تولۇق ئۇتتۇرا مەكتەپ ماتىرياللىرىنى تەرجىمە قىلىش ھەققىدە

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

تولۇق كۇرسقا ئىلتىماس قىلماقچى بولىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، چوقۇم تولۇق ئۇتتۇرا دىپلومىنى، تۈركىيە مائارىپ مۇدىرىيىتىگە ئاپىرىپ تەستىقلىتىپ ،«تەڭلىك (DENKLİK)»  بەلگىسى ئېلىشى كېرەك. تۈركىيە مائارىپ مۇدىرىيىتى بۇ بەلگە ئۈچۈن ھىچقاندان ھەق تەلەپ قىلمايدۇ.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىرياللىرىنى تەرجىمە قىلىشىغا ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلماي يادەم قىلىمىز. تۈركىيە مائارىپ مۇدىرىيىتى، پەقەتلا «تولۇق ئوتتۇرا دىپلوم» تەرجىمىلىرىنى، «جامائەت گۇۋھالىقىدىن»(NOTER)  ئۆتكۈزمەي تۇرۇپلا، دىپلوم نومۇرلىرىنى توردىن تەكشۈرۈپ، «تەڭلىك (DENKLİK)»  بەلگىسى بېرىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، تولۇق ئوتتۇرا دىپلومىنى تەستىقلىتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ، «جامائەت گۇۋھالىقىدىن»(NOTER)  ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئوشۇقتىن-ئوشۇق پۇل تۆلىمەسلىكنى ئالاھىدە تەكىتلەيمىز.
ئىستانبۇلدىكى مائارىپ مۇدىرىيىتى (Milli Eğitim Müdürlüğü) بولسا، چەمبەرلىتاش تىرامۋاي ئەتراپىدا.

سىزلەرگە ئۇتۇق تىلەپ،

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى