يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئاسانلا كېسىلى قوزغىلىپ بەزىلىرى ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
ئادەم بەدىنىدىكى بىيولوگىيەلىك سائەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىپ كۆزەتكەندە، يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كېسىلىنىڭ نېمە ئۈچۈن سەھەردە قوزغىلىپ قالىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىگە ھۆكۈم قىلىش تەس ئەمەس. ئەسلىدە ئادەم ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، قان بېسىمى دەرھال ئۆرلەپ كېتىدىكەن. لېكىن، يۈرەك ئەتراپىدىكى قان تومۇرلار جىددىي تارىيىشقا باشلايدىكەن. بۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئۆزىنى قوغدايدىغان بىر خىل فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت. ئەمما، يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دائىم مۇشۇ قىسقا ۋاقىت ئارىلىقىدا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشكە بەرداشلىق بېرەلمىگەچكە، ئۇشتۇمتۇت يۈقىرى قان بېسىمى بىلەن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش سەۋەبلىك مېڭىسىگە قان چۈشۈشتەك يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ سەھەردە ئويغىنىپ 20 مىنۇت ئارىلىقىدا قان بېسىمى ئۇشتۇمتۇت ئۆرلەپ كەتكەندە، قان تومۇرلاردا ئولتۇرۇشۇپ قالغان قويۇق قان پارچىلىرى قان ئايلىنىشقا ئەگىشىپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا تارقىلىپ، قان پارچىلىرى يۈرەكتىكى تاجىسىمان ئارتېرىيەلەرنى توسۇۋالىدىغان بولسا، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك سانجىقى يۈز بېرىپ، مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ، مېڭىگە قان چۈشىدۇ.
شۇنىڭ ئۇچۇن ياشانغانلار، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئەتىگىنى ئويغانغاندا دەرھال ئورنىدىن تۇرماسلىقى، بىرەر مىنۇت ئولتۇرۇپ ياكى يېنىچە يېتىۋالغاندىن كېيىن، ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ، بەدىنىنى قان بېسىمى ۋە يۈرەك سوقۇشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.
بېكمۇرات قىدىرخان تەرجىمىسى
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى