قەدىرلىك قېرىنداشلار،
تۈركىيىدە نۇرغۇنلىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىچىلىشى بىلەن ھەر-خىل كەسپلەردە ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئېھتىياج بولىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئەگەر سىز «دوكتورلۇق» ئۈنۋانى ئالغان بولسىڭىز ياكى بىرەر يىل ئىچىدە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولسىڭىز ۋە تۈركىيىدە ئىشلەشنى خالىسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز بولىدۇ. ئالدى بىلەن قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىزنى (CV-curriculum vitae) يوللايسىز. بۇنىڭدا، تولۇق كۇرستا ئوقۇش پۈتتۈرگەندە قىلغان تەتقىقاتىڭىز، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان كەسپىڭىز، تەتقىقات تېمىڭىز ۋە ئېلان قىلغان ماقالىلىرىڭىز، دوكتۇرلۇق تەتقىقات تېمىڭىز، ماقالىلىرىڭىز ۋە كەلگۇسىدە قىلماقچى بولىۋاتقان تەتقىقات پىلانىڭىز، بىلىدىغان چەتئەل تىللىرى دىگەندەك ئوقۇش ۋە خىزمىتىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىلەرنى تەپسىلى يېزىڭ. ئەگەر بىرەر يەردە ئىشلىگەن ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا پىراكتىكا قىلغان بولسىڭىز، ئۇلارنىمۇ يىل-ئاي بىلەن قوشۇپ يېزىپ قويۇڭ.
ماتىرياللارنى بۇ ئېلخەتكە يوللىسىڭىز بولىدۇ:uyguroku@gmail.com
سىزلەرگە ئوتۇق تىلەپ،
مەن بۇ يىل دوكتۇرلۇق دەرىسنى تۈگىتىپ يىتەرلىك باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمەن. مەنمۇ تىزىملاتسام بولامدۇ:
ياخشىمۇسىىز،
سىزمۇ يوللاۋىرىڭ. بەلىكى «ياردىمىچى ئوقۇتقۇچى» شەكىلىدە ئىلتىماس قىلغىلى بوپ قالار. «دوكتورلۇك» ئۈنۋانى ئالغاندىن كېيىن، رەسىمى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىسىڭىز بولىدۇ.
بەك ياخشى بولۇپتۇ. بىر سوئالىم بار : مەسىلەن ئۇلارنىڭ تۈرك تىلىنى بىلىشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ئىلتىماسنى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلامدۇ ياكى ئېنگىلىز تىلىدا بولسىمۇ بولامدۇ؟
سالام بىلەن،
ماھىرە
مۈمكىن بولسا، ھەم تۈركچە ھەم ئىنگىلىزچە تەييارلاپ يوللاپ بىرىڭ. ئاسپىرنات ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلارغا كۆپ مەكتەپلەردە دەرس ئىنگىلىز تىلىدا بىرىلىدۇ. تولۇق كۇرستا بولسا تۈرك تىلىدا.