تولۇق كۇرستا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا جىددى مۇراجەت

 

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

بىز تۈركىيەگە كىلىپ ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇماقچى بولىۋاتقان بالىلارغا داۋاملىق ۋە ئىزچىل بىر شەكىلدە، تۈركچە ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ماتېماتىكا قاتارلىق پەنلەرنىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىنى تەكىتلەپ كەلدۇق. ھەتتا، ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز YÖS ۋە تۈركچە كۇرسلار ئىچىپ بەردۇق. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان بالىلار بولدى. ئامما كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئېتىبار قىلمىدى. نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەر، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغان YÖS  ئىمتىھانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلانلار چىقاردى ۋە ھازىر شۇ ئىمتىھانلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچى تاللاش شەرتى بولسا، ھەر كەسىپكە بېرىلگەن سان چەكلىمىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، شۇ كەسىپكە ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ رەت تەرتىپى بويىچە تاللاۋاتىدۇ. بۇ دىگەنلىك، سىز ئىمتىھاندا 99 ئالسىڭىزمۇ، 100 ئالغان ئوقۇغۇچىدىن بىر-نەچچىسى بولسا، شاللىنىپ كىتىسىز دىگەنلىك بولىدۇ….

ھازىر ئوقۇغۇچىلىرىمىز، بىر-نەچچە مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىپ قويۇپ بولدى قىلىۋاتىدۇ. ھەمدە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىس قانچىلىك بولغانلىقى ئۆزلىرىگە مەلۇم.ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ  YÖS  نەتىجىسى يوق!

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار، سىزنىڭ نەتىجىڭىز توشمىسا، سىزلەر ئارزۇ قىلغان كەسىپلەرگە كېرەلمەيسىلەر ۋە ھېچكىم ياردەم قىلالمايدۇ. سىزدىن يۇقىرى نومۇر ئالغان بىرى بولغان ئەھۋالدا، ئۇ ئوقۇغۇچىنى تاشلاپ قويۇپ سىزنى قوبۇل قىلمايدۇ!

بۇ سەۋەپتىن، ئىلتىماس قىلىدىغان قانچىلىك مەكتەپ بولسا، ئېرىنمەي ئىلتماس قىلىڭلار. تۈركىيىدە ئوقۇشقا كېرىش ئۇنداق ئاسان ۋە ئاددى ئەمەس. پەقەتلا تۈرك تىلى ئۆگىنىپلا مەكتەپلەرگە كىرگىلى بولمايدۇ. ھازىر مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلار، مەكتەپنى قەدىرنى بىلىپ ياخشى ئوقۇڭلار. سىزلەر ئۆزەڭلار ئىلتىماس قىلمىساڭلار،ھىچكىم كىلىپ سىزگە ۋاكىلىتەن ئىلتىماس قىلمايدۇ ۋە مەكتەپلەرمۇ بۇنداق ئىلتىماسلارنى قوبۇل قىلمايدۇ…

تۆۋەندىكى توردا، بىر ئالىي مەكتەپنىڭ،  بۇ يىل ئۆزى ئالغان YÖS  ئىمتىھان نەتىجىسىنى كۆرەلەيسىلەر(بۇ مەكتەپتىكى  ئىمتىھانغا بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار قاتناشمىغان) . باشقا مەكتەپلەرمۇ، خۇددى بۇ مەكتەپكە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارنى رەتلەپ، نەتىجىسىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنى تاللايدۇ.

http://uok.nku.edu.tr/Y%C3%B6sTercihler/0/s/6297/7577

سىزلەرگە ئۇتۇق تىلەپ،

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى