قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،
سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى تەرىپىدىن، تۈركىيىگە يڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ۋە قىسقا مۇددەتلىك ساياھەتكە(تىجارەتكە) كەلگەن كىشىلەرگە قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆز ئېھتىياجىدىن چىققىدەك تۈركچە ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان«3-قارار تىز سۈرئەتلىك تۈرك تىلى» كۇرسى ئېچىلىدۇ. كۇرس 11-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 9:00 دە باشلىنىدۇ ۋە 6 ھەپتە داۋاملىشىدۇ. دەرسلەر دۈشەنبىدىن-شەنبەگىچە ھەركۈن 9:00-12:00 سائەتلەردە ئۆتۈلىدۇ. كۇرس تاماملانغاندا، قاتناشقۇچىلارنى تۈركچە جۈملىنى توغرا تۈزۈش، سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش، تۈركچە خەتلەرنى راۋان ۋە توغرا ئوقۇش، توغرا يېزىش، جەدۋەللەرنى توغرا تولدۇرۇش ۋە ئاددى تەكلىپ – تەلەپ نامە يېزىش قاتارلىق قابىلىيەتلىرىگە ئىگە قىلىش مەقسەت قىلىدۇ.
بۇ كۇرسقا قاتناشماقچى بولغانلار، بۇ شەنبە كۈنى ، 11-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 15:00 گىچە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى مەركىزىگە كىلىپ تىزىملىتىشى كېرەك. كۇرس باشلانغاندىن كېيىن، دەرسنىڭ سۈپىتى، راۋانلىقى ۋە پىلان بويىچە تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يىڭى ئوقۇغۇچى دەرسكە ئېلىنمايدۇ.
ئادرېس:
Haseki Sultan Mah. Millet Cad.
Güney Ap. No:31/3
Fatih / İstanbul – Türkiye
Tel-Fax: +90 212 585 01 77
مەن تۈرۈكچە ئۈگۈنەي دىگەن
ۋەقىپكە كىلىپ كۇرسقا قاتنىشىڭ.
ەسسالامۇ ەلەيكۇم .مېنىڭ2014چى يىللىك ىمتاھانغا كاتنھشكۇم بارتى. قانداق تەييارلىقلار كېتىدۇ ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
قانداق ئىمتاھانغا كىرەتتىڭىز؟، تولۇك كۇرۇسمۇ، ئاسپىرانتمۇ؟
مىنىڭ كىيىم لاھىيىلەش كەسپىدە ئوقۇغۇم بار ئىدى ،ئۇنۋىرسىتىىتلاردا كىيىم لاھىيىلەش كەسپى بارمىدۇ ياكى كۇرۇستا ئۈگىنەمدىغاندۇ؟
ئۈنىۋىرىستىتلاردا سىز ئوقۇماقچى بولغان كەسپەلەر بار. ئامما كۇرسلارمۇ بار.