تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپىتى ئىلىۋاتقان كونا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىگە!

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،
بىلگىنىڭلاردەك، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت مۇكاپات پۇللىرى، 2012-يىلى 11 ئاينىڭ 11-كۈنى، «تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتلىرى» دېگەن نام بىلەن بىرلەشتۇرۇلگەن ئىدى. مۇكاپات پۇللىرى 2013 يىلىدىن باشلاپ باش مىنىسترلىق تەرىپدىن بېرىلىۋاتىدۇ. 2012-يىلىدىن بۇرۇن مۇكاپاتلىق  ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ئوقۇش بىلگىلىرىنى يىڭىلاش، كىملىك بىلگىسىنىڭ تەكشۈرۈلمەسى ئۈچۈن، تۈۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى جەدىۋەلنى تولۇق تولدۇرۇپ، 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن بۇرۇن ئەنقەرەدىكى خەلىقاارالىق ئوقۇغۇچىلار باشقارماسىغا ئەۋەرتىپ بېرىشىڭلار كېرەك. ئەگەر بۇ جەدىۋەل تاپشۇرۇلمىسا، 3- ئايلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىلمەسلىكى مۇمكىن. جەدىۋەلنى تولدۇرغاندا، پاسپورتتىكى ئىسىمنى ئاساس قىلىپ تولدۇرۇڭ  ۋە ۋاقىپ بانكىسىدىكى IBAN  ھېساب نۇمۇرنى تولۇق يېزىڭ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەكتىپىڭىزدىن تەستىىلانغان ئەڭ يىڭى ئوقۇغۇچىلىق ئىسپاتى ۋە ئوقۇش نەتىجىلىرىنى سىكەن قىلىپ جەدىۋەل بىلەن قوشاپ ئەۋەرتىڭلار.

مۇناسىۋەتلىك جەدىۋەلنى چۈشۈرۈش ۋە بۇ ئېلاننىڭ تەپسىلاتنى تۈۋەندىكى توردىن كۆرەلەيسىز:

http://www.turkiyeburslari.gov.tr/index.php/tr/haberler/462-08032013-1

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى