تۈركىيە مۇكاپاتلىق ئوقۇشى تېلېفونلۇق مۇلازىمىتى ھەققىدە

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

تۈركىيە ھۆكۈمىتى، تۈركىيە مۇكاپاتلىق ئوقۇشى ھەققىدە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت بىرىش ئۈچۈن، ھەپتە ئىچى سائەت 09:00- 18:00 لەردە، تۈرك، ئىنگىلىز، ئەرەب ۋە رۇس تىللىرىدا  تېلېغون بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار سۇئاللىرىنى تۆۋەندىكى نومۇردىن بىۋاسىتە سورىسا بولىدۇ. سوئال سوراشتىن بۇرۇن، ئەگەر سىز بۇرۇن ئىلتىماس قىلغان بولسىڭىز، پاسپورت نومۇرىڭىزنى، پاسپورتتىكى ئسىمىڭىزنى ۋە ئېلخەت ئاددرىسىڭىزنى تەييارلىۋېلىپ تېلېغون قىلىڭ. بۇنداق بولغاندا، سۇئاللارغا تىز ۋە ئېنىق جاۋاب ئالالايسىز.

تۈركىيە مۇكاپاتلىق ئوقۇش مۇلازىمەت تېلېغون نۇمۇرى: 00908504550982

سىزلەرگە ئۇتۇق تىلەپ،

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى