ئۇبۇنتۇنىڭ مۇندەرىجە تۈزۈلۈشىدىن قىسقىچە ساۋات
/bin مۇندەرىجە: bin ئىككىلىق سېستىما binary نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، UNIX نىڭ ئەسىلدىكى مۇندەرىجە ئاساسىدا قۇرۇلغان. بۇ يەرگە ئاساسلىقى دائىم ئىشىلتىدىغان بۇيرۇقلار توپلانغان بولىدۇ. مەسىلەن: cp,ls,cat قاتارلىقلار /boot مۇندەرىجە: بۇ يەردە ساقلىندىغىنى LINUX قوزغالغاندا كېرەكلىك بىر قىسىم يادرولۇق ھۆججەتلەر /dev مۇندەرىجە: device ( ئۇسكۈنە) نىڭ قىسقارتىلمىسى، بۇ يەردىكىلىرى LINUX قا بارلىق سىرىتدىن ئۇلۇنىدىغان ئۇسكۈنىلەرنىڭ مۈھىم ھۆججەتلىرى......
Linux مۇھىتىدىكى vb پروگرامما تۈزۈش قورالى Gambas
Gambas لىنىكىس مۇھىتىدىكى vb پروگرامما تۈزۈش قورالى بولۇپ، كوماندا مەشغۇلاتلىرى ۋە گرامماتېكا تۈزۈلىشى windows دىكى vb بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. linux مۇھىتىدا بىر قەدەر كۆپرەك ئىشىلتىلىدىغان ساندانلارنى ( mysql/postgresql/sqllite...قاتارلىقلار) قوللايدۇ. ئادىرىس: http://gambas.sourceforge.net/en/main.html چۈشۈرۈش1: http://gambas.sourceforge.net/zh/download.html چۈشۈرۈش2: http://down.ddvip.com/view/119493891517225.html
AcetoneISO لىنىكىس ۋە Mac مۈھىتىدكى ئېقتىدارى ناھايتى كۈچلۈك مەۋھۈم دېسكا قوزغاتقۇچ بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئېقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە: * مەۋھۈم دېسكا ھۆججەت شەكىللىرىدىن ISO、MDF、NRG قاتارلىقلارنى قوللاش * ھەر خىل شەكىلدىكى مەۋھۈم دېسكا ھۆججەتلىرىنى ( مەسىلەن: BIN/CUE、MDF、NRG、CCD/IMG、CDI、XBOX、B5I/BWI、PDI、DAA ) قاتارلىقلارنى ISO شەكىلگە ئايلاندۇرۇش * خالىغان ھۆججەت ياكى CD/DVD لارنى ISO شەكىلىگە ئايلاندۇرۇش * ISO ھۆججەتلىرىگە نىسبەتەن......
ئۇبۇنتۇنىڭ پارولىنى ئۇنتۇپ قېلىپ كىرەلمىسىڭىز
ئەگەر پارولىڭىزنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئۇبۇنتۇغا كىرەلمەي سېستىمىنى قايتا قاچىلىۋىتىش نېيىتىدە بولغان بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناق بېقىشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمەن. 1) سېستىما قوزغالغاندا يۇقۇرىغا-تۆۋەنگە يۆتكەش ( ئىستىرىلكا ) كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق تىزىملىكتىكى Ubuntu-x.x.xx.xx-generic (recovery mode) تۇرىنى تاللايمىز، ئاندىن e كۇنۇپكىسىنى چىكىمىز. ( دېققەت! تاللاپ بولۇپ e نى باسىمىز، enter كۇنۇپكىسىنى بېسىش ھاجەتسىز ) 2) ئىككىنچى بەتتىكى تىز......
ئالدىنقى قېتىملىق يازمامدا grub-customizer نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدىم، يەنە قوش سېستىما قاچىلانغان ئەھۋالدا بەلگىلىگەن سېستىمىنى ئاكتىپ قوزغىلىدىغان قىلىش قورالى. نۆۋەتتە تونۇشتۇرۇلماقچى بولغان startupmanager مۇ شۇ خىلدىكى قوراللارنىڭ بىرى. grub-customizer بىلەن بولغان پەرقى، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك ئۆزىگە خاس ئېقتىدارلار قوشۇلغان: * GRUB نىڭ قوزغىلىش ۋاقتىنى تەڭشەش ( ئادەتتە 10 سېنۇنىتقا تەڭشەلگەن )، ئېنىقلىق پەرىقلەندۈرۈش دەرىجىسى ( 分辨率 ......
wget نى ئىشىلتىش ماھارەتلىرى
wget تېرمىنالدىكى كۆپرەك قوللىنىلدىغان چۈشۈرۈش قوراللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نەرسە-كېرەك چۈشۈرۈپ تۇرىمىز. تۆۋەندىكى بىر قانچە ماھارەت ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشىڭىزغا ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. $ wget -r -np -nd http://example.com/packages/ يۇقارقى بۇيرۇق http://example.com تور بىكەتتىكى packages مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى چۈشۈرىدۇ. $ wget -r -np -nd --accept=iso http://example.co......
Linux دىكى ئەخلەت ھۆججەتلەرنى تازلاش قورالى BleachBit
بىر قىسىم ئەخلەت ھۆججەتلەر ۋاقتىدا تازلانمىسا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سېستىمىدا ئىگەللىگەن بوشلىقى چوڭىيىپ بارىدۇ، سېستىمىنى مەلۈم دەرىجىدە ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ. Windows دا ئەخلەت ھۆججەتلەرنى تازلاش قوراللارى نۇرغۇن، مەسىلەن CCleaner دېگەندەكلەر. BleachBit لىنىكىس مۈھىتىدىكى شۇ خىلدىكى قوراللارنىڭ بىرى. نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى نەشىرى BleachBit version 0.8.7 گە HTML 5 ، Cookies لارنى تازلاش ئېقتىدارى قوشۇلغان. كېرەكسىز سېستىما ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۈ......
تورغا ئۇلىنىش ئەھۋالىنى ئەسكەرتىش كۆزنىكى ئىشلىمىسە…
بىلمىدىم نېمە سەۋەبدىن، سېستىمىغا كىرگەندە ئۈستى ئوڭ تەرەپتىكى ( ۋەزىپە ستونىدىكى ) كومپىيۇتېرنىڭ تورغا نورمال ئۇلانغان-ئۇلانمىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈر كۆزنىكى ( رەسىمى ) ئىشلىمەس بولۇپ قالدى. گەرچە تورغا نورمال ئۇلانسىمۇ يەنىلا بىر بەرسە كەمدەك تۈيغۇ بېرىدىكەن. تورنى بىرەر قۇر ئاختۇرسام ھەل قىلىش چارىسى تېپىلدى: تورغا ئۇلىنىشنى باشقۇرۇش ھۆججىتى ( 网络连接管理文件 ) دىن تەڭشىۋەتسىلا ھەل بولىدىكەن. sudo gedit /etc/NetworkManager/nm-system-s......
سىمسىز تورنى يېشىش قورالى aircrack-ng
تۆۋەندىكىسى مەلۈم تورداشنىڭ ئۇبۇنتۇدا سىمسىز تورنى يېشىش جەريانىدىكى تەجىرىبىسى ئىكەن، قېنى بىزمۇ كۆرۈپ باقايلى: ( ئەپسۈس، مەندە سىمسىز تور كارتىسى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، سىناق قىلىشقا ئامالسىز قالدىم ) 1) قەدەم: ئالدى بىلەن aircrack-ng نى قاچىلايمىز. sudo apt-get install aircrack-ng 2) قەدەم: سىمسىز تورنى قوزغىتىمىز. ئەگەر windows مۈھىتىدا سىمسىىز تورنى تاقىۋەتكەن بولساق ئالدى بىلەن ئۇنى ئېچىشىمىز كېرەك، بولمىسا ئۇبۇنتۇدا سىمسىز قوزغالمايدۇ......
ئەگەر windowXP نىڭ پارولى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ بەلكىم پارول ئۆزگەرتىش قوراللىردىن پايدىلىنىشىڭىز مۈمكىن. ئۇنداقتا پارول ئۆزگەرتىش قورالى يوق ئەھۋالىدا قانداق قىلسىز؟ ubuntu ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ بولىدىكەن ئەمەسمۇ. قېنى، تۆۋەندىكى قۇرلارغا قاراڭ... ئالدى بىلەن ئۇبۇنتۇنى قوزغىتىمىز ( livecd دا قوزغالسىمۇ بولىىدۇ ) chntpw نى قاچىلايمىز ( change password نىڭ قىسقارتىلمىسى ) sudo apt-get install chntpw قاچىلاش مۇۋەپپىق......