8-ئاينىڭ 24-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان «مائارىپ قانۇنىنى بىر تۇتاش تۈزىتىش لايىھەسى» دە، ئىمتىھاندا كۆچۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىكار قىلىش ھەمدە ئىمتىھانغا قاتنىشىشتىن 1 يىلدىن 3 يىلغىچە توختىتىپ قويۇش ئېنىق بەلگىلەندى.
لايىھەدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلاردىن دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىمتىھانلىرىدا ئىمتىھان سوئاللىرىغا ياكى جاۋابىغا قانۇنسىز ئېرىشىش، كۆچۈرۈش قوراللىرىنى ئېلىپ كىرىش ياكى ئىشلىتىش، جاۋابىنى قىستۇرۇۋېلىش، ئورنىغا ئادەم ئالماشتۇرۇپ ئىمتىھان بېرىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ساختىپەزلىك يوللىرى بىلەن ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئېرىشىدىغان كۆچۈرۈش قىلمىشلىرى بايقالسا، ئىمتىھاننى تەشكىللىگۈچى مائارىپ ئىمتىھان ئورگانلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن خىزمەتچى خادىملار زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ توسۇپ قىلىشى ياكى داۋاملىق ئىمتىھان بېرىشتىن توختىتىپ قويۇشى لازىم. ئىمتىھانغا مەسئۇل مائارىپ ئىمتىھان ئورگانلىرى ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىمتىھان سالاھىيىتىنى ياكى نەتىجىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. خاراكتېرى ئېغىر بولغانلارنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى 1 يىلدىن 3 يىلغىچە مۇناسىۋەتلىك ئىمتىھانلارغا قاتنىشىشتىن مەجبۇرىي توختىتىپ قويۇشى لازىم.
لايىھەدە يەنە، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخستىن دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىمتىھانلىرىدا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش، ئىمتىھاندا كۆچۈرۈش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەش، ئورنىغا ئادەم ئالماشتۇرۇپ ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق كۆچۈرۈشكە ياردەم بېرىش ياكى قولايلىق يارىتىپ بېرىش، ئىمتىھان ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن جاۋابىنى ئاشكارىلاش ياكى ئىمتىھان سوئاللىرىنى تارقىتىش قاتارلىق ئىمتىھان تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى سادىر قىلغانلارنى، شۇنداقلا باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن جاۋابىغا ئېرىشكەنلەرگە قارىتا، ج خ ئورگانلىرى ئۇلارنىڭ قوراللىرى ۋە ئېرىشكەنلىرىنى مۇسادىر قىلىپ، شۇنىڭ 1 ھەسسىسىدىن 5 ھەسسىسىگىچە جەرىمانە قويىدۇ. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلسە ئامانلىق باشقۇرۇش نىزامى بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن شۇنداق قىلمىش سادىر بولسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.
لايىھەدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانلىرىغا ئالاقىدار مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى باشقۇرۇشتا بىخەستەلىك قىلىپ، ئىمتىھان مەيدان تەرتىپى قالايمىقان بولۇش، كۆچۈرۈش ئەھۋالى ئېغىر بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلغان بولسا، بۇنىڭغا بىۋاسىتە مەسئۇل باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە باشقا بىۋاسىتە مەسئۇل خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا قوللىنىلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.