بالىلارنىڭ گۆدەك قەلبى ئوڭايلا زەخىمگە ئۇچرىغانلىقتىن ھەر قانداق قوپال تەربىيە شەكلى ئۇلارغا ئاسانلا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، مۇلايىم تەكلىپ – پىكىرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش بالىلارنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن پايدىلىق.
مەلۇم بىر بالا گۈزەل سەنئەتنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا رەسىم سىزىشنى ئالاھىدىلىك قىلىپ، سودا – تىجارەت كەسپىگە ئىمتىھان بەر، – دەپ تەكلىپ بېرىدۇ. بالا چۈشەنمەي، نېمە ئۈچۈن ئارتۇقچىلىقىمنى ئاساس قىلمايمەن، دەپ ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ. ئاتا – ئانىسى، سېنىڭ ئالاھىدىلىكىڭ خەتتاتلىق، رەسىم سىزىش. ئۇنىڭغا سودا – تىجارەت ئۆز ئارا ماسلاشسا ئىقتىدارىڭ تېخىمۇ ياخشى جارى بولىدۇ، دەپ سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئاخىرىدا: «نېمىنى ئۆگەنسەڭ، ئەھمىيەتلىك بولۇۋېرىدۇ،ئۆزۈڭ قارار قىل» دەپ ئىختىيارىغا قويىدۇ. ئاتا – ئانا مەجبۇرلىمىغاچقا، بالا تەكرار ئويلىنىپ سودا – تىجارەت كەسپىنى تاللايدۇ؛ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئاخىرى نەتىجە قازىنىدۇ. ئەگەر ئاتا – ئانا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا: «پالانچى كەسىپنى ئۆگەن!» دېسە، بالا ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق قارىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن خاپا بولۇپ، بۇيرۇقنى رەت قىلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلى ئازار يەيدۇ. شۇڭا مۇلايىملىق بىلەن: «سەن قانداق ئويلىدىڭ، سېنىڭچە قانداق قىلساق بولار!» تەلەپپۇزدا تەكلىپ بېرىپ، مەسلىھەتلىشىش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق.
ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدا كۆپلىگەن ئائىلىلەردە بىر ياكى ئىككى پەرزەنت بار. ئۇلار ئەۋزەل تۇرمۇش شارائىتىدىن بەھرىمەن بولغاچقا، ئەركە، كەپسىز چوڭ بولغان. ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆزگىچە خۇلقى – مىجەزگە ئىگە، تېرىككەك، ئوڭاي ئاچچىقلىنىش ئىللىتى بار. بۇ خىل خاھىشنى تۈزىتىش ۋە بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈشى ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار بالىلارغا زىيادە يان باسىدىغان، نېمە دېسە «ماقۇل» دەپ قويىدىغان پۇزىتسىيەسىنى تۈزىتىشى كېرەك. ئەگەر بالا داۋاملىق «دېگىنىم ھېساب» دەيدىغان بولسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقسا بولىدۇ:
1 . ھېسداشلىق، كۆڭۈل بۆلۈش ئۇسۇلى بويىچە بالىنىڭ رايىغا بېقىش. بالىنىڭ ئۆسۈش جەريانى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، كەمتۈكلۈكنى يېڭىپ داۋاملىق مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلىنىش جەريانىدۇر. شۇڭا بالىلارنىڭ مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئاتا – ئانا بولغۇچى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى، ئاچچىقلانماسلىقى لازىم. ئەكسىچە، چۈشىنىش، كۆڭۈل بۆلۈش شەكلى بويىچە بالىغا يول قويغان ياخشى. شۇندىلا ئاقىلانىلىق بىلەن قاراتمىلىقى بار ھالدا بالىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
2 . بالىغا قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەكلىپ بېرىش. ئۈنۈملۈك تەكلىپ قاراتمىلىققا ئىگە بولىدۇ. ئاتا – ئانىنىڭ تەكلىپى بالىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، رېئاللىققا ئايلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشى لازىم، شۇنداق قىلغاندىلا تەكلىپ ئاندىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. ئەكسىچە، ئۈنۈمسىز تەكلىپ بولسا، بالىنى ئوڭايلا بىزار قىلىدۇ.
3 . بالىنىڭ تاللىشى ۋە ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش. ئاتا – ئانىنىڭ بالىغا تەكلىپ بېرىشى زۆرۈر. بىراق، چوقۇم ئىجرا قىلىسەن دېگەنلىك ئەمەس. چوقۇم ئىجرا قىلىسەن دېيىش، «تەكلىپ» بولماستىن «بۇيرۇق» بولىدۇ. شۇڭا بالىلار تەكلىپنى قوبۇل قىلسۇن – قىلمىسۇن، ئاتا – ئانا بالىلارغا بېسىم ئىشلەتمەي بۇرۇنقىدەكلا ھۆرمەتلىشى كېرەك.
4 . بالىلارغا قائىدە چۈشەندۈرۈش. بالا خاپا بولۇپ يىغلاشتىن توختىغاندىن كېيىن ئاتا- ئانا ئۇنىڭغا نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق توغرىسىدا قائىدە سۆزلىشى، ئاتا – ئانىنىڭ بالىنىڭ يىغىسىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنى يەنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم.