كېچىدە چىراغنى يورۇتۇپ قويۇپ ئۇخلايدىغانلار دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. چۈنكى چىراغ نۇرى ئاستىدا ئۇزاققىچە يالىڭاچلىنىپ يېتىش ساغلاملىققا پايدىسىز، ھەتتا خاراكتېر تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھاڭۋاقتىلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن. بۇ ھۆكۈمى چىقارغان تەتقىقاتچىلار 24 تەجرىبە چاشقىنىنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغان، بىر گۇرۇپپا چاشقان 16 سائەت چىراغ يورۇق جايدا، سەككىز سائەت قاراڭغۇلۇقتا تۇرغان؛ يەنە بىر گۇرۇپپا چاشقان كېچە–كۈندۈز چىراغ نۇرى ئاستىدا ياشىغان. تەجرىبە ئۈچ ھەپتە داۋاملاشقاندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار بۇ ئىككى گۇرۇپپا چاشقاننى بىر يۈرۈش تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تېنىدىكى ھاڭۋاقتىلىق كېسىلىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىللارنى ئۆلچەپ بېكىتكەن.
ئۇلار بۇ تەجرىبىدىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: ئاشۇ خىل ئۇزاق مۇددەت چىراغ نۇرى ئاستىدا ياشىغان، چىراغ نۇرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئامال قىلالمىغان چاشقانلاردا ھاڭۋاقتىلىق كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار كۆپ بولىدىكەن. ئاشۇ سەككىز سائەت چىراغ نۇرىدىن بېرى تۇرغان چاشقانلاردا بۇ خىل ئامىللار يوقنىڭ ئورنىدا كۆرۈلگەن. بۇ پاكىتلاردىن مۇنداق ھۆكۈمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ: بۇ كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەيدىغان، كېچىچە تېلېۋىزور كۆرۈشنى ياخشى كۆردىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بايقاش، چۈنكى كېچىدە ئۇزاق مۇددەت يورۇتۇپ قويۇلىدىغان چىراغنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ تەبىئىي نۇردىن بەھرىلىنىش باسقۇچىنى قالايمىقان قىلىۋېتىدۇ، بۇنىڭغا بەدەننىڭ ماسلىشىشى تەس، شۇڭا ئۇلار ھاڭۋاقتىلىق قاتارلىق پىسخىك مەنبەلىك كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار بولۇشى تۇرغانلا گەپ.