ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
يېقىندا قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېدى: ھازىر دوختۇرلار مۇناسىۋەتلىك ئاغرىقلارغا ئاسپىرىن بۇيرۇغاندا ئامال بار مىقدارىنى ئازايتىشقا ئۇرۇنىدۇ، شۇ رەۋىشتە ئۇزاققىچە يېيىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بىراق كۈندە يېيىلىدىغان ئئاسپىرىننىڭ مىقدارى 75 مىللىگىرامدىن ئاز بولسا، كۆپ ساندىكى ئاغرىقلارغا ماس كەلمەيدۇ.
مۇتەخەسىس مۇنداق دېدى: ئاسپىرىن قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئۇيۇششىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاخىرىدا قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بۇيرۇلىدۇ، بىراق بۇنچىلىك مىقداردىكى ئاسپرىىننىڭ بۇنداق ئىقتىدارى بولمايدۇ، شۇڭا كۈندە يەيدىغان ئاسپىرىننى مىقدارىنى 150 مىللىگرامغا كۆپەيتمەي بولمايدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە، ئاسپىرانت قاننىڭ قېتىششىىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ھەتتا بەدەننى زەھەرلەيدىغان مەنبەگە ئايلىنىپ قالىدۇ.