يانتۇ يېتىپ ئۇخلايدىغانلار
سەزگۈر ، مەسئۇلىيەتچان، پۇختا، سەمىمىي ۋە ئىشەنچىلىك كېلىدۇ. خىزمەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا كىشلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. لېكىن، توخۇ يۈرەك سەۋىر-تاقىتى كەم بولىدۇ.
مۈشۈككە ئوخشاش تۈگۈلۈپ ئۇخلايدىغانلار
مۇلايىم كېلىدۇ، تولا ئىككىلىنىدۇ، رېئاللىقتىن رازى بولمايدۇ، كەلگۈسىگە قارىتا پىلانسىز بولىدۇ. بۇنداق ئادەمنىڭ بىردىنبىر شاتلىقى يوتقانغا كىرىۋېلىپ قالايمىقان خىيال سۈرۈشتىنلا ئىبارەت.
ياستۇقنى قۇچاقلاپ يانتۇ ياتىدىغانلار.
باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختىشىغا ۋە كۆيۈيۈشىگە ئامراق كېلىدۇ. ئاكىتىپ ھەم قىزغىن بولىدۇ. قىيىنچىلىقتىن قورقىمايدۇ. بۇنداق ئادەم تۈز كۆڭۈل،شۇنداقلا مۇستەھكەم ئىرادىگە ئىگە بولىدۇ.
ئوڭدا يېتىپ ئۇخلايدىغانلار
خاراكتېرى ئاجىز، ھېسسىياتچان، ئاسان ئەمەلگە ئاشمايدىغان غايىنى قوغلىشىشىقا ئامراق كېلىدۇ.
تۆگە قۇشقا ئوخشاش دۈم يېتىپ ئۇخلايدىغانلار
بۇنداق ئادەملەردە كۆرەش ئىرادىسى يوق، شۇڭا چۈشكۈن، شەخسىيەتچى كېلىدۇ.
ئۇخلاۋېتىپ يوتقاننى تېپىدىغانلار
مۇناسىۋەتكە ماھىر، ئەركىنلىكىنى ياخشى كۆرىدۇ،ھەر قانداق چەكلەشنى خالىمايدۇ،لېكىن مۇشۇ سەۋەپ تۈپەيلىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئىقىتىدارى ئاجىز بولىدۇ.