تۇز قوشۇلغان قەھۋە بەدەننى ئورۇقلىتىدۇ
يوللانغان ۋاقىت: 2016-03-01
يوللىغۇچى: مۇبەششر
ئاۋاتلىقى: 62 قېتىم كۆرۈلدى

تۇز قوشۇلغان قەھۋە بەدەننى ئورۇقلىتىدۇ ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىس ئەندى بروۋن يېقىندا مۇنداق بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى: قەھۋەگە ئازراق تۇز قوشۇۋەتسە، بەدەننى ئۇرۇقلىتىش رولىنى ئوينايدىكەن. قوشىدىغان تۇزنىڭ مىقدارىنى دەملىگەن قەھۋە ۋە قەھۋەگە قوشۇلغان سۇنىڭ مىقدارى بەلگىلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى تاپقاندا، قەھۋەدە ئارتۇقچە ئىسسىقلىقمۇ بولمايدىكەن. ئەندىنىڭ بۇ قارىشىنى ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەرمۇ جەزملەشتۈردى ۋە مۇنداق دېيىشتى: «قەھۋەنىڭ ئەڭ ياقىدىغان تەمىنى چىقىرىپ، ئاچچىق تەمنى يوقىتىش ئۈچۈن، قەھۋەگە تۇز قوشسىمۇ بولىدۇ». بىراق ئىلگىرى مۇتەخەسسىسلەر ئورۇقلىماقچى بولغان ئادەملەرگە قەھۋەگە سۈت ياكى زەيتۇن يېغى قوشۇش تەكلىپىنى بەرگەنىدى.
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى