مەنمۇ سەندىن ۋاز كەچمەي تۇرالمىدىم.

سېنىڭ مېنى ئالداۋاتقانلىقىڭنى،سېنىڭ مەندىن ئاللىبۇرۇن كۆڭلۈڭ سۇۋۇپ باشقا بىرىگە كۆڭۈل بېرىۋاتقنىڭنى،پەقەت مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ،مېنىڭ كۆڭلۈمگە ئازار بېرىشنى راۋا كۆرمەي،تىلىڭنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان سۆزنى چىقىرالمايۋاتقنىڭنى بىلىپ تۇرساممۇ،لېكىن ساڭا بولغان ئىشەنچەمنى يوقاتماي،كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،مەن يەنىلا ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرەي،بەلكىم كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ،ماڭا ئازراق بولسىمۇ كۆڭلى بۇلۇپ قالسا ئىمكانىيەت قالدۇراي دەپ،ساقلاۋاتقىلى توپتوغرا 5ئاي بوپتۇ،مەن چىدىدىم،بەك چىدىدىم،ئەپسۇس بىرقانچە كۈندىن بېرى سەن بىلەن تۇنۇشقاندىن تارتىپ مۇشۇ خەتنى يېزىپ قالدۇرغىچە بولغان ئارلىقتىكى كۈنلەرنى ئويلىسام،ھەم سېنىڭ چىقارغان قارارىڭنى ئويلۇنۇپ كۆرسەم سېنىڭ قارارىڭ توغرىكەن.چۈنكى سەن ئەمەلىيەتنى سۆزلەپسەن،سەندىن ئاغرىنمايمەن،پەقەت سېنىڭ قەلبىڭدە ماڭا نىسبەتەن بىر مەھەل مۇھەببەتنىڭ بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.ئاشۇ بىر مەزگىل سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن خۇشال چاغلارنى ئۆزەمگە ھەمرا قىلىپ ھىجران ياشلىرى بىلەن قەلبىمنى يۇيۇپ،ئۆتكۈزگەن خاتالىقلارنى قايتا سادىر قىلماسلىق ئۈچۈن ھەرۋاقىت تىرىشىمەن.كىشىلەر ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ،دەيدىكەن.بەلكىم باشقىلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دېگەن بولغىيدى.قېنى بىر مەزگىل بۇنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باقاي.ئۇنىڭ ئۈنۈمى بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، لېكىن شۇنى بىلىپ قال<بىلىپ سۆيگىن،كېيىن ئېچىنما.بىلىپ تاشلا،لېكىن سېغىنما>گۈلجەننەت سېنىڭ ماڭا مۇشۇنچىلىك قارارنى چىقارغۇدەك جۈرئەت ئاتا قىلغىنىڭغا مىڭ رەھمەت.بۇ جاھاندا كىم-كىمدىن ئايرىلمىغان، پەرھات-شېرىن،لەيلى-مەجنۇن،تاھىر-زۆھرەلەرمۇ بىر-بىرىدىن،ئاتا-ئانىلار باللىرىدىن،بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن، قوۋمى-قېرىنداشلار بىر-بىرىدىن ئايرىلىپمۇ چىدىغانغۇ،بۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئالدىدا بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز تېخى ئاجىز،بۇ پەقەت مىنىڭ بىر قېتىملىق ياخشى كۈرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان ئادەمنى ياخشى كۈرۈشتەك خاتالىقىم.بىر قېتىملىق ئېزىش،ئادەم يامان چۈش كۆرۈپ قېلىپ قورقۇپ ئويغۇنۇپ كېتىپ بىر دەمدىن كېيىن بۇ چۈشنى ئۇنتۇيدىغۇ، بەلكىم مەنمۇ سەندىن ئايرىلىپ بىر كۈن،ئىككى كۈن،ئۈچ كۈن........بىر يىلدا ئاندىن سېنى ئۇنتۇپ كېتەرمەن،ياكى بىر ئۆمۈر سېنى ئۇنۇتماسمەن،تۇخۇم چاققان قاچىنى ھەرقانچە پاكىزە يۇيسىمۇ ئۇنىڭ پۇرىقى قالىدۇغۇ،سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ قارا كۆلەڭگىسى قەلبىمدە قالسا بۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسقۇ.

مەھلىيا ئېيتقاندەك مەنمۇ ئوتتۇرمىزدا مۇھەببەت بولمىغان بولسا دوسلۇقىمىزنى بولسىمۇ ساقلاپ قالارمىز دەپ ئويلىغان،لېكىن دوسلۇقنى مۇھەببەتكە ئايلاندۇرغىلى بۇلىشى مۇمكىن.لېكىن مۇھەببەتنى دوسلۇققا ئايلاندۇرۇشقا كۆزۈم يەتمىدى.مەن يەنە سەن بىلەن دوسلۇشۇپ ئۆتۈپ،ئۆتكەن كۈنلەرنى ئويلاپ ئۆزەمنى قايتا ئازاپلاشنى خالىمىدىم. سەندىن ئايرىلىپلا ئۇنتۇپ كىتەي دەپ ئويلۇدۇم،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تارتقان ئازاپلىرىم ئايرىلىش ئازابى ئالدىدا ھېچ ئىش بولماسلىقى مۇمكىن.چۈنكى سېنىڭ ماڭا قىلغانلىرىڭ ھەممىسى ئۆزەڭگە ئايان،چۈنكى مەنمۇ بىر ئەقىل ئېگىسى، سەندەك ئالى مەلۇماتلىق بولمىساممۇ لېكىن ھەر ھالدا قۇلۇمنى يۇيۇپ نان يەيمەن،لېكىن مەن يەنىلا ساڭا چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ ھازىرغا كەلدىم.ئەمدى ھەرقانچە ئۇرۇنساممۇ بىكار ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم،چۈنكى چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ.مەن ئەزەلدىن بىر قولدىن چاۋاك چىققانلىقنى كۈرۈپ باقمىدىم،ھەم ئاڭلاپ باقمىدىم، پەقەت مەنمۇ مەھلىيا ئېيتقاندەك سۆيگۈ قەلەندەرى بۇلۇپ قېلىشنى خالىمايمەن،ھەم ئۆزەمگە تەۋە بولمىغان مۇھەببەتكە قول ئۇزاتمايمەن.كۆز ئالدىمدىكى مۇھەببەتنى قەدىرلەپ خار بۇلۇپ ئۆتۈشكە رازىمەنكى،مۇھەببەت خائىنى بۇلۇپ ئۆزەمگە خۇشاللىق ئىزلەپ ئۆز بەختىمنى ۋەيران قىلمايمەن.بۇ دۇنيا ئەشۇنداق تەڭسىز ئىكەن.ماڭا ئەقىدە قىلغان قىز بىلەن مىنىڭ كارىم يوق،ساڭا ھەقىقى كۆڭۈل بەرگەن،سېنى چىن دىلدىن سۆيگەن،ساڭا ھەقىقى ئەقىدە قىلغان مەن بىلەن سېنىڭ كارىڭ يوق.

مەنبە ئاتتەش 2010 .9.23
         كۆرۈلۈشى:2043     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-9-23 18:33:40يوللىغۇچى ئەزا:
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

قىزلارغا نەسىھەت!..
مۇھەببەتنىڭ ھەقىقي م..
ئاتا-ئانامنى يەنە قا..
«تۈركىيە فىلىملىرى ق..
مۇھەببەتنىڭ ئۆمرى..
باشقىلارغا تەسەللى ب..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682