قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،
ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ تەكلىپ ۋە تەلەپلىرىگە ئاساسەن،باشلانغۇچ سەۋىيىدە ئىنگىلىز تىلى كۇرسى ئېچىلماقچى. دەرسلەر 11-ئاينىڭ 13-كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، دەرسلەر ھەر-ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى سائەت 06:00-18:00 ئارىسىدا بېرىلمەكچى. بۇ سەۋەپتىن ئۇقۇغۇچىلار چوقۇم تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك. كۇرس باشلانغاندىن كېيىن يىڭى ئوقۇغۇچىلار ئېلىنمايدۇ.
كۇرس، سۇتۇق بۇغراخان ئېلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى مەركىزىدە ئېچىلماقچى. تەپسىلى ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش ئادرېسىدىن سورىساڭلار بولىدۇ.
ئالاقىلىشىش ئادرېسى:
Haseki Sultan Mah. Millet Cad.
Güney Ap. No:31/3
Fatih / İstanbul – Türkiye
Tel-Fax: +90 212 585 01 77
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم
بۇ باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ئىنگىلىز تىلى كۇرسىسى ئىچىلىپ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ ، يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بۇ دەرسلىككە قاتناشساق بولارمۇ ؟ مەن ئىنگىلىز تىلنى يىڭىدىن باشلاپ ئۈگەنمەكچىتىم . ۋەتەندىكى ئىككى ئايدەك ئىنگىلىز تىلى ئۈگەنگەن . ئەمما قايتىدىن باشلاپ پىشىقلاپ ئۈگىنەي دىگەنتىم . بۇ دەرسلىك ماڭا ماس كىلەمدۇ؟ بۇ دەرسلىكنىڭ ئوقۇش پۇلى قانچە ؟ بۇ توغۇرسىدا ئازتولا ئۇچۇر ۋە تەكلىپ پىكىر بەرگەن بولساڭلار.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
قاتناشسىڭىز بولىدۇ. تەپسىلى مەزمۇننى ئالاقىلىش تېلېغوندىن سوراڭ.