چۇغلان مۇنبىرى، شائىر غۇجىمۇھەممەت مۇھەممەت ئەپەندىم بىلەن چۇغلان مۇنبىردە ،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شئريتى ھەققىدە كەڭ يازغۇچى شائىر، ئەدىبىيات ھەۋەسكارلىرنىڭ سۇئالىرىغا جاۋاپ بىرش پائالىيتى ئېلىپ بېرۋاتىدۇ ،ۋاقىتى 9چىسلاغىچە ئىكەن مۇشۇنداق پائالىيكە قاتنىشىشنى خالايدىغان ياكى كۈرۇشنى خالايدىغان دوسلارغا پايدىسى تىگەر دىگەن مەخسەتتە بۇ تېمىنى يۇللۇدۇم ، دۇسلارنىڭ كۈرۇپ بېقىشىنى ،سۇئال سۇراپ ئۈزبىلىمىنى تۇلۇقلىۋېلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن . چۇغلان مۇنبىرىنى ئادىرسى
http://www.qoghlan.co
چوغلان ئىجادىيەت مۇنبىرى ئەدەبىياتتىكى پاراڭلار غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت بىلەن چوغلاندا سۆھبەت
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شىئىرىيتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت بىلەن 2010- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى چوغلان ئىجادىيەت مۇنبىرىدە ئوچۇق ئاشكارە ھالدا يىزىقچە سۆھبەت ئىلىپ بىرىلدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم غوجىمۇھەممەت.
تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر شىئىرىيتى توغىرىسىدا سىزدىن سورايدىغان بىرقانچە تۈرلۈك سۇئاللىرى بار ئىكەن. جاۋاپ بىرىشنى خالامسىز؟
جاۋاپ بىرىشنى خالىسىڭىز ئاستىدىكى سۇئاللارغا ئىنكاس شەكىلدە جاۋاپ قايتۇرۇڭ. !
بىرقىسىم يازغۇچى شائىر ئەدىبىيات ھەۋەسكارلىرنىڭ سورغان سۇئاللىرى .
1. ئاۋۋال ئۆزىڭىز ھەققىدە ئازراق توختىلىپ باقامسىز؟
2. شىئىرنى بەزىلەر مەنا سەپىرى دەپ ئاتىسا يەنە بەزىلەر تۇيغۇ سەنئىتى، يەنە بەزىلەر قوراشتۇرما سەنئەت دەپ قارايدىكەن، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
سوئال سوراش2010- يىلى 7- ئاينىڭ 8- كۈنى كەچكىچە بولىدۇ. 9-چىسلا بۇ تىما تاقىلىدۇ .
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەد، ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
I
فەقىر ئالدى بىلەن ئۇستازنىڭ تەلىمىگە مۇيەسسەر بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن چوغلان ئىجادىيەت مۇنبىرىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن!
فەقىردە سىزدىن سوئال سورىغىدەك سالاھىيەت ھەم ئىقتىدار يوق، شۇنداقتىمۇ ئىزىڭىزنى بويلاپ شېئىرىيەتنىڭ گۈزەل مەنزىلىگە ئىنتىلىش ئىستىكى فەقىرنىڭ كۆڭلىدە غەليان كۆتۈرگىلى ئۇزۇن بولدى، شۇڭا بۇ ياخشى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تۇرۇپتىمەن. سىزدىن سوراپ باقسام:
1. سىزنى شېئىرىيەت مەنزىلىگە باشلاپ كىرگەن قايسى ئىلھام ۋە قانداق كۈچتۇ؟
2. سىز ئادەتتە قانداق ۋاقىتلاردا ئىجادىيەت قىلىسىز؟ شېئىر يېزىش، سىزدەك كىشىگە لەززەت ئاتا قىلغۇدەك مىسرالارنى پۈتۈش ئۈچۈن قايسى ۋاقىتتا ئىجادىيەت قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايسىز؟
3. سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئاجايىپ ھاياجان بىلەن سۆيۈپ ئوقۇغاندىن سىرت، ئەرنىڭ ئىپپىتى دېگەن نەسىرىڭىزنى ئىنتايىن ياخىش كۆرىمەن. سىز بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كاللىڭىزدا تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، قۇرۇلمىسىنى كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن ئاندىن قولىڭىزغا قەلەم ئالامسىز، ياكى قەلىمىڭىزگە بويسۇنۇپ يېزىپ چىقامسىز؟
4. فەقىرنىڭ ئەدەبىياتقا مۇھەببىتىم چوڭقۇر. بۇ چىرايلىق يولغا قەدەم باسقان كۈنۈمدىن باشلاپ، پروزا ئىجادىيىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتىمەن، يېقىندىن بېرى قەلبىمدە شۇنداق بىر ئىستەك پەيدا بولۇپ قالدى ــ قەلبتە يىغىلىپ قالغان گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارنى پروزىغا قارىغاندا، مىسرالاردا ئەينەن، ھاردۇقى چىققۇدەك ئىپادە قىلغىلى بولىدىكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇنى سىزنىڭ ھەم باشقا ئۇستازلارنىڭ شېئىرلىرىنىدىن ئالغان ئىستېتىك زوقتىن تونۇدۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن قايسى قەدەملەرنى پۇختا بېسىشىم كېرەكتۇ؟ تەلىم بەرگەن بولسىڭىز.
ئاخىردا تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك، تۇرمۇشىڭىزغا بەخت، ئىجادىيىتىڭىزگە تېخىمۇ كاتتا ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!
1. شېئىرىيەتتە كىملەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىدىم دەپ قارايسىز ؟
2. ھازىرقى شېئىر ئىجادىيىتىڭىز قايناق بىر مەزگىلدىن كىيىنكى سۈكۈت پەسلىگە كىردى دەپ قارامسىز ؟
3. سىز شېئىرىيەتنىڭ جېنىنى مەنادا دەپ قارامسىز شەكىلدىمۇ ؟( سۆز )
4. شېئىرغا بولغان قارىشىڭىز قانداق ؟ ( مەسىلەن: شېئىرنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ داۋامى دەپ قارامسىز بىر قىسمىمۇ ؟) ]
5. شېئىردا پەلسەپە، ئىدىيە بولۇشى كىرەكمۇ؟
6. شېئىرىي ئىلھامنى نەدىن ئالىسىز ؟
7. شېئىرلىرىڭىزدىن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىڭىز قايسى ؟ !
8. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە يەنە نىمىلەر كەمچىل؟
9. زامانداش شائىر-شائىرەلەرگە دەيدىغىنىڭىز بارمۇ
مەنمۇ بىر قانچە سوئال سۇراپ باقسام بولامدۇ.
1-سىز ھازىرقى زامان شېرىيتىمىزگە قانداق قارايسىز؟
2 تورئەدىبىياتى بىلەن يېزىق ئەدىبىياتىنڭ پەرقى ۋە مۇناسىۋ ئېتى قانداق دەپ قارايسىز؟ :
3 - بىزنىڭ يېزىق ئەدىبىياتىمىزدا ساقلانغان مەسىلە نىمە دەپ قارايسىز؟
4- تەخەللۇس قۇللۇنىش بىلەن ئىسىم ئىشلىتش ھەققىدە بىر نەرسە دەپ باقسىڭىز ؟
مەنمۇ سوراپ باقاي
1.شېئىر شائىرنى قايەرگە ئېلىپ بارىدۇ؟
2.شېئىر يېزىش جەريانىدا بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئاللىبۇرۇن ئۆزىڭىزنىڭ كىملىك مۇنارىڭىزنى تىكلەپ قويدىڭىز،لېكىن ئۆزىڭىزنىڭ قەلبىدىكى ئۆزىڭىز ھەققىدە خىيال سۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ سىزچە بۇ غوجىمۇھەممەت زادى كىم؟
3.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سىز ۋە بىر نەچچە قۇرداشلار ئۆزئارا بىرلىشىپ ئايدا 10 پارچە شېئىر يېزىشنى ئۆزۈڭلارغا قىلمىسا بولمايدىغان ۋەزىپە قىلىپ بېكىتىۋاپسىلەر.بۇ بىر تەرەپلىمە ياخشى ئىش بولسىمۇ،يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ،بولۇپمۇ شېئىرنىڭ تەبئىيلىكى ۋە ئۇنىڭ زورۇقۇش بىلەن مەڭگۈ چىقىشالماسلىقىدەك تەبىئىتى ئالدىدا بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق شېئىرنى ۋاقىتسىز روياپقا چىقىرىش<<مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرگەنلىك>>بولۇپ قالماسمۇ؟...سىزچە شائىرنىڭ ۋەزىپىسى نىمە؟ئۇ چوقۇم يىلدا 120 پارچە شېئىر يېزىشى كېرەكمۇ؟
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولسۇن.داۋامى بار
غوجى ئاكا ،سىزمۇ «شئىر بىزنى قۇتۇلدۇرىدۇ »دەپ قارامسىز؟
ئىككىنچى سۇئالىم:سىز شئىرىيئىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ،بۇلۇپمۇ 80-يىللاردىن كىيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئەدە بىياتقا تۇتقان مۇ ئامىلىسىگە قانداق قارايسىز؟
شائىرنىڭ سۇئالغا بەرگەن جاۋاپلىرى .
ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىينىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب
1. ئاۋۋال ئۆزىڭىز ھەققىدە ئازراق توختىلىپ باقامسىز؟
جاۋاب: مۇنبەردە تەرجىمھالىم تونۇشتۇرۇلۇپ بولدى، سۈرىتىممۇ چاپلاندى. سىلەر ئاشۇ ئورۇق ۋە ئىگىز، چىرايىدىن غەم- قايغۇ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كىشىنىڭ غوجىمۇھەممەد ئىكەنلىكىنى ئاللىقىچان بىلىپ بولدۇڭلار. ئۇنىڭ ئۆزى يوللىغان ۋە باشقىلار چاپلىغان نەچچە ئون پارچە شېئىرىدىن ئۇنىڭ شېئىرى تالانتىنىڭ ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئەمەسلىكىنىمۇ ھىس قىلىپ يەتتىڭلار. ئۇ تاسادىپىي ئامەت بىلەن شېئىرخۇمار خەلقىنىڭ بىر مەزگىل «غوجىمۇھەممەد قىزغىنلىقىنى» كۆتۈرۈشى ئارقىلىق خىلى نامى بار شائىرلاردىن بولۇپ قالدى. بىراق ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرى يۇلتۇزلاردەك كۆپ بولسىمۇ قۇياش بولۇشتىن خىلىلا يىراق. ئاسماندىكى ھەممە يۇلتۇزلار بىرلىشىپمۇ قۇياشقا تەڭ بولالمايدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان. ئۇ شېئىرىيەت سورۇنلىرىدا، مەتبۇئاتلاردا، مۇنبەرلەردە يەتكۈدەك ماختاپ ئۇچۇرۇلدى. ھەر قىتىم ماختالغاندا ئۇ تارتىنىپ،قىزىرىپ تۇرۇپ ئىچىدە يوشۇرۇن تەنتەنە قىلدى. گاھىدا ئۇ ئۆزىنى ھەقىقەتەن كاتتا شائىرمەن دەپ ئويلاپ ئۆز- ئۆزىدىن مەست بولدى... لىكىن ئۇنىڭ يالغۇز قالغاندا ئۆزىنى ۋىجدان تارازىسىدا جىڭلاپ كۆرۈپ ھەتتا ئۆزى ئىيتىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بىر جۈملە سۆزچىلىكمۇ ۋەزنى يوقلىقىنى بىلىپ قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى، ياقىسىنى پارە- پارە يىرتىپ نالە قىلغانلىقىنى سىلەر بىلمەيسىلەر... ئۇ بۇ مەخپىيىتىنى ھىچكىمگە دېمىگەن ئىدى. ئەيتاۋۇر، بۇ راسىت! ئۇ 39 يىللىق ئۆمرىنى بىر تىنىق- بىر تىنىقتىن ياشاپ توشقۇزدى. 20 يىلدىن بىرى بىر ھەرپ- بىر ھەرپتىن يېزىپ 2000 پارچىغا يىقىن شېئىرلارنى روياپقا چىقاردى. بۇلارنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئۇ مۇشۇنداق ياشىسا ھىچكىمگە زىيان تەگمەيدۇ. ناۋادا بىركىم ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق پايدا تاپماقچى بولسا، ئىنىقكى بۇ ئەڭ چوڭ زىيان. ئۇ ئەڭ زور، جاھىلانە تىرىشچانلىقى بىلەن داۋاملىق شېئىر يازماقچى. ياشايدىغانلار ياشاۋەرسۇن، ئۆلىدىغانلار ئۆلۈۋەرسۇن، ھەركىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشى بار. ئۇ شېئىر يېزىۋەرسۇن، يا ئەۋلىيا بولۇپ كېتەر، يا ساراڭ...
2. شىئىرنى بەزىلەر مەنا سەپىرى دەپ ئاتىسا يەنە بەزىلەر تۇيغۇ سەنئىتى، يەنە بەزىلەر قوراشتۇرما سەنئەت دەپ قارايدىكەن، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: شېئىر ھەققىدە تالاي شائىرلار تالاي تەبىرلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، بۇ تەبىرلەر بىر- بىرىدىن پاساھەتلىك ۋە ھەقىقى. مەن يەنە شېئىر توغرىلىق ھىچنىمە دېمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. ئۇنى كەتمەيدىغان، كەلمەيدىغان قىز دېسەم ئاراڭلاردا باش لىڭشىتىدىغانلار چىقماي قالمايدۇ. دىن مۇرىتى تەلىماتلارغا كۆڭۈل بەرگەنسىرى، تەگ- تېگىگە چۆككەنسىرى، چۈشەنگەنسىرى دىنسىز بولۇپ كەتكەندەك، شائىرمۇ شېئىرغا چوڭقۇرلىغانسىرى كائىناتنىڭ مەركىزىدە پەقەت ئۆزىنىلا كۆرىدۇ. ئۇ ئۆزىنى تىرىك دەپ ھېسابلىسا ئەتراپىدا ھاياتلىق بولىدۇ، تەقۋا بولسا يەتتىنچى ئاسماندا خۇدا بولىدۇ، ئىشەنسە ئۆلگەندىن كىيىن يەنە بىر دۇنيا بولىدۇ. شېئىر نىمە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر تۈگىمەيدىغان ئازاب. شېئىر بىزگە تۈگىمەيدىغان ئازابنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن خۇشالمىز. ئازابقا ئىرىشكىنىمىزدىن خۇشال بولالمىساق شېئىرغا يۈز كېلەلمەيمىز. شېئىرنىڭ ئازابى خۇددى تەڭرىگە ئاشىق بەندىنىڭ تۈگىمەس ئۆلۈملىرى...كىمنىڭمۇ ئۆزىنى ياراتقان مۇبارەك زاتنى كۆرۈپ باققۇسى كەلمىسۇ؟ بىراق بۇ ئۆلمەي تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشمىغاچقا شېئىر ئارقىلىق ئۆلۈمنى باشتىن كەچۇرۈۋاتقاندەك قىلىمىز. شېئىر ۋەتەنپەرۋەر بولمىغاچقا ئۇرۇش قوزغىمايدۇ، قان تۆكمەيدۇ، بەلكى ئۆلۈۋاتقان ئادەملەر، تۆكۈلۈۋاتقان قانلارغا قاراپ گۈزەل مىسرالارغا غەرق بولىدۇ. مەن بۇ قارىشىمغا قوشۇلۇڭلار دېمەكچى ئەمەس، چۈنكى مېنىڭ گەپلىرىم باش- ئاخىىر باغلاشمىغان، ئىنىق بىر مەقسەت مۇددىئاسىنى بىلگىلى بولمايدىغان، بەئەينى يوق گەپلەر... خۇددى شېئىردەك
نازىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب
1. سىزنى شېئىرىيەت مەنزىلىگە باشلاپ كىرگەن قايسى ئىلھام ۋە قانداق
جاۋاب: مەن شەرەپ بىلەن مېنى شېئىرىيەت مەنزىلىگە باشلاپ كىرگەن كۈچ ۋە ئىلھام- ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تېلىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان 32 ھەرپ دەيمەن. بۇ گەپ ماڭا خىلى قۇيۇق مىللەتپەرۋەرلىك تۈسىنى بېرىپ قويسىمۇ ماڭا تىكىلىپ تۇرغان سانسىز كۆزلەرنىڭ ئالدىدا يالغان ئىيتالمايمەن. پۈتكۈل ھاياتىمدا ئىچىمدىكىنى ۋە تېشىمدىكىنى مۇشۇ تىل ۋە يىزىق بىلەن ئىزھار قىلغىنىمغا ئوخشاش، ئۆلگەندىن كىيىنمۇ خۇداغا قىلمىش ئەتمىشلىرىمنى مۇشۇ تىل ئارقىلىق بايان قىلىدىغىنىم ماڭا ئايان. لەززەت بىلەن سۆزلەرنى چاينىغان ۋە ئىخلاس بىلەن ھەرپلەرنى ئوينىغان ۋاقتىمدا سۈرگەن راھەتنى خۇشاللىقىم يىغلاپ تۇرۇپ شېئىر پۈتتى. قەدىرلىك نازى، سىز مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا ھىچقانداق تىلنى بىلمەيدىغانلىقىمنى تىخى بىلمەيسىز...
2. سىز ئادەتتە قانداق ۋاقىتلاردا ئىجادىيەت قىلىسىز؟ شېئىر يېزىش، سىزدەك كىشىگە لەززەت ئاتا قىلغۇدەك مىسرالارنى پۈتۈش ئۈچۈن قايسى ۋاقىتتا ئىجادىيەت قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايسىز؟
جاۋاب: مەن ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىجادىيەت قىلىمەن. مەن ھىچقاچان ئىلھامنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ باققان ئەمەس. بىراق ئاخشىمى شېئىر يازسام تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالمايدىغانلىقىم ئۈچۈن ئەتىسى مۇھىم ئىشىم بار كەچلەردە قولۇمغا قەلەم ئالمايمەن. ماڭا بىرىلگەن ۋاقىت ئاساسەن ئىجاد قىلىش ۋاقتىدۇر، ئىجاد قىلمىسام ۋاقىتنىڭ ئىگىسى بولغان تەڭرىگە يۈز كېلەلمەيمەن... كىشىگە لەززەت ئاتا قىلالىغۇدەك شېئىرلارنى پۈتۈش ئۈچۈن قايغۇرۇڭ، ھەسرەت چېكىڭ، چۈنكى قايغۇ- ھەسرەت ئەڭ شىرىن. ئادەملەر تورغاينى يىغلىتىش ئۈچۈن قەپەزگە سولاپ قويىدۇ ۋە ئۇنىڭ پايانسىز ساينى، كەڭرى ئاسماننى سېغىنىپ چەككەن نالە- پىغانلىرىدىن لەززەت ئالىدۇ.
3. سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئاجايىپ ھاياجان بىلەن سۆيۈپ ئوقۇغاندىن سىرت، ئەرنىڭ ئىپپىتى دېگەن نەسىرىڭىزنى ئىنتايىن ياخىش كۆرىمەن. سىز بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كاللىڭىزدا تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، قۇرۇلمىسىنى كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن ئاندىن قولىڭىزغا قەلەم ئالامسىز، ياكى قەلىمىڭىزگە بويسۇنۇپ يېزىپ چىقامسىز؟
جاۋاب: شېئىر يېزىشتىن ئىلگىىرى كاللام قۇپقۇرۇق، ھىچقانداق روھىي تەييارلىقسىز ھالەتتە ئۈستەلگە ئولتۇرىمەن. بۇ خۇددى مەقسەت- نىشانسىز سەپەرگە ماڭغان يولۇچىنىڭ ھالىتىگە ئوخشايدۇ. مەقسەت- نىشانسىز سەپەرگە چىققان يولۇچىنى قەدەمدە بىر يېڭىلىق كۈتۈۋالىدۇ. مۆجىزە قانداق يۈز بېرىدۇ؟ كۈتۈتۈلمىگەندە ۋە تاسادىپىيلىق ئىچىدە. تەرتىپلىك ھاياتتا مۆجىزە يۈز بېرىشى تەس، بۇنداق ھاياتنىڭ قانداقمۇ زىل- زىلىسى بولسۇن؟ مەن ھەر بىر شېئىرىمنى ئەنە شۇنداق نىشانسىز قىلغان سەپەردىكى تاسادىپىيلىق دەپ قارايمەن. شېئىر يېزىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ھىچقانداق شەكلى بولمايدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ بار ياكى يوقلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان تۇرسا ئۇنىڭغا قۇرۇلما بېكىتىش مۈمكىنمۇ؟ بەلكىم بۇ مېنىڭ شېئىر يېزىش ئادىتىمدىن شەكىللەنگەن، ماڭىلا ماس كېلىدىغان قاراشتۇر. :
4. فەقىرنىڭ ئەدەبىياتقا مۇھەببىتىم چوڭقۇر. بۇ چىرايلىق يولغا قەدەم باسقان كۈنۈمدىن باشلاپ، پروزا ئىجادىيىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتىمەن، يېقىندىن بېرى قەلبىمدە شۇنداق بىر ئىستەك پەيدا بولۇپ قالدى ــ قەلبتە يىغىلىپ قالغان گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارنى پروزىغا قارىغاندا، مىسرالاردا ئەينەن، ھاردۇقى چىققۇدەك ئىپادە قىلغىلى بولىدىكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇنى سىزنىڭ ھەم باشقا ئۇستازلارنىڭ شېئىرلىرىنىدىن ئالغان ئىستېتىك زوقتىن تونۇدۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن قايسى قەدەملەرنى پۇختا بېسىشىم كېرەكتۇ؟ تەلىم بەرگەن بولسىڭىز.
جاۋاب: ژانىر تاللاپ ئاۋارە بولماڭ. ئەڭ مۇھىم مەسىلە ژانىر مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ قەلبىنى تونۇش، راستچىل ۋە جاسارەتلىك بولۇشتۇر. شەكىلنى سىز يازماقچى بولغان ئەسەرنىڭ ئۆزى تاللايدۇ. ئەسەر يازغاندا ئالدى بىلەن ژانىرنى مەغلۇپ قىلىش كېرەك، شۇندىلا تۇيغۇلىرىڭىز ئەركىنلىككە ئىرىشىدۇ. قەلەمگە بويسۇنماڭ، ماھارەتنى بىتچىت قىلىڭ، شۇندىلا قەلبىڭىز شېئىرىي قۇللۇقتىن ئازاد بولىدۇ.
رەيخاناينىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب
1. شېئىرىيەتتە كىملەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىدىم دەپ قارايسىز ؟
جاۋاب: ئۇلارنى ساناپ بېرەي، ئەڭ ئاۋال ئىمىن ئەخمىدىنىڭ شېئىرلىرىنى دورىدىم، كىيىن ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ شېئىرلىرى بىلەن مۈكۈشمەك ئوينىدىم، ئۇندىن كىيىن بوغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىنى دەستەك قىلدىم، ئەڭ ئاخىىرىدا ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىنى ئىخلاس بىلەن تەقلىد قىلدىم. كيىين ھەممىسىگە مىڭلارچە رەخمەتلەر بىلەن خوش دەپ، ئۆزۈمگە تۇتۇلدۇم. ھازىر ئۆزۈمنى تەقلىىد قىلماقتىمەن، بۇ رەزىل كىشى مېنى ھىچبىر قويۇپ بېرەر ئەمەس، ئۇنىڭ سايىسى مەندىنمۇ يورۇق بولۇپ، مېنى كۆلەڭگىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنماقتا. بىر كۈنلەردىىكى سۇمرغ تورىدا ئالا- تاغىل جۆيلۈپ يۈرگەن پارىسا، سىدىق دۆلەت دېگەن ئىككى شائىر ئېسىڭىزدە بارمىكىن؟ ئۇلار مېنى مەندىن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇپ مەيدە قاققان ئىدى، بىراق شۇھامان مەغلۇپ بولدى. كىشىلەر ناھايىتى تىزلا ئۇلارنىڭ غوجىمۇھەممەدنىڭ كۆلەڭگىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى. مەن بىلىمەن، ئۆزۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆتمۈشنى تەلتۆكۈس ئادالىۋىتىشقا توغراكەلگەچكە ئىلگىرى ئىرىشكەن ئازغىنە شان- شۆھرەتلەرگە قىيالمايۋاتىمەن. يەنە بىلىمەن، ئۆتمۈشتىن مۇستەسنا بولمىغان ھاياتتا ئىجادىيلىق بولمايدۇ. مەن ئەسلىمىگە ئايلىنىپ كېتەي قالغان بۇ خارابىدىن كېتىشىم كېرەك، كېتىشىم كېرەك...
2. ھازىرقى شېئىر ئىجادىيىتىڭىز قايناق بىر مەزگىلدىن كىيىنكى سۈكۈت پەسلىگە كىردى دەپ قارامسىز ؟
جاۋاب: بۇ سۇئالىڭىزدىن سىزنىڭ شۇنداق قارايدىغانلىقىڭىز ماڭا ئايان بولدى. مەن نەچچە يىللار ئىلگىرى باشقىلاردىن قايناق شېئىرىي ئىجادىيەت مەزگىلىمنىڭ بولغانلىقىنى ئاڭلىغان. مەن دائىم جىمجىت ياشايمەن ۋە جىمجىت ئىجاد قىلىمەن، قانداقلىقىمغا ئانچە پەرۋا قىلمايمەن. مەن ھەقتىكى گەپلەرنى بولسا باشقىلاردىن ئاڭلايمەن. ئاشۇ باشقىلار ۋە سىزنىڭ گەپلىرىڭىز راسىت بولسا كېرەك. نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىم مېنىڭ يىقىندىن بۇيان شېئىرىيەتتە چېكىنىپ كەتكەنلىكىمنى، ھازىرقى شېئىرلىرىمدىن بۇرۇنقىدەك زوق ئالالمىغانلىقىنى يۈز- تۇرانە ۋە ھاۋالە بىلەن ئىيتىشتى. تىخى ئون نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا توقسۇلۇق يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت دېگەن بۇرادىرىم توقسۇدىكى بۇرادەرلەرنىڭ سالىمىنى ئىيتىپ مۇنداق دېدى( ئۇ سۆزلەۋاتقاندا يېنىمىزدا قەدىناس شائىر بۇرادىرىم ئابدۇرېشىت ئېلىمۇ بار ئىدى): «شېئىرلىرىڭىز قۇرغاقلىشىپ كەتتى، بۇرۇنقىدەك قاينام تاشقىنلىق كەيپىيات يوق. سىز ھازىر تىخنىكىغا تايىنىپ يېزىۋاتىسىز. توقسۇدىكى قەلەمكەش بۇرادەرلەر: غوجىمۇھەممەد ئەمدى ئۆزۈمنى يارىتىپ بولدۇم، قانداق يازسام بولۇۋىرىدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك، دېگەندە مەن بەزىبىر باھانە سەۋەبلەر بىلەن ئۆزۈمنى ئاقلىدىم، بىراق ئىچىمدە قانچىلىق بىئارام بولغانلىقىمنى ئابدۇرېشىت بىلدى. يەنە بىر باھانە- سەۋەب بىلەن ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولسام كونا گەپنى تەكرارلاپ مۇنداق مۇنداق سۆزمەنلىك قىلىمەن: «نام- ئاتاق گوياكى قاراڭغۇ تۈرمە، ساڭا ئۈمىد ۋە ئارمان بىلەن تېكىلگەن ساناقسىز كۆزلەر بۇ تۈرمىنىڭ گۇندىپايلىرىدۇر. سېنىڭ ھەر بىر ھەركىتىڭ، ھەر بىر ئېغىز گېپىنىڭ ئاشۇ گۇندىپايلارنىڭ نەزەربەنتى ئاسىتىدا. ئۇلار سەندىن تەلەپ قىلىدۇ، تەلەپ قىلغان نەرسىنىڭ سەندە بار يوقلۇغى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. سېنىڭ خالىغانچە يېزىش ۋە يازالىغانچە يېزىش ھوقۇقۇڭ ئاللىقاچان تارتىۋىلىنغان. ئاھ بىچارە قۇل...» بىراق مېنىڭ بۇ نالەمگە ئىچ ئاغرىمتاڭ. مەن پات ئارىدا يەنە باشقىلاردىن مەن توغرىلىق يېڭى- يېڭى گەپلەرنى ئاڭلىشىم مۈمكىن.
3. سىز شېئىرىيەتنىڭ جېنىنى مەنادا دەپ قارامسىز شەكىلدىمۇ ؟( سۆز )
جاۋاب: مەن ھازىر شېئىر يېزىشتا مەقسەت مۇددىئا بولمايدۇ، شېئىر يېزىش پەقەتلا شېئىر ئۈچۈندۇر دەيدىغان بولۇپ قالدىم. ھەرقانداق ئىددىيە ۋە كۆز قاراشلار كونىرايدۇ، تىلنىڭ قۇدرىتى چەكسىز ھەم مەڭگۈلۈكتۇر دەيدىغان بولۇۋالدىم. شېئىر ئەڭ بۈيۈك ئاشىقانىلىقتۇر، شائىردا ئۆزىنى بىغىشلاش ئىستىكى باركى، ئۇندىن ئارتۇق مەقسەت يوق... دېگەن سۆزگە مەپتۇنمەن. مەن قايسىدۇر بىر شامالنىڭ شائىرغا مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغان: ئۆلۈپ تۇرۇپ ياز، تىرىكلەرنى سەگىتىدۇ؛ تىرىلىپ تۇرۇپ ياز، ئۆلۈكلەرنى ئويغىتىدۇ؛ شەكىلگە بەنىد قىلما، يىقىلمايدىغان ئىمارەت يوق؛ مەنىگە بىقىنما، كونىرىمايدىغان ئىددىيە يوق؛ جان ئاتا قىلما، جان بار يەردە قازا بار؛ روھ بەر، مەڭگۈ ياشايدۇ، چۆلدەك ئەمەس، بورانلاردەك ئەركىن- ئازادە، خۇشال بەختىيار...
4. شېئىرغا بولغان قارىشىڭىز قانداق ؟ ( مەسىلەن: شېئىرنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ داۋامى دەپ قارامسىز بىر قىسمىمۇ ؟)
جاۋاب: شېئىر يېزىۋاتقاندا شېئىر ھاياتىمنىڭ نەخ ئۆزى . ھاياتنىڭ مەنىسى ئۆلۈم، ئۆلۈمنىڭ مەنىسى شېئىر. بىراق شېئىرنىڭ مەنىسى يوق، ئەركىن- ئازادە يازايلى، رىسالەت... يەنە سۆزلىسەم ئىلگىرىكى سۆزلەر تەكرارلىنىپ قالىدۇ...
5. شېئىردا پەلسەپە، ئىدىيە بولۇشى كىرەكمۇ؟
بۇ توغرىلىقمۇ ئىلگىرىكى سۇئاللاردا سۆزلەپ بولغاندەك قىلىمەن، رىسالەت!
6. شېئىرىي ئىلھامنى نەدىن ئالىسىز ؟
جاۋاب: شەيتاندىن، دېسەم كۈلۈپ كېتەرسىزمۇ رىسالەت؟ شېئىرنىڭ غايىبتىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بىراق ئۇ ۋەھىي ئەمەس. بىزدەك ئادەتتىكى كىشىلەرگە ۋەھىي نىسىپ بولمىغان. شەيتاندىن، دېسەم ئەمدى كۈلمەيسىز... قارىغاندا مەن شېئىرىي ئىلھامنى ئىچىمدىكى ۋەسۋەسىدىن، بەندىلىك ئىزتىراپلىرىدىن، دوزاخ يالقۇنلىرىدەك بىسىقماس ھەم ئەبەدىي ئۆچمەس مۇھەببەتتىن ئالسام كېرەك. بۇ مۇھەببەت مەن تۈركىينىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە قەيىت قىلغان «كەتمەيدىغان، كەلمەيدىغان قىز»كە بىغىشلانغان. مەن قىيامەتكىچە ئاشۇ قىزنىڭ شائىرى ئوخشايمەن...
7. شېئىرلىرىڭىزدىن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىڭىز قايسى ؟
جاۋاب: مەن شېئىر دېگەن قانداق بولسا شۇنداق بولىدۇ، دەپ قارىغاچقا ئادەتتە ئۇنى ياخشى- يامان دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدىكەنمەن. بىراق مەنبەزىدە مېنى شۆھرەتكە ئىرىشتۈرگەن «ئەرنىڭ ئىپپىتى»، «دۇتارچى ئايال»قاتارلىق شېئىرلىرىمنى دوسىتلىرىمغا ئوقۇپ بېرىشكە ئامراق...
8. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە يەنە نىمىلەر كەمچىل؟
جاۋاب: ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بارلىقىنى شېئىرغا بىغىشلىيالايدىغان، شېئىر ئۈچۈن رىيازەت چېكەلەيدىغان، ئۆزى توغرا دەپ قارىغان«مۇنداق» ئۈچۈن ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلگەن «شۇنداق»قا ئوت ئاچالايدىغان پىداكار شائىرلار كىرەك. قاراڭە، جاھاندا تەڭدىشى يوق پاساھەتلىك تىل، مۇكەممەل يىزىق، گاڭگىراش، ئازاب، يىمىرىلىشلەر يەتكۈچە تۇرۇپتۇغۇ. شۇنداق رىسالەت، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە شائىردىن باشقا ھىچنەرسە كەمچىل ئەمەس.
9. زامانداش شائىر-شائىرەلەرگە دەيدىغىنىڭىز بارمۇ ؟
جاۋاب: مېىنىڭ زامانداش شائىر- شائىرەلەرنىڭ ھەممىسسىگە دەيدىغان نۇرغۇن- نۇرغۇن گېپىم بار. گېپىمنىڭ يىغىندىسى مەن ھەممىڭلارنىڭ دوستۇڭلار. مەن ھەممىڭلار بىلەن دوست بولغاچقا نۇرغۇن گەپلىرىمنى دېيىش ئۈچۈن ئىسمىڭلارنى بىر- بىرلەپ ئاتىشىم كېرەك. بىراق بۇنىڭغا ھازىرچە ۋاقىت ۋە شارائىت يار بەرمەيدۇ. بىرنەچچىڭلارنىڭ ئىسمىڭلارنى ئاتاپ يەنە بىر نەچچىڭلارنىڭ كۆڭلۈڭلارغا ئازار بەرگۈم يوق. ھاياتلا بولساق بىر- بىرلەپ گەپلىرىمىزنى دېيىشىۋالىمىز، ئاشۇ گۈزەل دەملەرگە يېتىش ئۈچۈن سىلەرگە ساغلاملىق، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!
مەتتۇرسۇن ئېلىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب
1-سىز ھازىرقى زامان شېرىيتىمىزگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: مەن ئۆزۈمنى ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىزگە باھا بېرەلىگۈدەك لاياقەتكە ئىگە ئەمەس، دەپ قارايمەن. بىراق نۆۋەتتىكى شېئىرىيىتىمىز ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىمدىن بىر- ئىككى ئېغىز سۆزلەپ بېرەي: شېئىرىيىتىمىز ھازىر جىمجىت ۋە تىنجىق. 90- يىللارنىڭ ئالدى- كەينىدىكى شاۋقۇن- سۈرەنلىك ھالەتتىن ئەسەر يوق. ئەخمەتجان ئوسماننى خىلى ئۇزاقلارغىچە ئەسلەيدىغاندەك تۇرىمىز. يېڭى بىر شائىرنى كۈتۈپ كۆزلىرىمىز تۆت بولدى، دىققەت قىلسام مەن قولۇمغا يېڭىدىن قەلەم ئالغان چاغ(1990- يىل)لارغا قارىغاندا ھازىر شائىرلار نەچچە ھەسسە كۆپىيىپتۇ، بىراق شېئىرلارنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەنلەپتۇ. شېئىرىيەت يىىغلىشلىرى كۆپىيىپتۇ، بىراق شېئىر ھەققىدە بۇرۇنقىدەك زوق- شوق بىلەن سۆزلەيدىغانلار ئاز قاپتۇ. بۇرۇن بىرەر شېئىر توپلىمى ئەمەس، گېزىت- ژۇرناللاردا بىرەر پارچە ئېسىل شېئىر ئېلان قىلىنسىمۇ ھەپتە- ئايلارغىچە زىل- زىلىسى بېسىلمايىتتى، تېلېفۇن، خەتلەر ئارقىلىق بىر- بىرىمىزگە ھاياجان بىلەن تەۋسىيە قىلاتتۇق، بىراق ھازىر ھەممىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇرۇن شېئىر يېزىش ئۈچۈن قەلەم، قەغەز بولمىسا بولمايىتتى، بىراق ھازىر قەلەم، قەغەز بولمىسىمۇ بولىدىكەن، كومپىيۇتىر ئۇلارغا كەڭرى سەينا ۋە شارائىت ھازىرلاپتۇ. شېئىر يازماق بەك ئاسانلىشىپ كېتىپتۇ، ئاسانلاشقانسىرى شېئىر ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى سىرلىق ۋە مۇقەددەسلىكىدىن يىراقلىشىپ مېڭىپتۇ. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە شېئىر ھەتتا بىكارچىلىقتا يېزىپ ئوينايدىغان كۆڭۈل خوشى ئېكەن. قارىسام ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە چۈشىنىكسىز جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقاندەك... لىكىن بۇزۇلمايدىغان جىمجىتلىق يوق، جىمجىتلىقنىڭ تاسادىپىي بۇزۇلۇشى نەقەدەر ھەيۋەتلىك ۋە ئۇنتۇلماس، ھە؟!...
2- تورئەدىبىياتى بىلەن يېزىق ئەدىبىياتىنڭ پەرقى ۋە مۇناسىۋ ئېتى قانداق دەپ قارايسىز؟
جاۋاب: بايقىشىمچە تور ئەدەبىياتى بىر قەدەر ئەركىن بولىدىكەن. مەتبۇئات ئەدەبىياتىدەك تەكرار ۋە مۈشكۈل تەھرىرلىك باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلمىگەچگە قارىماققا سەل خامدەك، مۇكەممەل ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ لىكىن شائىر- يازغۇچىلارنىڭ ئەسلى ئاۋازىنى تولۇق ئاڭلىغىلى بولىدىكەن، تارقىلىش دائىرىسىمۇ كەڭرەك بولىدىكەن. ئەڭ مۇھىم تەرىپى بىر ياخشى ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ھەرھالدا زىلزىلىسى بولىدىكەن، مۇئەييەن باھالار بىرىلىدىكەن. كۆزنى يۇمۇشقا بولمايدىغان پاكىت شۇكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەتبۇئات ئەدەبىياتى يەنىلا ئۈستۈنلۈك ۋە باشلامچىلىق ھالىتىدە تۇرۇۋىتىپتۇ، بىر ئەدىبنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى توردا قانچىلىق ئېسىل ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغىنىدىن قەتئى نەزەر مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرنىڭ سانى ۋە سۈپىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىۋىتىپتۇ. ھازىر تور ئەدەبىياتىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى قان بولۇپ قېتىلىپ، كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تۈرگە ئايلىنىۋاتىدۇ. تور ئەدەبىياتىدىكى ئۇكا ئەدىپ ۋە ئەدىبە سىڭىللارنىڭمۇ مەتبۇئاتلارغا ئەسەر بېرىپ ئۆزىنى دەڭسەپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. گېپىمگە ئىشىنڭلار، مەتبۇئاتتا ئەسەر ئېلان قىلىشنىڭ بېرىدىغان ھوزۇرى ۋە ئىلھامى قالتىس.
3 - بىزنىڭ يېزىق ئەدىبىياتىمىزدا ساقلانغان مەسىلە نىمە دەپ قارايسىز؟
جاۋاب: يېزىق ئەدەبىياتىمىزدا ساقلانغان ئەڭ چوڭ مەسىلە- ئەمدى ئۇ ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئايلىنالمايدىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىق ئىنتايىن ئاز ساندىكى شائىرلىرىمىزدىن باشقا ھايات ئەدىبلىرىمىزنىڭ تىلى بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا كېرەك. ئىغىز ئەدەبىياتى بولمىسا يازما ئەدەبىياتنىڭ ئىشىكى ئېتىلىپ قالىدۇ، بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.
قاينامىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب
1.شېئىر شائىرنى قايەرگە ئېلىپ بارىدۇ؟
جاۋاب: پاسئان بولغان بولسا بۇ سۇئالىڭىزغا « ھىچيەرگە» دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتى. بىراق مەن مۇنداق دەپ جاۋاب بېرەي: مەن يېتىپ بارغاندا يىراقتا كۆرۈنگەن بوستان چۆل ئىكەن، مەن يېتىپ بارغاندا مېنى تەشنا قىلغان دەريادا بىر تامچىمۇ سۇ يوق، مەن يېتىپ بارغاندا مېنى سېغىندۇرغان پەرىزاد ئېگىز ئۆسكەن بىر تۈپ قەبرىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. شۇندىن بىرى ماڭدىميۇ، يېتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلمىدىم. توختىماي ئەجىر قىلدىميۇ، نەتىجىسىنى كۈتمىدىم. چۈنكى مەن ئاخىرقى نەتىجىىنىڭ ئۈمىدسىزلىك، بەربادلىق ۋە ئىغىر ئازاب ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن.
2.شېئىر يېزىش جەريانىدا بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئاللىبۇرۇن ئۆزىڭىزنىڭ كىملىك مۇنارىڭىزنى تىكلەپ قويدىڭىز،لېكىن ئۆزىڭىزنىڭ قەلبىدىكى ئۆزىڭىز ھەققىدە خىيال سۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ سىزچە بۇ غوجىمۇھەممەت زادى كىم؟
جاۋاب: بۇ سۇئالىڭىزغا ئابدۇراخماننىڭ بىرىنچى سۇئالىغا بەرگەن جاۋابىمنى تەكرارلىسام قانداق؟
3.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سىز ۋە بىر نەچچە قۇرداشلار ئۆزئارا بىرلىشىپ ئايدا 10 پارچە شېئىر يېزىشنى ئۆزۈڭلارغا قىلمىسا بولمايدىغان ۋەزىپە قىلىپ بېكىتىۋاپسىلەر.بۇ بىر تەرەپلىمە ياخشى ئىش بولسىمۇ،يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ،بولۇپمۇ شېئىرنىڭ تەبئىيلىكى ۋە ئۇنىڭ زورۇقۇش بىلەن مەڭگۈ چىقىشالماسلىقىدەك تەبىئىتى ئالدىدا بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق شېئىرنى ۋاقىتسىز روياپقا چىقىرىش<<مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرگەنلىك>>بولۇپ قالماسمۇ؟...سىزچە شائىرنىڭ ۋەزىپىسى نىمە؟ئۇ چوقۇم يىلدا 120 پارچە شېئىر يېزىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: دوستۇم قاينامى، تەنتەكلىك قىلماڭ، ئاڭلاشلارغا قاراپ سورىغان بۇ سۇئالىڭىزغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتمايمەن، بىراق بۇ گەپنى خاتا تونۇۋالغىنىڭىزغا كىچىككىنە ئىزاھات بېرىمەن. بىز بىر نەچچە قۇرداش بىرلىشىپ ئايدا 10 پارچە شېئىر يېزىشنى ئۆزىمىزگە ۋەزىپە قىلىۋالغىنىمىز يوق، بەلكى بىز ھەر ئايدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، شۇ بىر ئاي جەريانىدا ئۆزىمىزنىڭ ھايات ئىكەنلىكىمىزنى، زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىمىغانلىغىمىزنى تەنتەنە قىلدۇق. بۇ تەنتەنە بىر ۋاخ تاماقنى بىرگە يېيىش، بىليارت، شاخمات ئويناش ، ھەزىل گەپلەر بىلەن چاخچاقلىشىش قاتارلىقلار بىلەن تىخىمۇ ئۇزلاشتى. ئەلۋەتتە شېئىر يازغانلار ئۇقۇپ بېرىپ كۆڭلىمىزنى يايراتتى. بىر ئاي خىلى ئۇزاق ۋاقىت ئىكەن، پات- پات تېلېفۇنلىشىپ تۇرساقمۇ، راستىنلا ھايات ئىكەنلىكىمىزنى بىلىش ئۈچۈن دىدار مۇلاقەتتە بولۇشنى خالىدۇق. قىسقىسى بىز ئايدا كېلىدىغان بۇ بىر كۈندە تازا ئوينىدۇق. بىز بىليارتنى يەكەندىمۇ ئوينىدۇق ئازغۇن بىلەن، ئاتقۇچىلار بىلەن، ياسىنجان سادىق چوغلاننى ساقلىتىپ قويۇپ. خوتەندە ئوۋچى بىلەن ئوينىدۇق، قۇربان داۋۇت شاھىدى بىلەن ئوينىدۇق. غۇلجىغا بېرىپ قالسام سىز بىلەنمۇ ئوينايمىز، ئاسىمجان بىلەنمۇ ئوينايمىز... سىز بىلمەيسىز، مەن بىر ئايدا 10 پارچە ئەمەس، 20 پارچە ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق شېئىر يېزىۋىتىمەن. شۇنداق يېزىپ كۆنۈپ قاپتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر شارائىتىم ياخشى. «شائىرنىڭ ۋەزىپىسى نىمە؟» دېگەن سۇئالىڭىزغا قاراپ كۈلۈپ سالدىم. كىنايە قىلمىغان بولسىڭىز ، سىز چوقۇم مەن بىلىدىغان قاينامى ئەمەس. «ئۇ چوقۇم يىلدا 120 پارچە شېئىر يېزىشى كېرەكمۇ؟» دېگەن سۇئالىڭىزغا قاراپ زادىلا كۈلەلمىدىم. يىلدا 220 پارچە شېئىر يازسا نىمە بوپتۇ؟ مەيلى ئەمەسمۇ كۆپ يازسا؟! شائىرنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە مەن ئويلىناي. ھا، ھا، ھا!!!...
مەزكۇر تېمىنڭ تۇلۇق ئادىرسى http://www.qoghlan.com/bbs/read.php?tid=260
مەنبە چۇغلان توربىكىتى
يۇللۇغۇچى مەتتۇرسۇن ئېلى
2010يىلى 7ئاينىڭ 2كۇنى