تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئانا بولسىڭىز...

ئانا بولسىڭىز

1.بالىلىرىڭىزنى كىچىكىدىن تارتىپ ئىنتايىن ئېتىبار بىلەن تەربىيىلەپ، ئۇلارغا ياخشى پەزىلەت، گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگۈتۈڭ، مىجەز-خاراكتېرىنى گۈزەللەشتۈرۈڭ، ئەقىل-پاراسەتلىك قىلىپ تەربىيەلەڭ. 

2. بالىلىرىڭىز كۆپ بولسا، ئۇلاردىن سۆيۈنۈڭ، ئۇلارنىڭ يىغلاپ، شوخلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاچچىقلانماڭ. كۈلۈپ، ئىللىق چىراي بىلەن ئەركىلىتىپ، نەسىھەت قىلىپ خۇشاللىق بىلەن تەربىيىلەڭ. 

3. ئۇلارنى ئىسسىق سۇ بىلەن پات-پات يۇيۇندۇرۇپ تۇرۇڭ، بەدىنىنى ئوبدان سۈرتۈڭ، بالىلىرىڭىزنى ئۆسۈشىگە تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى قاتمۇ-قات ئوراپ، قىسىپ تۇرىدىغان تار كىيىملەرنى كىيدۈرمەڭ. 

4. بالىلار ياتىدىغان ئۆي تازا، خۇش ھاۋالىق بولۇشى كېرەك. زۆرۈر بولمىسا بالىلار ئۈستىگە قېلىن، ئېغىر نەرسىلەرنى ياپماڭ. 

5. ئەڭ ياخشىسى ئالتە ئايغىچە سۈتتىن باشقا ئوزۇق بەرمەڭ، چىشى چىقىشتىن ئاۋۋال گۆش يىگۈزمەڭ، ھەرگىز تاماقنى ئۆزىڭىز چايناپ يىگۈزمەڭ. 

6. بالىنى ئېمىتىۋاتقان مەزگىللىرىڭىزدە سۈتىڭىزنىڭ بۇزلماسلىقى ئۈچۈن پىياز، سامساق قاتارلىق نەرسىلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىڭ، بولۇپمۇ ئىچىملىكلەردىن قەتئىي ھەزەر ئەيلەڭ، ئىچىملىك بالىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە ۋە سالامەتلىكىگە زىيانلىق. 

7.بالىلىرىڭىزنى ھەددىدىن زىيادە ئەركە قىلىۋەتمەڭ، ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا تاشلاپ قويماڭ، گەپ ياندۇرۇشقا ئۆگەتمەڭ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنى ياخشى تۇتۇڭ، سىز ياخشى بولسىڭىز، ئۇلارمۇ سىز بىلەن قارشىلاشمايدۇ. 

8. بالىلىرىڭىزنى يۈرەكلىك، قورقماس قىلىپ تەربىيەلەڭ. جىن، ئالۋاستى دېگەنگە ئوخشاش بىمەنە سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى كىچىكىدىنلا قورقۇنچاق قىلىپ قويماڭ. كۆپىنچە كىشلەر ئۆيدە يالغۇز يېتىش، يار، ئازگال، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشتىن قورقىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلارنى كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئانىلىرى قورقۇتۇپ قويغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىرىڭىزنى قورقۇتۇپ تەربىيەلىمەڭ. 

9. بالىلارنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى بالدۇراق ئايرىم ياتقۇزۇڭ. بالىلار ئۈچ-تۆت ياشقا كىرگەندە شەيئىلەرنى بىر قەدەر سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتەلەيدىغان بولىدۇ. بەش-ئالتە ياشتا تېخىمۇ ئىش بىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئەگەر بالىڭىزنى چوڭ بولغۇچە يېنىڭىزدا ياتقۇزسىڭىز، ئىدىيە ۋە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بالىلاردا ناھايىتى تېزلا خاتا ھېسسىيات پەيدا قىلىپ قويىدۇ، بالىڭىزنى بالدۇراق باشقا ئۆيدە ياتقۇزسىڭىز، بالىڭىزنىڭ مۇستەقىل خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردىمى بولىدۇ. 

10. بالىڭىزنى ئىززەتلىڭ. ئەگەر بالىڭىز سىزنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىززەتلىكىڭىزگە ئىشەنسە، ئۇ ھالدا ئۆز قىممىتىنى تونۇشنى كۈچەيتىدۇ، شۇڭا سىز بالىڭىزنىڭ روھىي چۈشىدىغان، ئۇنى كەمسىتىدىغان، مەسخىرە قىلىدىغان گەپ-سۆز، قىلىقلارنى قىلماڭ. 

11. بالىڭىزنى ئۆزىنى تۆۋەن چاغلايدىغان، ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىدىغان روھىي ھالەتنى سىڭدۈرۈۋالمايدىغان قىلىپ تەربىيىلەڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ دىلىغا ۋەھىمە، تەشۋىش، قايغۇ، يىرگىنىش، نەپرەتلىنىش، نارازى بولۇشتەك تۇيغۇلارنى سالماڭ.

"ھاياتلىق"ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز