تۈركىيەدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئىشلەش رۇخسىتى بىرىلىدۇ!

 

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

تۈركىيە دۆلەتلىك «ئىش ۋە خەۋپسىزلىك» مىنىستىرلىكىنىڭ ئالغان قانۇنىغا ئاساسەن، تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قانۇنى ئىشلەش رۇخسىتى بېرىلىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار قانۇن بويىچە ئىشلەش رۇخسىتى ئېلىش ئۈچۈن، تۇرۇۋاتقان رايۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا ئىلىتماس قىلسا بولىدىكەن. مەخسۇس كۇرس ۋە تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، 2 يىلدىن كېيىن ئىلتىماس قىلالايدىكەن ۋە ھەپتىلىك ئىشلەش سائىتى 24 سائەتتىن كۆپ بولمايدىكەن. تۈرك تىلى كۇرسلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار (بىرەر ئۇنىۋېرىستېت ياكى تىل تەربىيەلەش كۇرسى بولسۇن) «رەسمى ئوقۇغۇچى» بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇلار رەسمى بىرەر مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

تۈركىيە دۆلىتىدە بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارغا ئىشلەش رۇخسىتى بېرىلمەيتتى. بۇ سەۋەپتىن، ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار قانۇنسىز ھالدا، ئاز پۇل بىرىلسىمۇ، ئېغىر ئىشلاردا ئىشلەيتى. ھەتتا بەزى جازانىخورلار، «ئىش تىپىپ بىرىمىز» ياكى «قانۇنسىز ئىشلەۋاتىسەن، ساقچىلارغا دەپ قويىمىز» دەپ، ئوقۇغۇچىلاردىن پۇل ئېلىپ بوزەك قىلاتتى.

بۇنىڭدىن كېيىن، ناۋادا ئىشلىمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلا بولسا، «ئوقۇشىغا تەسىر يەتمىگەن ئەھۋالدا» قانۇن بويىچە ئىشلىشىنى ۋە ئەل قاتارى «ئىشلەش ھەققى» تەلەپ قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئەسكەرتىش: بۇ قانۇن تەستىقلاننغا بولىسىمۇ، 2014- يىلى رەسىمى يولغا  قويلىدىكەن. شۇڭا ھازىرچە ئىلتىماس قىلماي تۇرۇڭلار.

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى