1. ھاۋا ساپلاشتۇرۇش پۈركۈمىلىرى. بۇ خىل دورىلار ئۆيدىكى غەيرىي پۇراقلارنى يىلتىزىدىن يوقىتالمايدۇ، پۈركۈلۈپ چىققان خىمىيەلىك مىكرو زەررىچىلەر ناھايىتى ئاسانلا نەپەس ئارقىلىق ئۆپكىگە كىرىپ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ياخشىلاشتا ھاۋا ئالماشتۇرۇشى ياكى ئۆيگە بىر قىسىم گۈللەرنى قويۇپ قويۇش كېرەك.
2. مەخسۇس ئەۋرەز يولى ۋە تەرەت تۇڭى تازىلاش سۇيۇقلۇقى. بۇ سۇيۇقلۇقلار تېرە، كۆز ۋە باشقا ئورگانىزملارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ئەۋرەز يولى ۋە تەرەت تۇڭى قاتارلىقلارنى تازىلاشتا ئەڭ ياخشىسى ئىچىملىك سوداسىغا ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان سۇيۇقلۇقنى قۇيۇپ تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇپ چايقىۋەتسە پاكىز بولۇپ كېتىدۇ.
3. قۇتىلىق يېمەكلىكلەر. قۇتىلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورالمىسىدىكى سىرلاردا قوش فېنول Aنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېپوكسى سىمولىسى بولىدۇ. بۇ خىل خىمىيەلىك ماددىلار ھورمون ئاجرىلىپ چىقىشنىڭ قالايمىقانلىشىشى، سېمىزلىك ۋە يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا، يېڭى، توڭلىتىلغان ياكى ئەينەك بوتۇلكىلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك.
4. ئەتىر. ئەتىردىكى خىمىيەلىك بىرىكمىلەر 800 خىلدىن ئاشىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى تەركىبلەر راك پەيدا قىلىشى ھەم كۆپىيىش سىستېمىسى ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشى مۇمكىن.
5. بوتۇلكىلىق سۇ. سولياۋ بوتۇلكىلاردىكى خىمىيەلىك ماددىلار سۇغا ئۆتۈپ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، سىرتقا چىققاندا ئەڭ ياخشىسى ئايرىم ئىستاكان ئېلىۋېلىشى كېرەك.
6. كاۋچۇك ئويۇنچۇقلار. ئويۇنچۇق ياسايدىغان پولىۋىنىل خىلورىد كالىي فتالات كىسلاتا تۇزى ۋە قوغۇشۇنغا سىڭىپ كىرىدۇ، ئالدىنقىسى ھورمون ئاجرىلىپ چىقىشنىڭ قالايمىقانلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، كېيىنكىسى نېرۋا سىستېمىسىغا زىيانلىق بولىدۇ، ھەمدە ھاۋانىمۇ بۇلغايدۇ.
7. ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورىلار. دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقلىرىدىكى زەھەرلىك تەركىبلەر ھاۋانى بۇلغايدۇ، يەنە ئادەمنىڭ ئايىغى ئارقىلىق ئۆيگىمۇ كىرىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.
8. سافا سېلىنچىسى. سېلىنچىدىكى كانا ۋە زەمبۇرۇغلارنىڭ سانى تەرەت تۇڭى سېلىنچىسىدىكى كانا ۋە زەمبۇرۇغلارنىڭ سانى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. بولۇپمۇ كۆپۈكلۈك ماددىلار تولدۇرۇلغان سېلىنچىلاردا يېنىشقا توسقۇنلۇق قىلغۇچى ماددىلار بولىدۇ، بۇلار راك كېسىلى، كەمتۈك تۇغۇلۇش، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، كۆپىيىش ۋە نېرۋا سىستېمىسى ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى قوي يۇڭى ياكى پاختىدىن ئىشلەنگەن سېلىنچىلارنى ئىشلىتىش ھەم دائىم تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.
نۇسرەتگۈل ئۆمەر(ت)
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى