بوۋاقلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا ، شىۋىتسىيە ئالىملىرى ئوغۇللارنىڭ روھى ھالەت ئىنكاسى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايقىدى . ئوغۇللارنىڭ ھېسسياتچان بولماسلىقى كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆزىنى « ئەزىمەت » ساناپ ، كۆڭلىدىكىنى يوشۇرۇپ سىرتقا ئىپادىلىمىگەنلىكىدە .
بىرىنچى : ھېسسىيات ئىپادىلىشى تېخىمۇ كۈچلۈك
بوۋاقلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا ، شىۋىتسىيە ئالىملىرى ئوغۇللارنىڭ روھى ھالەت ئىنكاسى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايقىدى . ئوغۇللارنىڭ ھېسسياتچان بولماسلىقى كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆزىنى « ئەزىمەت » ساناپ ، كۆڭلىدىكىنى يوشۇرۇپ سىرتقا ئىپادىلىمىگەنلىكىدە .
ئىككىنچى : يالغۇزلۇقتىن تېخىمۇ قورقىدۇ
يالغۇزلۇق ھەممە ئادەمنىڭ كاللىسىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بىراق ئامېرىكا كالىفورنىيە ئالىي مەكتىپىنىڭ
سان فىرانسىسكو تارماق مەكتىپى ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە ياشانغان ئەرلەر يالغۇزلۇقتىن تېخىمۇ قورقىدىكەن .
ئەرلەر يالغۇز قالغاندا ئاياللاردەك كۆپ ياردەم سورىمايدۇ ۋە نەتىجىدە ئۆزىنى تېخىمۇ يالغۇز قالغاندەك ھېس
قىلىدۇ ، بۇ يەنە چوڭ مېڭىگىمۇ زىيانلىق . توي قىلىش ئەرلەردىكى بۇنداق روھى كەيپىياتىنى ئوڭشايدىغان
ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ، بەخىتلىك نىكاھ ئەرلەرنى تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسىتىدۇ .
ئۈچىنچى : مەسىلەرنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ
باشقىلار ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغاندا ئەرلەرمۇ ھېسداشلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، بىراق ئاياللارغا ئوخشاش پەقەت ھېسداشلىق قىلىپلا توختاپ قالماي بەلكى ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەيدۇ .
تۆتىنچى : گۈزەللەردىن كۆزىنى ئۈزەلمەسلىك ئۇلاردىكى تۇغما خارەكتىر
گۈزەللەردىن كۆزىنى ئۈزەلمەسلىك ئەرلەردىكى تۇغما خارەكتىر ، بىراق گۈزەللەر ئۇلارنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدىن
چىقىپ كەتكەندىن كىيىنلا ئۇلارنى پاك - پاكىز ئۇنتۇپ كىتىدۇ .
بەشىنچى : مۇھاپىزەت قىلىش ئىستىكى ئىنتايىن كۈچلۈك
تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىدا ئەركەك ھايۋانلارنىڭ « قوغداش ئارقىلىق نەپكە ئېرىشىش » ئويى ئىنتايىن كۈچلۈك
بولىدۇ . تۇرمۇشتا گەرچە ئاياللارنىڭمۇ ئېرىشىش ئويى بولغىنى بىلەن بىراق ئەرلەرنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشى ياكى
كۈچ تەسىرى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا ئۇلار تېخىمۇ زورلۇق بىلەن ئىگەللەشكە ئىنتىلىدۇ .
ئالتىنچى : قېرىغانسىرى ھەمكارلىق تۇيغۇسى ئاشىدۇ
ئەرلەر ياش ۋاقتىدا رىقابەتلىشىش ئارقىلىق مەنسەپ دەرىجە ياكى جۆرىسىنى تالىشىدۇ ، پىشقاندىن كىيىن
بولسا يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ھەمكارلىققا بەكرەك ئىتىبار بېرىدۇ