ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلار ! ھەممىڭلارنىڭ خەۋىرىڭلار بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كومېتىتىنىڭ بىۋاستە نازارەتچىلىكىدە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن چىقىرىلماقچى بولغان « تەۋپىق گېزىتى» نىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرى ۋە باشقا تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسەن پۈتۈپ قالغان بولۇپ، پەقەت ئەسەر كەمچىللىكى سەۋەبى بىلەن ئىشلىنۋاتقان خىزمەتلەر تازا يېتەرلىك ئەمەس . بىز بۇنى بەلكى ۋەتەننىڭ ئىچى – سىرتىدىكى كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گېزىتىمىزگە بولغان چۈشەنچىسنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە تەشۋىقاتنىڭ ئازلىقىدىن بولغان بولسا كېرەك دەپ قارىدۇق .
شۇڭلاشقا ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا گېزىتىمىزغا ئەۋەتىلدىغان ئەسەرلەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ۋە ژانىرىنى قىسقىچە ئىزاھلاشنى مۇۋاپىق كۆردۇق .
گېزىتىمىز ئانا تىلىمىزدا چىقىدىغان ئايلىق ئەدەبىي ئۇنىۋېرسال گېزىت بولۇپ، (ئەگەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاكتىپ قوللىشى ۋە سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولالىساق ۋە گېزىتىمىزگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەسەر كەلسە كېيىنچە ئىككى ھەپتىدە بىر ياكى ھەپتىدە بىر سان چىقىرىش پىلانىمىز بار، ئەلۋەتتە بۇ بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمزنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىگە باغلىق) سەھىپە مەزمۇنلىرى ئاساسەن تۆۋەندىكىچە :
- ئەدەبىيات – سەنئەت گۈلزارى
بۇ سەھىپىمىزدە ئاساسەن ئىجادىي بولغان ھېكايە ، شېئىر ، نەسىر ، ماقالە ، كىتاپ ئوقۇش خاتىىرسى ، ساياھەت خاتىرىسى ، ئوبزور ۋە ئەدەبىي ئاخبارات قاتارلىق مەزمۇندىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ .
- ئوقۇ – ئوقۇتۇش
بۇ سەھىپىمىزدە تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ، تەجرىبىسى ، مائارىپ تۈزۈمى ، ئۇقۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئوقۇش تەجرىبىلىرى ۋە ئوقۇش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر، شۇنداقلا ۋەتەن ئىچى سىرتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل تەتقىقات ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى قاتارلىق ئوقۇش ۋە مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ .
3 . ۋەتەندە نېمە گەپ؟
بۇ سەھىپىمىزدە ۋەتىنىمىزدە يۈز بەرگەن ھەر خىل ئىجتىمائىي ھادىسلەر ، رېئال ۋەقەلەر ، جەمئىيتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ھەر خىل ئىللەتلەرگە نىسبەتەن يېزىلغان پوبلىستىك ماقالىلەر، چۈشەنچە – تەھلىللەر ۋە ۋەتىنىمىزىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ .
4 . تۈركىيە تەسىراتلىرى (ياقا يۇرت تەسىراتلىرى)
بۇ سەھىپىمىزدە تۈركىيەدە ۋە ۋەتەننىڭ ئىچى – سىرتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان يەردىن ئالغان تەسىراتلىرى، چۈشەنچىلىرى ۋە شۇ يەرنى تونۇشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ .
5 . تارىخىي شەخسلىرىمىز
بۇ سەھىپىمىزدە ئۇيغۇر – تۈرك تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر تونۇشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئالىملىرى، پەيلاسوپلار، دىنىي ئەربابلار، تېۋىپ –ھەكىملەر، سىياسەتشۇناشلار، ھۆكۈمدارلار، يازغۇچى –شائىر، مەدەنىيەت ئەربابلىرى شۇنداقلا سەنئەت ساھەسىدىكى مەشھۇر زاتلار، قىززىقچى – ناقىسلار، قىسقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا، مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تارىخىي شەخىسلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ .
6 . مەدەنىيىتىمىز
بۇ سەھىپىمىزگە مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ بارلىق ئېچىقلىرىغا ئائىت بولغان تېمىلار، يەنى يېمەك – ئىچمەك، ئۆرپ – ئادەت، توي – تۆكۈن، قائىدە- يوسۇن، نەزىر – چىراغ، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەت، بىناكارلىق، نەققاشلىق، ھۈنەر – كاسىپ، خەتتاتلىق، باغۋەنچىلىك، تېرىقچىلىق، توقۇمىچىلىق، سازەندە – رەققاسلىق … قاتارلىق تېمىلارغا مۇناسۋەتلىك ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ .
7. تەرجىمە ئەسەرلەر
بۇ سەھىپىمىزگە دۇنيادىكى باشقا تىللاردىن ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئەسەر نىڭ ژانىرى چەكلەنمەيدۇ .
8 . ئەخلاق بوستانى
بۇ سەھىپىمىزگە مىللىتىمىز ۋە دىنىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاق رامكىلىرى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئەخلاقىمىزنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ماھىيىتى شۇنداقلا گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغان كىشىلىرىمىزنىڭ ھېكايىلىرى قاتارلىق مەزمۇندىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ .
9 . تاغدىن – باغدىن
بۇ سەھىپىمىزگە ھەجىمى كىچىك بولغان تەرمىلەر يەنى ئەقلىيە سۆز، ھېكمەتلىك ئىبارە، يۇمۇر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بولغان مىكرو تىپتىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ .
10. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل
بۇ سەھىپىمىزدە مىللي تىبابەت، ساغلاملىق، ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىككە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ .
11. تەنتەربىيە ئۇچۇرلىرى
بۇ سەھىپىمىزدە دۇنيادىكى قىززىق نۇقتا تەنتەربىيە خەۋەرلىرى ۋە ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەنتەربىيەگە ئائىت ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ .
12.دۇنيا يېڭىلىقلىرى
بۇ سەھىپىمىزدە دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى ۋە ئالاھىدە بولغان پەن – تېخنىكا ئۇچۇرلىرى،
ئىلىم – پەندىكى يېڭى بايقاشلار ۋە غەلىتە ھادىسىلەر قاتارلىق مەزمۇندىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ .
گېزىتىمىز تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن چىقرىلىدىغان تۈركىيەنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرىدىن ئۆتكەن گېزىت بولۇپ، ھېچقانداق سىياسىي تۈس ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى يوقتۇر.
گېزىتىمىزگە قانۇنىي ھوقۇق ۋە سىياسەتلەرگە خىلاپ ئەسەرلەر بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە بېسىلمايدۇ. ئەگەر ئەسەر ئەۋەتكۈچىلەر ئۆز ئىسىم – فامىلسىنى قوللىنىشنى خالىمىسا تەخەللۇس قوللانسىمۇ تامامەن بولىدۇ. بىز گېزىتىمىزگە ئەسەر ئەۋەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى ۋە ئەسلى كىملىكىنى قەتئىي ئاشكارىلىمايمىز .
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ، گېزىتىمىزگە ئەسەر ئەۋەتىش بىلەن بىرگە گېزىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇكەممەللىكى ئۈچۈن سەمىمىي تەكلىپ – پىكىر بېرىشىڭلارنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز !
ئەسەر ۋە تەكلىپ پىكىر بېرىش خەت ساندۇقى: tevpiqgeziti@gmail.com
___ ھۆرمەت بىلەن: تەۋپىق گېزىتى تەھرىر ھەيئىتى.
ئستانبۇلدىكى سۇلتان ئەخمەت مەيدانىنى تەسۋىرلەپ بىر نەسىر يېزىۋاتىمەن. باشقىلار يېزىۋالمىسۇن
باشقا دۆلەتتىكىلەر قانداق ، نەدىن تىپىپ كۆرىمىز . رەھمەت
ئەگەر پوچتا ئادرىسىڭىزنى يېزىپ قويسىڭىز. ئەۋەتىپ بېرىمىز. تورغىمۇ قويماقىچى.
مەن ئەسەر ئەۋەتىپ باقاي سىلەرگە ياراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
رەخمەت، گېزىتىمىز پات ئارىدا نەشىردىن چىقماقچى!
توردىنمۇ كۆرگىلى بولامدۇ؟
مۇشتىرە بولۇش شەكلى بىلىنمۇ ياكى ھەقسىز بولامدۇ؟ ئەۋەتىلىشى…
ھەقسىز بولىدۇ. گېزىنىڭ بىرىنجى سانى 4-ئايدا نەشىردىن چىقماقچى. توردىنمۇ كۆرەلەيسىلەر.
تۇنجى ساندا ، ئەۋەتكەن شېئىرلىرىمدىن بىرەرسىنىڭ تاللىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن (كۈلۈمسىرىگەن چىراي ئىپادىسى)
ئاللا بۇرىسا، ياخشى نەشىر قىلشقا تىرشىمىز ۋە توردىمۇ ئىلان قىلىمىز گېزىتىمىزنى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى ئەپەندىم؛ تەۋپىق گىزىتىنىڭ ئىشى قانداق بولدى،..قاچان نەشىردىن چىقىدۇ.،،بىز كۈتىۋاتىمىز.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
گېزىتنى نەشىرگە تەييارلاۋاتىمىز.
ئاللا بۇيرىسا، بىر ھەپتە ئىچىدە نەشىرگە بېرىمىز. ئامما بەزى تەييارلىقلارنى قىلش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە ئادەم يېتىشمەيۋاتىدۇ. گېزىتتە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىدىغان يازغۇچىلىرىمىزغا ئېلخەت بىلەن بىلىگى بىرىمىز ۋە گېزىتنى توردىمۇ ئېلان قىلىمىز. گېزىتىمىزنى قوللىغانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز!
گېزىتىمىزگە قانۇنىي ھوقۇق ۋە سىياسەتلەرگە خىلاپ ئەسەرلەر بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ دەپسىز بۇ قايسى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .تەپسىلى ئۇچۇر بەرسىڭىز.
ياخشىمۇسىز،
«قانۇنىي ھوقۇق ۋە سىياسەتلەرگە خىلاپ ئەسەرلەر بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ» دىگىنىمز، بۇ گېزىت نەشىردىن چىققاندىنى كېيىن، ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردىكى كىشىلەر خاتىرجەم، بىمالال، ئوچۇق-ئاشكارا ئوقۇيالايدىغان مەزمۇنلارنى ئۈز ئىچىگە ئالغان ئەسەرلە بولىشى كېرەى دىگەنلىك بولىدۇ. گېزىتىمىز خەلقارالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇنداق بىر شەرت قويۇش زۆرۈر بولاپ قالدى.
بىز تاپشۇرۋالغان ئەسەرلەر ھەققىدە، يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە سەمىمى بىر شەكلىدە، ئەڭ كېچىكىپ بولسىمۇ 12 سائەت ئىچىدە جاۋاپ قايتۇرىمىز. زۆرۈر بولسا، مەزمۇنلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىمىزنى بېرىمىز.
بۇ 1-2 كۈندى بىرى، خەلىقارالىق ئوقغۇچىلار ئۈچىرشىشىغا تەييارلىق قىلىمىز دەپ، ئىنكاسىڭىزغا ۋاقتىدا جاۋاپ بېرەلمىدۇق. بۇنى توغرا چۈشىنىڭ.
گېزىتىمىزگە ئەسەر ئېۋەتىش ئۈچۈن قىزىققانلىقىڭىز ئۈچۈن رەخمەت ئېيتىمىز.
ئەسسالام ئەلەيكۇم گىزىتنىڭ بىرىنجى نەشىرى قاچانراق چىقا بەك كۇرگۈمىز كىلىۋاتىدۇ .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
كىلىدىغان ھەپتە نەشىرگە بىرىمىز. نەشىرگە تەييارلاۋاتىمىز. ئاللا بۇيرىسا 4-ئايدىن باشلاپ گېزىتىمىز ئۈزۈلمەي چىقىپ تۈرىدۇ.
ھە تولىمۇ گۈزەل بولغۇدەك ئەمسە ،
رەھمەت سىلەرگە مىھنەتكەشلەر
ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم
مەن بىر سۆز ئويۇنى يازغان ئىدىم ،بەلكىم ياراپ قالار .ئەمسە ئەۋەتتىم
رەخمەت سىزگە.
مەكتەپتىن تاللىغان تەتقىقات تىمىمىزنى يوللىساقمۇ بۇلامدۇ ؟
مەنمۇ بىر ككرسەم بولاتتى بۇ گېزىتنى تور بەت ئادىرىسىنى يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن
تەۋپىق گېزىتى نىمىشقا ھازىرغا قەدەر بىرەر سان گېزىتنى نەشىرگە چىقارمىدى؟
ۋاقىت ئاجىرتىپ بولالمايۋاتىمىز بۇ ئىشنىڭ كۆپلىگىدە…. ئامما ئاز قالدى، ناھايىتى ياخشى بىر گېزىت بولغىسى.