يېڭى دەۋر مائارىپىنى قەيەردىن باشلاش كېرەك
ئابدۇغېنى قۇرباننىياز
(چىرا ناھىيە دامىكۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىمىزنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى كەسىپ ھېسابلانغان يېزا ئىگىلىكى، سانائەت جەھەتلەردە زور يۈكسىلىش ھاسىل قىلدى. مائارىپنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ھۇللۇق، ئاساسلىق ئورنى تېخىمۇ ياخشى تونۇلۇپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرى خاس مائارىپنىڭلا ئىشى بولۇپ قالماي، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىشىغا ئايلىنىشتەك ۋەزىيەت يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا دەرس ئىسلاھاتى، ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى، ئوقۇتۇش شەكىللىرى، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشمۇ ناھايىتى چوڭ بولدى. بالىلارنى تەربىيەلەش يەسلى، باغچى دەۋرىدىن باشلاپ، ئالىي مەكتەپلەرگىچە تەربىيەلەش ئەندىزىسى، قىز- يىگىتلەرنى تويدىن بۇرۇن تەربىيەلەش، بالىلارنى ھامىلە دەۋرىدىن باشلاپ تەربىيەلەش چۈشەنچىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئالىي مەكتەپتىن ھالقىغان تەتقىقات خاراكتېرلىق تەربىيەلەشكىچە ئۆمۈرلۈك تەلىم- تەربىيە ئەندىزىسى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. بۇ ھال قىسمەن تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ئاھالىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىپ تۇرىدىغان يېزىلاردا بۇ خىل يېڭىلىقتىن سۆز ئېچىش بىر ئاز تەس. ئوقۇتۇش- ئوقۇش ھەقىقەتەن يەسلىدىن تارتىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغىچە سىستېما ھاسىل قىلدى. بۇ خىل ھال جەمئىيەتنىڭ ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدىغان ئاساسىي مەنبە بولدى، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئىشچى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈنمۇ يول ئاچتى. ئەمما، بىز بۇ يولدا ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ماڭالىدۇقمۇ؟ شۇنچە كۆپ ئىش ئورۇنلىرى تۇرۇغلۇقمۇ يەنە نۇرغۇنلىغان ئىشسىزلار جەمئىيەت ئۈچۈن يۈك بولۇپ تۇرماقتا. بۇنىڭدىكى سەۋەب زادى نېمە؟
بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر ھەر يىلى دۆلەتلىك ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، بەلگىلەنگەن نومۇر سىزىقىغا يەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش بىلەنلا بولغان بولسا، يەنە بىر قىسىملىرى جەمئىيەتنىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە بېرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش رىقابىتىگە زەربىدارلىق بىلەن ئاتلاندى. بۇلارنىڭ مەقسىتى نېمە؟ قارايدىغان بولساق، ھازىر مەكتەپكە كىرگەنلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قاندىقى بەلگىلەنگەن ئوقۇش مۇددىتىنى تاماملاپ لاياقەتلىك ئوقۇش پۈتتۈرەلەيدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرەلمەيدىغانلىرى يوق دېيەرلىك. قىزىل گۇۋاھنامىلىق زىيالىيلار تەرەپ- تەرەپتە ئىش ئىزدەيدۇ، ئۇلارنى ئىزدەيدىغان ئىش يوق دېيەرلىك. بولغان تەقدىردىمۇ بىرەر ھەپتە ئۆتەر- ئۆتمەيلا شاللىنىپ كېتىشىدۇ. گۇۋاھنامە بىلەن سەۋىيە ئوتتۇرىسىدا پەرق بارلىقى شۇندىن ئايان. ئالىي مائارىپنىڭ ئومۇمىي ئاھالە ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىلا تۆۋەن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئېھتىياجغا ئايلانغىنى يوق. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش تېخى ماھىيەت جەھەتتىن ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتىلمەي، بالىلار ئۈچۈن ئۆز- ئۆزىنى كۆز- كۆز قىلىش، ئاتا- ئانىلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئوقۇيالماي قالغان ئورنىنى بالىلار ئارقىلىق تولدۇرۇش، ئالتۇن تاۋاققا ئېرىشىۋېلىشتىكى دەسمايىسى بولۇپ قالماقتا. بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ ئارزۇسىنى تېخى چۈشەنگىنى يوق. ئۇنداقتا، ئادەمنى تەربىيەلەش مەكتەپنىڭ مۇنتېزىم ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا ئىشىمۇ؟
ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بالىلار بىر ئۆمۈردە ئالغان بىلىمىنىڭ %80 ئائىلىدە ئالىدۇ، مەكتەپ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان بىلىمى ئاران %20 ئىكەن. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، بالىلارنى تەربىيەلەشتىن ئاۋۋال بالىلارغا ئاتا- ئانا بولغۇچىلارنى تەربىيەلەش بۇ ھەقتە مۇنتېزىم مەكتەپلەر ئاتا- ئانا بولۇش دەرسى تەسىس قىلىش، پۇقرالار باشقۇرۇشىدا، جەمئىيەت باشقۇرغان چوڭلار كەچكۇرۇس مەكتەپلىرىنى ئېچىپ، ئاتا- ئانا بولۇش ئالدىدىكى ياكى مەكتەپ يېشىغا توشمىغان پەرزەنتلىرى بار ئاتا- ئانىلارنى تەربىيەلەش كەچكۇرۇسلىرىنى ئېچىش، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش ئىشلىرىنى تېزلەتكەندىلا جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا لايىق تەلىم- تەربىيە مۇھىتى ۋە قوشۇنىنى ئاپىرىدە قىلغىلى بولىدۇ. كارنېگنى بايراق قىلغان ئامېرىكا چوڭلار مائارىپى، ياپونىيەدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياپون قىزلىرىنىڭ ئائىلىلەردە ئايال بولغاندىن سىرت ، باش تەربىيەچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشلىرى ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ پەن تەتقىقات، سانائەت ، سودا، ئىقتىسادىي ئىشلاردا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئاچقۇچ بولسا كېرەك.
يەنە شۇنى ئەسكەرتمەي بولمايدۇكى، ئېلىمىزدە جەمئىيەت ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان كەسىپ –ئوقۇتقۇچىلىق. ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ خىرىس- ئىش ئورنىدىن قېلىش. ئېلىمىز 60 نەچچە يىللىق سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا 100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ ئاساسىي ـــ مائارىپتا، ئۇنىڭ ئاچقۇچى ھەقىقەتەنمۇ ئوقۇتقۇچىلاردا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى قىلچىمۇ سەل قاراش مۇمكىن بولمايدىغان ھالقا. جەمئىيەتنىڭ قايسى بىر ساھەسىگە قارايدىغان بولساق، ھەر ساھە، ھەر قايسى كەسىپلەردە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتقان ھەر قانداق بىر پەن- تېخنىكا خادىمى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىدە يېتىلگەن، ئۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى شۇنداق بۈيۈك كەشپىياتلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيدۇ. ئەمما، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزى قول سېلىپ بىۋاسىتە ئېرىشكەنلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭكىگە يەتمەيدۇ (بۇنىڭدىكى بىر سەۋەب ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش بىلەنلا شۇغۇللىنىپ، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا شارائىت يار بەرمىگەندۇ). بۇ يەردە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر خىل ئاجىزلىقمۇ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. يەنى ئاز بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ھازىرقىدەك ئېچىۋېتىلگەن دەۋردە ئىش ئورنىنىڭ تاللاش، شاللاشلىرىدىن قورقمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئوقۇتۇش جەريانىدا دېگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتىمۇ قىلالايدۇ، مۇنداقلىرى ھازىرقى ئىش ئورنىنى تاشلاپ جەمئىيەتتىن ئۆزىگە ئورۇن تاپالايدۇ، ئىگىلىك تىكلىيەلەيدۇ، ھازىرقى ئىش ئورنىدىن كېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەگەر ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى دېمىسە، ئۆزىگىمۇ، جەمئىيەتكىمۇ ئەڭ تېز، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان ئىشلارغا قەدەم قويۇشتىن باش تارتمايدۇ. ئەمما ، كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا سۇدا ئۈزگەن بېلىقتەك، ھاۋادىكى ئەركىن قۇشتەك شۇنچە ئەركىن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇش تەرەققىياتىغىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا كۆزى ئىلماي، نۆۋەتتىكى خىرىسنىڭ مەكتەپلەرگە بۆسۈپ كىرىشىدىن ئەنسىرەپ، دەككە- دۈككىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. ھازىرقى ئوقۇتۇشىمىز نەزەرىيە ئوقۇتۇشى بولۇۋاتىدۇ. بۇ نەزەرىيە ئوقۇتۇشى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئارقىلىق نەزەرىيە يارىتىش جەريانى بولماستىن، باشقىلارنىڭ نەزەرىيەسىدىن مەلۇمات بېرىش، يەتكۈزۈش جەريانى بولۇۋاتىدۇ. ئوقۇتۇش جەريانىدا نەزەرىيە يەتكۈزۈشنىڭ ۋاقتى كۆپ، ئەمەلىيەت ۋاقتى ئاز، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىغا قارايدىغان بولساقمۇ «ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت»، «ئەمگەك تېخنىكىسى»، «ئۇچۇر تېخنىكىسى»، «مۇزىكا» قاتارلىق دەرسلەردە قىسمەن ئەمەلىي مەشغۇلات بولغاندىن باشقا ، قالغانلىرى نەزەرىيە بىلەن چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
بىزنىڭ مائارىپىمىز شۇنداق بولغاچقا، بۇنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلىرىمىزمۇ شۇ كونكرېت رېئاللىقنى لوگىكىلىق مەنىگە ئىگە بولغان سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەپ بېرىۋاتسا كېرەك. ئالايلى، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرىۋاتقانلار «ئوقۇتقۇچى»، ئۇلارنىڭ قولىدا تەربىيەلىنىۋاتقانلار «ئوقۇغۇچى » دەپ ئاتىلىپ كەلدى. «ئوقۇتقۇچى» سۆزىنىڭ ئۆزىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، ئۇ ئوقۇشقا مەجبۇرلىغۇچى، زورلىغۇچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرسە، «ئوقۇغۇچى» دېگەن سۆز ئوقۇتقۇچىنىڭ مەجبۇرلىشىدا «ئوقۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچى» دېگەن سۆز «ئوقۇتقۇچىنىڭ مەجبۇرلىشىدا» ئوقۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچى مەنىسىنى بېرىدۇ. بۇنىڭدىن «ئوقۇتسا، ئوقۇتسا، ئوقۇسا بولىدۇ» دېگەن مەنە چىقىدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ «ئىش كۆتۈپ تۇرغانلار، ئىش ئورنى تاپالمىغانلار» نامى بىلەن يۈرۈۋاتقان قولىدىن ئىش كەلمەس بىر تۈركۈم ئالىي مەلۇماتلىق ئەمگەك كۈچلىرى شۇنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك. ئەگەر بىرى ئوقۇغۇچى بولماي ئۆگەنگۈچى بولسا، يەنە بىرى ئوقۇتقۇچى بولماي ئۆگەتكۈچى بولسا، مەكتەپتە ئوقۇپ بولسا ئەمەس، ئۆگىنىپ بولسا مەكتەپ پۈتتۈرۈش لاياقىتىنى ھازىرلىغان بولار ئىدى. ئۇ چاغدا ئۆگەنگىنىنى قىلالىسا، قانداقتۇر بىر تۇتاش تەقسىماتقا قاراپ قالماي، ئۆزى جەمئىيەتتىن ئىش تاپالىغان، جەمئىيەتتىكى ئىش ئۇنى ئىزدەپ كېلەر ئىدى. مۇشۇ بىر قاتار مۇلاھىزىدىن قارىغاندا، يېڭى دەۋر مائارىپىنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەشتىن، ئۇلار سۆزلىيەلەيدىغان، سۆزلىگىنىنى ئەمەلىيەتتە قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ تەربىيەلەشتىن، ئاتا- ئانا بولۇش تەربىيەسىنى چىقىش قىلغان ئاتا- ئانىلار تەربىيەسىنى سىستېمىلاشتۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
ھازىرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي شارائىتتىن كۆرگەندە، ئاتا- ئانىلارنى تەربىيەلەشنى مەركەز قىلغان چوڭلار مائارىپىدىن باشلانسا، ئۇلار بالىلىرىنى ھامىلە دەۋرىدىن باشلاپ تەربىيەلەشنى باشلىسا، ئاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىگە بېرىلسە، ھازىرقىدەك تەربىيەلەشنى مەكتەپكىلا ئارتىپ قويىدىغان، تاماق ئېتىش، كىر- قات يۇيۇش، گۈل ئۆستۈرۈش دېگەنلەرنى مەكتەپ مەخسۇس دەرس قىلىپ ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئارتتۇرۇپ قويىدىغان ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلغىلى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلارنى سۆزلىيەلەيدىغان، سۆزلىگىنىنى قىلالايدىغان بولۇشنى شەرت قىلىپ تەربىيەلەش، ئۇلارنىڭ مۇنتېزىم مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىش ئورنىدىن ئىقتىساد مەركەزلەشكەن نۇقتىلارغا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مائاش تەمىناتىنى، جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچى ۋاقتى كەلسە باشقىلار قىلغاننى قىلالىسىمۇ، ئوقۇتقۇچى قىلغان ئوقۇ- ئوقۇتۇشنى ئۆگەتكۈچى ، ئۆگەنگۈچى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ھەر قانداق كىشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك قىلالىشى ناتايىن. شۇڭا ، مائارىپتا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ قولىدىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ دەپلا پۇل- ئىقتىسادتىن ئىبارەت مەبۇدنى قوغلىشىپ، جەمئىيەتكە ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ئىشنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇنى مۇكەممەل، سىستېمىلىق تەربىيەگە ئىگە مائارىپچىلار يەنىلا ئادەم تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى جان بېقىشنىڭ دەسمايىسى، ئۆز تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن دەۋرنىڭ ئېھتىياجى، ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك بۇرچى سۈپىتىدە ئىشلەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
ئادەم تەربىيەلەشنى مائارىپچىلارنىڭ قولىغىلا تاشلاپ قويۇش مەيلى چوڭ جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى كىچىك جەھەتتىن بولسۇن، بىر خىل مەسئۇلىيەتسىزلىك. ئادەم تەربىيەلەش ھەر بىر ئادەمنىڭ، ھەتتا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئىشى. تەلىم- تەربىيەنىڭ تۇنجى قەدىمى ئائىلە، ھەر بىر ئائىلىدىكى ئەر بىلەن ئايال جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇش، ئۆز ئەۋلادىغا مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆز ۋەزىپىسىدىن قىلچە باش تارتماسلىقى كېرەك. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، يېڭى دەۋر مائارىپنى چوقۇم ياش ئەر- ئاياللارنى تەربىيەلەشتىن باشلاش كېرەك.
راست گەپنى ئېيتقاندا، مەن بىر ئادەمنىڭ شۇنداق دېيىشى بىلەنلا بۇ ئىشنى باشلاپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، تەربىيەلەش ئورۇنلىرى، تەربىيەلىگۈچىلەر، تەربىيەلەش ماتېرىياللىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىشى تەبىئىي. شۇڭا ، مۇمكىن بولغىنىدا خەلق ئىشلىرى تارمىقى باش بولغان ھالدا جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مەكتەپ قۇرۇش، تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئىجتىمائىي كۈچلەر ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، شۇ ئارقىلىق قاتتىق، يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى دۆلەتكە، پۇقراغا سېلىق سالماي تۇرۇپ ھەل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. بولۇپمۇ، ھازىرقى دەۋردە تۇنجى جۈرئەت قىلالايدىغانلار بولسا، تەبىئىيكى ھازىرقىدەك ياخشى ۋەزىيەتتە تېز ئېقىم شەكىللىنىدىغىنى ئېنىق. مۇشۇنداق بولۇش قاچان ئىشقا ئاشسا، شۇ چاغدا بىزنىڭ مائارىپىمىز ھەقىقىي مائارىپ بولالايدۇ، ساپا مائارىپى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تاپالايدۇ.
مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2-سانى