ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق
ئەركىن سىدىق
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
مەن 2006- ۋە 2007-يىللىرى يۇرتقا بېرىپ، ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، "ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن جىق ھۇرۇن"، "ئۇلار ئۇيغۇرلاردىن جىق ئەقىللىق"، "نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇيغۇرلار دۆت"، دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ قېتىم ئاڭلىدىم.
بۇ ئايرىم كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىمۇ، ياكى ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان بىر ئىدىيىمۇ، بۇنىسى ماڭا ئېنىق ئەمەس. ئەگەر بۇنداق كۆزقاراش ئايرىم كىشىلەرگىلا تەۋە بولماستىن، ئۇ خەلق ئىچىگە خېلى كەڭ دائىرىدە سىڭىپ كىرىۋاتقان بىر ئىدىيە بولسا، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەتلىك سەلبىي تەشۋىقاتنىڭ نەتىجىسى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. قارىماققا بۇ مەسىلە بىر ئاددىي ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇ مىللىي روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ساقلاپ قېلىش ۋە ئۆستۈرۈش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئۇ سەگەك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك. مەن ھەر قېتىم يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئويلىغىنىمدا، ناھايىتى راھەتسىزلىنىپ كەلدىم.
بۈگۈن ئاخىر بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ چىقىش قارارىغا كەلدىم. مەن بۇ يازمامدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇرۇنلۇقى» مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ توختالمايمەن.
نەچچە ئەسىرنىڭ مابەينىدە، ئۆز ئەتراپىدا ياشىغان باشقا مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار باشقىلاردەك قاتتىق ئىشلىمىسىمۇ، باشقىلار تارتقان جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتمىسىمۇ، باشقىلارنى بېسىۋالمىسىمۇ ۋە تالان-تاراج قىلمىسىمۇ، ئۆزى قانائەتلەنگۈدەك دەرىجىدىكى راھەت تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشاپ كەلگەن ئىدى. ئادەم قاتتىق ئىشلىمەي تۇرۇپمۇ ئۆزى رازى بولغۇدەك دەرىجىدە راھەت ياشىيالىسا، ئاشۇنداق ياشاۋەرسە بولۇۋېرەتتى. ئۇنىڭ ھېچ بىر يامان يېرى، ئەيىبلىگۈچىلىكى يوق ئىدى. لېكىن، ھازىر جاھان ئۆزگىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەمگەكچانلىق دەرىجىسى ھازىر ئۇلارنى «ھۇرۇن» قىلىپ كۆرسىتىپ قويۇۋاتىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋالمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئادەممۇ ئۆزگىرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ يۇقىرىقىدەك "ھۇرۇنلۇق" ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىشىغا يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى كەلسە-كەلمەس ۋە داۋاملىق ئەيىبلاۋەرمىگەن ياخشى.
ئەمدى بۇ يازمىنىڭ قالغان قىسمى ئۇيغۇرلار «دۆت» مۇ ياكى ئەقىللىقمۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بولىدۇ. ھەر كىمنىڭ ھەر قانداق بىر شەيئى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئەركىنلىكى بار. لېكىن، ئۇنداق ھۆكۈم ئىلمىي ئاساستا چىقىرىلىشى، ئەمەلىيەتكە ئاساسلانغان بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ھېچ قانداق قىممىتى بولمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن مۇددەت تەكرار دېيىلگەن سۆز بىر ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. ئۇزۇن مۇددەت، بىر سىزىقنى بويلاپ ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان تەشۋىقات بىر خەلقنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. مەن بۇ يازمامدا ئاشۇنداق ھادىسىلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ھەمدە ئوقۇرمەنلەرگە بەزى پاكىتلارنى سۆزلەپ بېرىمەن. مەن قىسقىچە تەسۋىرلەپ بېرىدىغان پسىخولوگىيە ئىلمىگە ئائىت ئۇقۇملار بىر غەربلىك مۇتەخەسسىس ئىنتېرنېتتا يېزىپ ئېلان قىلغان ئۇقۇملار ئاساسىدا بولىدىغان بولۇپ، مەن ئىنتېرنېتتىن ئۇ مۇتەخەسسىسنىڭ ئىسمىنى تاپالمىدىم.
1. كۆڭۈلنى پروگراممىلاش
تارىختا ھىندىستاننىڭ ئۇدائىپۇر دېگەن يېرىدە مۇنداق بىر ۋەقە بولغان. دۈشمەنلەر بۇ جايغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، بۇ پادىشاھنىڭ پاننا دھاي ئىسىملىك بىر خىزمەتچىسى پادىشاھنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. بۇ بالا مۆكۈنۈپ يۈرۈپ چوڭ بولۇپ، ئەڭ ئاخىرى ئاشۇ جايغا پادىشاھ بولغان. ئۇنىڭ نېمىشقا پادىشاھ بولالىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
سىزچە ئاشۇ بالىنىڭ قېنىدا پادىشاھلىق بارمىدۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ بىر پادىشاھ بولۇپ تەربىيىلىنىپ چىقىشىدىكى سەۋەب، ھېلىقى خىزمەتچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە كىشىلەر ئۇ بالىغا: "سەن دېگەن بىر شاھزادە. سەن چوقۇم پادىشاھ بولۇشۇڭ كېرەك. دۈشمەنلەر بىزنىڭ پادىشاھلىقىمىزنى تارتىۋالدى. سەن چوڭ بولغاندا ئۇلاردىن چوقۇم ئىنتىقام ئېلىشىڭ ھەمدە ئۇلارنى يېڭىشىڭ كېرەك" دەپ تۇرغان.
ئىنگلىزچىدا «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» دېگەن بىر ئۇقۇم بار. ئۇنى ئىنگلىز تىلىدا «mind programming» دەپ ئاتايدۇ. «mind» نىڭ مەنىسى كۆڭۈل، ئاڭ، نىيەت، ھوش، ئەقىل ۋە خىيال دېگەن سۆزلەرگە يېقىن بولۇپ، «program» دېگەن سۆز پېئىل قىلىپ ئىشلىتىلگەندە، «بىر ئادەمدە بىر خىل خىيالنى تۇرغۇزۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ خىيالىنى تۈزلەپ ياكى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە كەلگەن ئۇچۇرغا نىسبەتەن بىر خىل ئالاھىدە ئىنكاس قايتۇرىدىغان ياكى بىر خىل ئالاھىدە ئىش تۇتىدىغان قىلىش» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، يۇقىرىقى ھېكايىدىكى بالا «سەن پادىشاھ بولىسەن» دېگەن گەپنى داۋاملىق ئاڭلاۋېرىپ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئاشۇ تەرىقىدە پروگراممىلانغان. نەتىجىدە، ئۇ بالا بىر باشلىق ياكى ھەربىي قوماندان بولۇشنى خالىماي، پەقەتلا بىر پادىشاھ بولۇشنى ئىستىگەن. ھەمدە ئاشۇنداق غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقىمۇ تەييار تۇرغان. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچىدە بۇنداق مىساللارنى بىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى، ئامېرىكىدىكى چوڭ بۇشنىڭ ئوغلى كىچىك بۇشنىڭمۇ پرېزىدېنت بولۇشىدۇر. ئۇيغۇرلار ئىچىدە «باشلىقنىڭ بالىسى باشلىق بولىدۇ»، دېگەن سۆز كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئاشۇنداق بىر ئەمەلىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەرنىڭ بەرسىمۇ ئاشۇ «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» تىن ئىبارەتتۇر (ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «ئارقا ئىشىك» 1-ئورۇندا تۇرامدۇ ياكى «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش»مۇ؟ بۇ سوئالغا ئۆزىڭىز جاۋاب بېرىپ بېقىڭ.(
ئادەمنىڭ ئەس-ھوشى ئىككى خىل بولىدۇ: ئاساسلىق ھوش ۋە قوشۇمچە ھوش. ئىنگلىزچىدا بۇلار «conscious and sub-conscious» دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەمنىڭ قوشۇمچە ھوشى ئۇنىڭ ئاساسلىق ھوشىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولمايدۇ. ئادەمنىڭ قوشۇمچە ھوشى ئۇنىڭغا قاچىلانغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا مۇستەقىل ھالدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. مانا بۇ كۆڭۈلنى پروگراممىلاشنىڭ ئاساسىدۇر. يەنى، «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» دېگىنىمىز، بىر ئادەمنىڭ قوشۇمچە ئەس-ھوشىغا مەلۇم ئۇچۇرلارنى قاچىلاپ، شۇ ئارقىلىق ئاشۇ ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە كونترول قىلىش، دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.
ئادەمنىڭ ئاساسلىق ئەس-ھوشى بىر «ئىسكىلات باققۇچى» ياكى «ئىسكىلاتچى» غا، قوشۇمچە ئەس-ھوشى بولسا بىر ئىسكىلاتقا ئوخشايدۇ. ئىسكىلاتچىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئەقلى بولمايدۇ. ئۇ ئىسكىلاتقا قاچىلانغان ئۇچۇر ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» دېگەنلىك، ئىسكىلاتچىغا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ، ئۇچۇرنى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈپ قويۇش دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.
سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە «مەن ئۆگىنىشتە ناھايىتى ياخشى» دېدىڭىز، ئەمما ئىسكىلاتتا باشقا ئادەملەرنىڭ «سەن دۆت، سەن ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايسەن.» دېگەن سۆزلىرى ساقلانغان، دەپ پەرەز قىلايلى. ئىسكىلاتچى سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىسكىلاتتا ساقلانغان يۇقىرىقى سۆزلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «بۇ ئۇچۇر خاتا ئىكەن»، دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يېڭى، ئىجابىي ئۇچۇرنى ئىسكىلاتقا ئەكىرىپ قويماي، ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ. مانا بۇ بىر ئادەمنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ تۈپ قىيىنچىلىقتىن ئىبارەتتۇر.
يۇقىرىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تارىخىي ھېكايىلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، كىشىلەر ۋە بىر جەمئىيەت سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى پروگراممىلىيالايدۇ. يۇقىرىقى شاھزادە بىلەن قارمۇ-قارشى ھالدا، بىز ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان "ئۇنداق قىلما، تەۋەككۈلچىلىك قىلما، ساراڭلىق قىلما ،سەن دۆت. سېنىڭ قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ." دېگەندەك خاتا ئۇچۇرلار بىلەن پروگراممىلىنىپ كەلدۇق. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بىر ئادەم ۋە بىر مىللەتكە ئېلىپ كۈلىدىغان يامان ئاقىۋىتىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.
ھازىر ئىنسانلار تارىخىدا تۇنجى قېتىم سىزنىڭ ئۆز كۆڭلىڭىزنى توغرا يۆنىلىشتە پروگراممىلىشىڭىزنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدىغان كۈچلۈك تېخنىكىلار ۋۇجۇدقا كەلدى، بۇ تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قوشۇمچە ئەس-ھوشىڭىزغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئاساسلىق ئەس-ھۇشقا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ ئۇچۇر قاچىلىۋالىدۇ. سىزنڭنە قوشۇمچە ئەس-ھوشىڭىزدىن ئىبارەت بۇ " ئىسكىلاتىڭىز" غا ھەر كۈنى نۇرغۇن ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلۈۋاتىدۇ .ئۇلار قانداق ئۇچۇرلار؟ ئۇلار سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى قايسى يۆلىنىشتە پروگراممىلايدۇ . بىر دەم كۆزىڭىزنى يۇمۇپ جىم ئولتۇرۇپ ، مۇشۇ سوئاللار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىڭ.
2. ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىقتۇر
ئۇيغۇرلار ئادىللىق ۋە ئادالەتنى ئەڭ ياقلايدىغان، ئۇنى ناھايىتى قەدىرلەيدىغان، ناھەقچىلىككە قىلچە چىدىمايدىغان مىللەتلەرنىڭ بىرسى. شۇنداق بولغاچقا، بىز باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزگە ئادالەتسىزلىك قىلىشىنى، ناھەقچىلىك قىلىشىنى خالىمايمىز. شۇنداق بولغانىكەن، بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە ئادالەتسىزلىك قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز كېرەك.
ئەگەر سىز ئۇيغۇرنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماقچى بولسىڭىز، نوپۇسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىر-بىرسىگە يېقىن كېلىدىغان، ياشاۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتى بىر-بىرىنىڭكىگە يېقىن كېلىدىغان، ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى مەدەنىيىتى ھەمدە تارىخى بىر ئاز ئوخشاپ كېتىدىغان بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇڭ. ھەرگىز نوپۇسى ئۇيغۇر نوپۇسىدىن 100 ھەسسە ئارتۇق بىرى بىلەن سېلىشتۇرماڭ. ئۇنداق قىلسىڭىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەتسىزلىك قىلغان، ناھەقچىلىك قىلغان بولىسىز. ئىلمىي ئىش كۆرمىگەن بولىسىز. بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كاللىسىدا بۇ ئىش ناھايىتى ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز ئىچكىرىدىكى ئوقۇشقا 100 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ تاللانغان بولسىڭىز، سىزنىڭ خەنزۇ ساۋاقداشلىرىڭىز 10,000 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرسى بولۇپ تاللانغان. سىز ھەرگىزمۇ ئەقىل جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرمايسىز. باشقىلار سان جەھەتتە سىزدىن جىق يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار ئۆز تىلىدا ئوقۇيدۇ. سىز باشقىلارنىڭ تىلىدا ئوقۇيسىز. بۇنىڭ ئوقۇش ئۈنۈمىگە كۆرسىتىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. شۇڭلاشقا، باشقىلار بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئوقۇش ئۈچۈن، سىزنىڭ ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.
مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە سىنىپ بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننى تۇتۇپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن مەن 10 دەك كىشىنى بىلىمەن. ئۇلاردىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.
شۇنى كېسىپ ئېيتىش مۇمكىنكى، ئۆزى بىلەن باراۋەر كېلىدىغان مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار ھازىر مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، تارىخ، ئىلىم-پەن ۋە ئىنسانلار تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيادا خېلى يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلىيەلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تارىخىي تۆھپىلىرى، تارىختا تۇتقان مىللىي ئورنى، تارىختا بەھرىمەن بولغان شان-شۆھرىتى جەھەتلەردە ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرغىچە نۇرغۇن كىتاب-ماقالىلار يېزىلىپ بولدى. شۇڭا مەن بۇ يەردە ئۇ تارىخىي ئەھۋاللار ئۈستىدە توختالمايمەن. تۆۋەندە مەن چەت ئەلدە تۇرۇپ، ئوقۇش، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ھەر خىل كەسپىي ساھەلەردە دۇنيادىكى باشقا ئىلغار مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ، ئالدىنقى قاتاردا ئورۇن تۇتۇۋاتقان، «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن بىر ھەقىقەتكە مىسال بولالايدىغان بىر قىسىم شەخسلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيىگە چىقىش ئىشى 1985-يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 130 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇ يەردە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى http://www.xjmua.com/doctor_all.html دىن كۆرەلەيسىز.
• ياپونىيىدىكى دىلشات ئابلا دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن باشلاپ، ياپونىيىنىڭ Riken Meghe تەتقىقات مەركىزىدە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتىدۇ.
• ياپونىيىدىكى قۇتلۇق سابىت بىلەن شەمشىدىن شەيخىدىن نىسسان شىركىتىدە، دىلشات ئابدۇرېھىم بىلەن تالىپ ئاتاجان NEC شىركىتىدە، جۈرئەت غوجا بولسا فۇجىتسۇ شىركىتىدە كەسپىي خادىم بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. دوكتور ئۆمەرجان ساۋۇت بىلەن دوكتور ئەنۋەر ياسىن ياپونىيىدىكى ئىككى يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىدە بۆلۈم مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
• ياپونىيىدىكى دوكتور پەرھات ئەخمەت توكيو تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ۋە دوكتور مۇختار ماخسۇت ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەر خىل دەرىجىدىكى پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئەنگىلىيىدىكى دىلشات ھېۋىزۇللا لوندوندىكى بىر ئالىي مەكتەپتە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ھازىر ئەنگلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق تېلېۋىزىيە شىركىتى BBC دە يېڭى يۇمشاق دېتاللارنى راۋاجلاندۇرۇپ ئىشلەپ چىقىرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ياخشى نەتىجىلەر يارىتىۋاتىدۇ.
• ئايشەم ئەلى ئاۋسترالىيىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ھازىر گېرمانىيىدىكى «Max Planck Institute for Social Anthropology» دە دوكتور دەرىجىلىك تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
• مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم دولقۇن يۇنۇس ياپونىيىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋاىغا ئېرىشكەندىن تارتىپ، ياپونىيە NEC شىركىتىنىنىڭ مىكرو دولقۇن خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بويىچە تۈركىيە بىلەن ئافرىقا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق تېخنىكىلىق ياردەم مۇلازىمىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئامېرىكىدىكى مۇھەممەد ئابدۇللا، فرانسىيىدىكى ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز ۋە ياپونىيىدىكى غەيرەت كەنجى قاتارلىق ياشلىرىمىز يالغۇز كومپيۇتېر كەسپىدە ئەلا نەتىجە بىلەن دوكتورلۇقتا ئوقۇپلا قالماي، ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن ئۇيغۇرچە-چەت ئەل تىلىچە ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەرنى ياساپ چىقىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىمۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدىكى نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدىكى «بۈركۈت» بىلەن «جەك» ئەپەندىلەر ئامېرىكىدا فىزىكا كەسپى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئالدىراشلىقىغا قارىماي، بىر تەرەپتىن ياخشى ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ بارلىق بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ۋەتەندىكى چەت ئەلدە ئوقۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى نۇرغۇن قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.
• مەن ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپلىرىنىڭ ئۆيىدە تامغا چاپلاغلىق تۇرغان، بالىلىرى ئېرىشكەن، «ھەممە دەرسلەردە "ئا" ئالغان ئوقۇغۇچى مۇكاپاتى» دەپ ئاتالغان تەقدىرنامىلارنى كۆردۈم (ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى دەرس نەتىجىسىگە ئا، ب، ك، د، ف دېگەندەك ھەرپلەرنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى "ئا" ھەرپى "ئەلا" دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ).
ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قاھار بارات، قەيسەر مىجىت، ئەلنىگار ئىلتەبىر ۋە قۇدرەت ياقۇپ قاتارلىق 4 ئۇيغۇر ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ، بەزىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولدى. بەزىلىرى ھازىرمۇ ئوقۇۋاتىدۇ.
ھاۋاردتىن سەل كېيىن تۇرسىمۇ، دۇنيا ۋە ئامېرىكا بويىچە خېلى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەرقايسى شۆبىلىرىدە تۆۋەندىكى 2-ئەۋلاد ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئوقۇۋاتىدۇ: ئارافات ئادىل لوس ئانژېلىس شۆبىسىدە، دىلشات ئەركىن بېركېلىي شۆبىسىدە، فرۇزە تاشپولاتلار ئىرۋىنە شۆبىسىدە، ئىلىكنۇر ئامان لوس ئانژېلىس شۆبىسىدە ۋە مەرھابا مەھمۇت داۋىس شۆبىسىدە. ئامېرىكىنىڭ باشقا شتاتلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش داڭلىق مەكتەپلەرگە كىرگەن 2-ئەۋلاد ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن خېلى كۆپلىرى بار.
ياپونىيىدىن باشقا، ھازىر ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، ياۋروپا ۋە تۈركىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بار.
بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە http://www.meripet.com/Bio/FransiyedikiDokturlar.htm نى كۆرۈپ بېقىڭ.
• دوكتۇر رىشات ئابباس (http://www.meripet.com/Bio/RishatAbbas.htm) ئامېرىكىنىڭ «Wyeth Research» شىركىتى دورىگەرلىك بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتتا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى.
دوكتور مۇرات قادىر ئامېرىكىدىكى «L’Oréal USA» شىركىتى چاچ مەھسۇلاتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. دوكتور ئابلەت ئابلىمىت ياپونىيە توتو شىركىتىنىڭ گۇاڭجۇدىكى مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
• ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقانلاردىن تۆۋەندىكىلەر بار: ئابدۇرېھىم ئائىتبايېۋ (http://infohost.nmt.edu/~aitbayev, نەۋ مەخىكو ئىنستىتۇتە ئوف مىنىڭ ئاند تەچنولوگي)، ئابلەت ئىبراھىم (كالىفورنىيە ستاتە ئۇنىۋەرسىتي، مونتەرەي باي)، ھەسەن سايىت (بوستون كوللەگە) ۋە رەيھانگۈل بەكتۇر (ئۇتاھ ستاتە ئۇنىۋەرسىتي).
• رىزۋانگۈل ھاجى (قەيسەر مىجىت ئەپەندىنىڭ خانىمى) كىچىكىدىن ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇيغۇر تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى 1997-يىلى پۈتتۈرگەن. 1999-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئىنگلىز تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، 2003-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مېدىتسىنا سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەن. 2004-2007 يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نىيويورك ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدا 3 يىل ياردەمچى دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلغان ۋە بىلىم ئالغان. 2007-يىلى 9-ئايدا "ئامېرىكا ئىچكى كېسەللىكلەر جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي ئىمتىھانىدىن" غەلىبىلىك ئۆتۈپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كېسەل كۆرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە كىنىشكا ئالغان. ھازىر ماسساچۇسېتتس شتاتىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا مەسئۇل دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ئەكبەر شەرىپ، دولقۇن روزى، مەمەت ئەمىن، مەمەتجان ئىبراھىم، مەھمۇد ئوبۇل ۋە تۆمۈر پالتا (http://www.meripet.com/Bio/Timour_Bio.htm) قاتارلىق دوكتورلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ھازىر ئامېرىدىكى بىر قانچە ئالىي مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىس بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
بۇلارنىڭ ئىچىدە، مەمەت ئەمىن يالغۇز ئۆز كەسپىي ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىپلا قالماستىن، يەنە ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ھەر خىل كېسەللىكلەر ۋە ئۇلارنى داۋالاش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ.
• ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ھەر خىل مەكتەپ، كەسپىي ئورۇن ۋە شىركەتلىرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق ئورۇن تۇتۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ بولۇپ، مەن ئۇلارنى بۇ يەردە بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىپ بولالمىدىم.
ئامېرىكا تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى مۇتەخەسسىسى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ، ئامېرىكا ئورېگون شتاتى ساغلاملىق-پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپىيىش ئىلمى بۆلۈمى ۋە ئورېگون شتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار (مايمۇن تۈرىدىكىلەر) يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى-غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ سىڭلىسى دوكتور مايسەم مۇتەللىپ خانىم ھازىر ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان ماساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (ئىنگلىزچە «Massachusetts Institute of Technology» بولۇپ، قىسقارتىلىپ«MIT»دەپ يېزىلىدۇ) نىڭ ئاكىسىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئابدۇرېيىم ئاتبايەۋ، شۆھرەت مۇتەللىپ، مايسەم مۇتەللىپ ۋە تۆمۈر پالتالار قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدۇر.
مەن بولسام ئامېرىكىنىڭ قىسقارتىلىپ «NASA» دەپ ئاتىلىدىغان، «مەملىكەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى» نىڭ بىر مۇھىم تەتقىقات-تەرەققىيات مەركىزى بولغانJPL دە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن.
ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ھەر خىل مەكتەپ، كەسپىي ئورۇن ۋە شىركەتلىرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق ئورۇن تۇتۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ بولۇپ، مەن ئۇلارنى بۇ يەردە بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىپ بولالمىدىم.
مەن يۇقىرىقى تىزىملىكنى تەييارلاشتا چەت ئەلدىكى بىر قىسىم يېقىن تونۇشلىرىمنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم (ئۇلارغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن). شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم، بۇ تىزىملىك ھەرگىزمۇ بىر مۇكەممەل تىزىملىك ئەمەس
بۇ تىزىملىككە كىرمەي قالغان يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ۋە ئىشلار بار. بۇ ماقالىدە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغىنىم «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن ئىدىيە بولغاچقا، ئاساسلىقى ئۆزۈم بىلىدىغان كىشىلەرنىلا مىسال قىلىپ ئالدىم.
ئىنسان تارىخىنىڭ ھەممىسىدە سانسىزلىغان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن خەلقنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلدى. بۇ خىل ئەھۋال ھازىرمۇ قىلچە ئۆزگەرگىنى يوق. مەن يېقىندا كۆرگەن بىر تېلېۋىزىيە خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراقتا بىر چوڭ ئاخبارات شىركىتى قۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا بۇ شىركەت ئۈچۈن ھەر ئايدا بىر مىليون دوللار پۇل خەجلەيدىكەن. بۇ شىركەت ئىراقتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىراقنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەشۋىقات مەزمۇنى ئامېرىكىدىكى تەشۋىقات مەزمۇنىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىكەن. يەنى، ئۆزىنى دۇنيا ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيىسىنىڭ بوۋىسى ھېسابلايدىغان ئامېرىكىمۇ ئاخبارات ئورگانلىرىنى كونترول قىلىپ، ئۇنى ھازىر ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتىدۇ. تەشۋىقات ۋاسىتىسىنى كىشىلەرنى ئىدارە قىلىشقا ئىشلىتىشتە پايدىلىنىلغان ئىلىم دەل ئاشۇ «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» تىن ئىبارەتتۇر.
ھازىر ئۇيغۇرلار بىر ئالاھىدە دەۋر ۋە بىر ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋالنى «سۆڭگەچ تېپىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بىر پۇتلۇق ئادەم» دۇچ كېلىدىغان ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن.
بۇ خىل ئەھۋالنى مەن 2006-يىلى ۋە 2007-يىلى يۇرتقا تۇغقان يوقلاپ بارغاندىمۇ ئىنتايىن چوڭقۇر ھېس قىلدىم. يەنى، مەنمۇ ئاشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلدىم.
شۇڭا ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرگە تەربىيە بېرىش مەقسىتىدە قىلىنغان سۆز، يېزىلغان كىتاب-ماقالىلەر چوقۇم ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇلارنى ئىجابىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. بىز بۇ جەھەتتە قىلىنىدىغان ئىشلار چوقۇم بىر پۇتلۇق ئادەمنىڭ يەنە بىر پۇتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردىمى بولۇشى كېرەك.
ئەگەر سىز بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، سىنىپىڭىزدىكى ئوقۇغۇچىلارغا داۋاملىق «ئۇيغۇرلار دۆت، ئۇيغۇرلار ھۇرۇن» دېسىڭىز، بۇ سۆزىڭىز ھەرگىزمۇ سىنىپىڭىزدىكى بالىلارنى بۇرۇنقىدىن ئەقىللىقراق قىلىش، بۇرۇنقىدىن بەكرەك تىرىشچان قىلىش رولىنى ئوينىمايدۇ. دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە رولنى ئوينايدۇ.
ئەگەر بىر ساقمۇ-ساق سەمەتنى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر داۋاملىق «سەمەت ساراڭ، سەمەت دۆت» دەۋەرسە، ئۇ مەمەت تەدرىجىي ھالدا ساراڭدەك سۆزلەيدىغان، ساراڭدەك ماڭىدىغان ۋە ساراڭدەك تۇرىدىغان، ساراڭدەك ئىش قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
مانا بۇ «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» نىڭ كۈچىدۇر.
غەربلىكلەر بىر ئادەمنىڭ سەلبىي پوزىتسىيەلىك ياكى ئىجابىي پوزىتسىيەلىكىنى ئۆلچەشتە، داۋاملىق يېرىمىدا سۇ بار، يېرىمى قۇرۇق بىر ئىستاكاننى مىسالغا ئالىدۇ. سەلبىي پوزىتسىيەلىك بىر ئادەم يېرىم سۈيى بار بىر ئىستاكاننى كۆرگەندە «ماۋۇ ئىستاكاننىڭ يېرىمى قۇرۇق»، دەيدۇ. ئىجابىي پوزىتسىيەلىك بىر ئادەم بولسا «ماۋۇ ئىستاكاننىڭ يېرىمىدا سۇ بار»، دەيدۇ. شۇ نەرسىنى ئۇنۇتماڭكى، بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھازىر چوقۇم «ماۋۇ ئىستاكاننىڭ يېرىمىدا سۇ بار» بولسۇن.
3. كۆڭۈل بىلەن بەدەن
2008-يىلىنىڭ بېشىدا، مەن بىزنىڭ ئىدارىدە ئېلىپ بېرىلغان كۆڭۈل بىلەن بەدەننىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدىمۇ توختالغان بىر سېمىنارغا قاتناشتىم.
بۇ سېمىناردا دوكلات بەرگۈچى ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ چىقتى. ئاندىن ئۇ ئاڭلىغۇچىدىن باشقىلار ھازىرغىچە ئۆزى توغرىسىدا دەپ باققان، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرمەيدىغان سۆزلەرنى سورىدى. سۆزلىگۈچىنىڭ ئوڭ قولىنى مۈرىسى بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ توغرىسىغا كۆتەرتىپ قويۇپ، بىزدىن ھەممىمىزدىن ھېلىقى سۆزلەرنى بىرلىكتە ئۈنلۈك توۋلاشقا بۇيرۇدى. بىز شۇنداق قىلدۇق. ئاندىن ئۇ سۆزلىگۈچى سەھنىدىكى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنى پەسكە باسقان ئىدى، قولى ئاسانلا پەسكە چۈشۈپ كەتتى.
سۆزلىگۈچىنىڭ ئورۇنلانتۇرۇشى بويىچە بىز بۇ تەجرىبىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدۇق. بۇ قېتىم ھېلىقى ئاڭلىغۇچى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆزلەر بىلەن تەكرارلىدۇق.
بۇ قېتىم سۆزلىگۈچى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنى خېلى كۈچەپ پەسكە باسقان بولسىمۇ، ئۇنى زادىلا پەسكە چۈشۈرەلمىدى.
بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە ئادەمنىڭ مېڭىسى سىرتتىن كىرگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى بىر خىل بۇيرۇق سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىدىكەن. ئەگەر سىز «مەن ئەقىللىق» دېسىڭىز، مېڭىڭىز «ھە-ئە، سەن ئەقىللىق»، دەپ پۈتۈن بەدىنىڭىزنى بىر ئەقىللىق ئادەمنىڭ بەدىنى بويىچە پروگراممىلاشقا تىرىشىدىكەن. ئەگەر سىز «مەن باتۇر» دېسىڭىز، مېڭىڭىز پۈتۈن بەدىنىڭىزنى بىر باتۇرنىڭ بەدىنى بويىچە پروگراممىلاشقا تىرىشىدىكەن. ئويلاپ بېقىڭ: ئەگەر نۇرغۇن كىشىلەر سىزنى «دۆت، دۆت» دەۋەرسە، مېڭىڭىز سىزنىڭ بەدىنىڭىزنى قانداق پروگراممىلايدۇ؟
ئەگەر سىز بىر ئۆمۈر «ئۇيغۇرلار دۆت، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ»، دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولسىڭىز، سىزنىڭ روھىڭىز، ئىرادىڭىز، غەيرىتىڭىز ۋە بەدەن قۇدرىتىڭىز قانداقراق بىر ھالەتتە بولار؟ بىر ئادەمنىڭ مېڭىسىدە 15 مىليارد دانە نېۋرون ياكى مېڭە ھۈجەيرىسى بار بولىدۇ. ھەر بىر مېڭە ھۈجەيرىسى باشقا 5،000-10،000 غىچە بولغان مېڭە ھۈجەيرىسى بىلەن تۇتاشقان بولىدۇ. نېۋرون تورى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنى بىر غايەت زور تېلېفون تورىغا ئوخشىتىش مۇمكىن. بىز ھەر قېتىم بىر يېڭى نەرسە ئۆگەنگەندە، مېڭىدە نېۋرونلار ئارا يېڭى ئۇلانمىلار پەيدا بولىدۇ. ئۆگەنگەن نەرسىنى تەكرارلىساق، بۇ يېڭى ئۇلانمىلار كۈچىيىپ ماڭىدۇ.
يېڭى بىر ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرسەك، بۇ ئۇلانمىلار ئۆزگىرىدۇ. يەنى مېڭىدىكى نېۋرونلارنىڭ ئۇلانمىسى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ كۆڭلى (ياكى ئەس-ھوشى) بىلەن بەدىنى ئۆز-ئارا تۇتاشقان بولىدۇ.
يېقىنقى 10 يىلنىڭ مابەينىدە بايقىلىشىچە، 50-60 دانە خىمىيىلىك ماددىلار ئادەم مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئادەم بەدىنىگە توشۇيدۇ. ئىنگلىزچە «ئەندورپھىنس» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ماددىلار ئادەم مېڭىسىدىكى بىر خىيال، خۇشھاللىق، ھېسسىيات، ئوي-پىكىر قاتارلىق ھەممە ئۇچۇرنى ئادەم بەدىنىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرىگە توشۇيدۇ. ئەگەر سىز بىر سايدا مېڭىپ كېتىۋېتىپ، ئېلانغا ئوخشاش بىر نەرسىنى كۆرۈپ، كۆڭلىڭىزدە «بۇ بىر ئېلانكەن» دەپ ئويلىسىڭىز، سىز قورققان بۇ ئۇچۇر دەرھال مېڭىڭىزنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ.
ئاندىن ئۇ ئۇچۇر سىزنىڭ ئومۇرتقا يوللىرىڭىز ئارقىلىق بەدىنىڭىزنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ. بىر ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدىنىڭىز بۇ خەتەردىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزىنى بۇ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلايدۇ. يۈرىكىڭىزنىڭ سوقۇشى تېزلىشىدۇ. قان بېسىمىڭىز كۆتۈرۈلىدۇ. نەپىسىڭىز تېزلىشىدۇ.
مېڭىڭىزدىكى قانلار مۇسكۇللىرىڭىزغا، قولىڭىزغا ۋە پۇتىڭىزغا تارقىلىدۇ. نەتىجىدە سىز ياكى بۇ ئېلان بىلەن ئېلىشىشىسىز ياكى بىر ياققا بارلىق كۈچىڭىز بىلەن قاچىسىز.
«ئېلان» دېگەن بىر خىيال مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
خۇددى يۇقىرىقىغا ئوخشاش، ھەر بىر ئوي-پىكىرنىڭ بىردىن بىئولوگىيىلىك ئاساسى بار. بەدىنىڭىز سىز كۆڭلىڭىزدە نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرىدۇ. ھەمدە شۇ ئاساستا ئىش تۇتىدۇ.
يەنى، بىر كۆز-قاراش پەقەت بىر ئىدىيىلا ئەمەس. ئۇ سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە ۋە كۆڭلىڭىزدە تەڭلا مەۋجۇت بولىدۇ. سىز ناھايىتى خۇشھال ياكى ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشقا ئىشەنچىڭىز بار بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل ئوي-پىكىر سىزنىڭ پۈتۈن بەدىنىڭىزگە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدىنىڭىز تېخىمۇ كۈچلىنىپ، ھېرىشى پەسىيىدۇ. ئەگەر سىز خۇشھال ئەمەس ياكى ھەسرەتلىك بولسىڭىز، سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ھەرىكىتى ئاستىلىشىدۇ، قاشاڭلىشىدۇ ھەمدە ئاسان ھېرىپ قالىدۇ.
قىسقىسى، سىزنىڭ مېڭىڭىز سىزنىڭ ئويىڭىز بىلەن كۆز-قارىشىڭىزنى پۈتۈن بەدىنىڭىزگە تارقىتىدۇ. ئەگەر سىز «مەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن» دەپ ئويلىسىڭىز، مېڭىڭىز بەدىنىڭىزنى شۇ بويىچە تەييارلىق قىلىشقا ۋە مۇۋەپپەقىيەتنى كۈتۈۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەگەر سىز «مەن چوقۇم مەغلۇپ بولىمەن» دەپ ئويلىسىڭىز، مېڭىڭىز بەدىنىڭىزگە «بۇ ئىشنى سىنايمەن دەپمۇ ئاۋارە بولما، بۇ ئىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىن ھېچ قانداق ئۈمىد يوق» دەيدۇ.
شۇڭلاشقا سىز ھەر دائىم ئۆز-ئۆزىڭىزگە «مەن ئەقىللىق، مەن چوقۇم قىلىۋاتقان ياكى كۆزلىگەن ئىشىمدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىمەن» دەپ تۇرۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭ.
يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سىز كەچتە ئىشتىن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئىشىك ئاچقاندا، ھەرگىز «ئۇھ! بۈگۈن ھەجەپمۇ ھېرىپ كەتتىم»، دەپ ئويلىماڭ. ئۇنداق ئويلىسىڭىز، ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن سىزگە ھېچ قانداق ئىش خۇش ياقمايدۇ. سافادا توغرىسىغا يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈشتىن باشقا ئىشنى قىلىشنى خالىماس بولۇپ قالىسىز. ئۇنىڭ ئورنىغا: «مەن بۈگۈنكى ئىشىمنى تۈگەتتىم. ئەمدى ئۆيدە ئۆزۈم خالىغان ئىشنى قىلىمەن» دەپ ئويلاڭ.
شۇنداق ئويلىسىڭىز، ئۆيىڭىزدە يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز. كىشىلەر سىزدىن «قانداق ئەھۋالىڭ؟» دەپ سورىسا، ھەرگىز «بۈگۈن دېگەندەك مىجەزىم يوق Bek hérip kétiwatimen ئىشىم دېگەندەك ئوبدان ماڭمايۋاتىدۇ Her xil qiyinchiliqlargha duch kéliwaqtimen.» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەرمەڭ.
بۇنىڭ سەۋەبى، كۆپىنچە ئەھۋالدا، سىزدىن ئاشۇنداق ھال سورىغان كىشىلەرنىڭ 95 پىرسەنتى سىزنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىڭىزنىڭ قانداقلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ. قالغان 5 پىرسەنت ئەتراپىدىكى كىشىلەر بولسا سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنىڭ ناچار بولۇشىنى ئارزۇلايدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىزدىن ھېلىقىدەك ھال سورىغانلارغا: «ئەھۋالىم كارامەت ياخشى Ehwalim intayin yaxshi ئەھۋالىم ھازىرقىدەك ياخشى بولۇپ باققان ئەمەس» دېگەندەك جاۋابنى بېرىڭ. مېڭىڭىز مۇشۇ ئۇچۇرلارنى ئالغاندىن كېيىن، بەدىنىڭىزنى ئاشۇ بويىچە پروگراممىلايدىغان بولغاچقا، بۇ ئىككى خىل جاۋابنىڭ سىزنىڭ روھىي ھالىتىڭىز ۋە بەدىنىڭىزنىڭ ھالىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.
4. ئاخىرقى سۆز
مەن ئۆزۈمنىڭ يېقىنقى يازمىلىرىدا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش، مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش ۋە مىللىي روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. مەن 2008-يىلى 10-ئاينىڭ بېشىدا ئايالىم ئامانگۈل بىلەن تۈركىيىگە ساياھەتكە باردىم. ھەمدە قەيسەرى، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەرنى ساياھەت قىلدىم. مۇشۇ جەرياندا مېنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرگىنىم تۈركىيە بايرىقى بولدى. ھۆكۈمەت بىناسى، خاتىرە سارىيى، شەھەر كوچىسى، دۇكان-ماگىزىنلار، شەخسلەرنىڭ ئۆيلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئادەمنىڭ كۆزىگە ھەممىدىن كۆپ كۆرۈنىدىغىنى ئاشۇ ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئىكەن.
ئىستانبۇلدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىنقى تېمىغا ئېسىلغان تۈركىيە بايرىقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 4 قەۋەتنى قاپلايدىكەن.
قەيسەرىگە يېقىن جايدىكى ئىنگلىزچە «كاپپادوكىئا» دەپ ئاتىلىدىغان، 13-ئەسىردە بەرپا قىلىنغان ئۆڭكۈر-ئۆي شەھىرىنىڭ خېلى كۆپ ئۆڭكۈر-ئۆي دېرىزىلىرىدە ۋە تاغ چوققىلىرىدىمۇ ئاشۇ تۈركىيە بايرىقىنى كۆردۈم. «تۈرك» ۋە «ئاتاتۈرك» دېگەن خەتلەرنىمۇ بىز بارغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى كۆپ ئۇچراتتۇق. «ئاتاتۈرك» دەپ ئىسىم بېرىلگەن يول، كۆۋرۈك، بىنا قاتارلىقلارمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. ئادەم تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە «تۈرك» دېگەن سۆزنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرىدىكەن. مەن يۇقىرىقىلارنى كۆرۈپ، «مىللىي روھقا باي مىللەت، دېگەن مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ. بەش ئەسىرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلىدىم.
ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يەنە بىر ئىش تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھۆرمىتى بولدى. ئامانگۈل، مەن ۋە باشقا 3 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئەنقەرەدىكى «كوكاتەپە» مەسچىتىگە كىرىپ چىقىپ، پاراڭلاشقاچ مېڭىپ كېتىۋاتساق، يېشى 55 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر تۈرك ئەپەندى بىزدىن نېمە تىلدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىمىزنى سورىدى. بىز «ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەرسەك، ئۇ كىشى ئىنتايىن خۇشھال بولۇپ، بىز بىلەن قولىمىزنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ كۆرۈشۈپ، ئاندىن كۆتۈرۈۋالغان سومكىسىدىن ئىككى دانە ئىنگلىزچە كىتابنى چىقىرىپ، «ماۋۇ مېنىڭ سىزلەرگە قىلغان سوۋغىتىم. قوبۇل قىلغايسىزلەر» دېدى. مەن ئۇ كىتابلارنى ئېلىپ، ئامېرىكىغا ئەكەلدىم (ئۇ كىتابنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى «ئېتىقاد ۋە ئىسلام»، يەنە بىرىنىڭ بولسا «ئۇلار نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدى؟» ئىكەن).
بىز ئاپتوبۇستا ماڭغاندا، بازار ئايلانغاندا، مەسچىتلەرگە كىرگەندە، ئىشقىلىپ نەگىلا بارساق، بىزگە يول باشلاپ بېرىۋاتقان دوستىمىز بىر تۈرككە «بىز ئۇيغۇر بولىمىز» دېسىلا، ئۇ تۈركنىڭ چىرايىدا دەرھال تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، بىزگە «تۈركىيىگە خۇش كەلدىڭىز» دەپلا، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ كەتتى. مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، 13-ئەسىرلەردە، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ۋە باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردە ناھايىتى كۈچلۈك ۋاقتىدا، تۈركلەر بىر مەزگىل «تۈرك مەدەنىيىتى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «تۈرك ئۇيغۇرى» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ئىكەن. يەنى، ئۇلار «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنى «مەدەنىيەت» دېگەن مەنادا ئىشلەتكەن ئىكەن. قىسقىسى، تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىكەن. ئىنتايىن قەدىرلەيدىكەن. ئەمدىكى گەپ، بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟ ئەگەر بىز ئۆز-ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۆز-ئۆزىمىزنى قەدىرلەشنىڭ ئورنىغا ئۆز-ئۆزىمىزنى كەمسىتىدىغان بىر ئورۇنغا چۈشۈپ قالساق، ئۇ بىز ئۈچۈن بىر ناھايىتى چوڭ نومۇس.
توغرا، «كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا». ئۆزىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى كۆرەلمىگەن مىللەت مەڭگۈ راۋاج تاپالمايدۇ. لېكىن، بۇ ئىشتا ئۇسۇلغا، پەيتىگە ۋە سورۇنغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر بىزنى باشقىلارمۇ ئەيىبلىسە، ئۆزىمىزمۇ ئەيىبلىسەك، ئۆزىمىزدە بار يوشۇرۇن كۈچكە، ئارتۇقچىلىققا ۋە ئۈستۈنلۈككە توغرا باھا بېرەلمىسەك، ئۇ ھالدا كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز. ئۇلاردا «قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە قانچىلىك ماڭساقمۇ، ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە نۇر يوقكەن» دېگەن ئىدىيىنى سىڭدۈرۈپ قويىمىز. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى پايدىسىز يۆنىلىشتە پروگراممىلاپ قويىمىز.
ئەجدادلىرىمىز بىزگە نېمىلەرنى قالدۇردى؟ بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭى ئەۋلادلىرىمىزغا نېمىلەرنى قالدۇرىمىز؟ بىز بۇ سوئاللار ئۈستىدە داۋاملىق ئويلىشىشىمىز كېرەك. بىز كېيىنكى ئەۋلادلارغا شۇنى چوقۇم بىلدۈرۈشىمىز كېرەككى، گەرچە سىز ھازىر نۇرغۇن پايدىسىز ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، سىز يەنىلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز؛ سىز چىقالايدىغان پەللىنىڭ ئېگىزلىكىنى پەقەتلا سىز، كۆزلەشكە پېتىنالايدىغان غايىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن سىزنىڭ ئاشۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تۆلىيەلەيدىغان بەدىلىڭىزلا بەلگىلەيدۇ.
ئەگەر سىز قاتتىق تىرىشسىڭىز، ئۆز بۇرچىڭىزغا ئۆزىڭىزنى تولۇق ئادا قىلسىڭىز، پەرزەنتلىرىڭىزگە ھەقىقىي تۈردە كۆيۈنسىڭىز، توختىماي ئىلگىرىلەشكە بەل باغلىسىڭىز، بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتەلەيسىز.
ئىقتىساد ئىلمىدە «ئېھتىياج ۋە بۇزغۇنچىلىق» دېگەن بىر ئۇقۇم بار بولۇپ، ئۇ «ئېھتىياج تەلتۆكۈس بۇزغۇنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. مەن بۇنىڭغا بىر مىسال كۆرسىتەي. ئالتە ئايدەك ۋاقىتنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىدىغان بېنزىننىڭ باھاسى ناھايىتى ئۆرلەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشى ئۆزلىرىنىڭ ماينى ناھايىتى جىق مىقداردا تەلەپ قىلىدىغان ماشىنىلىرىنى يوقاتتى. ئۇنداق ماشىنىسى يوقلار بولسا ئۇنداق ماشىنىلارنى ئېلىشنى ئاساسەن توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى سپورت ماشىنىلىرىنىڭ بازىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن ياشلار قانچە ياخشى ئوقۇسىمۇ، قانچە تىرىشسىمۇ، ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدار ۋە تالانتىنى نامايان قىلسىمۇ، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت يوق، ئۇلار ئۈچۈن بىر جان بېقىش يولى يوق بولۇشتەك بىر ناچار تەقدىرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياشلارنىڭ بەزىلىرى بۇنداق تەقدىرنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىدىن كۆرۈۋاتىدۇ. مەن ھەر قېتىم مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىغاندا، كاللامغا ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلار كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئۇ ھايۋانلارنى ناھايىتى ئاچ قويۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ئازراق-ئازراقتىن يېمەك بېرىپ، ئۇ ھايۋانلارنى ئۆزىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلارنى ئويۇن كۆرسەتكۈزگەندىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئادەملەرگىمۇ ئىشلىشى مۇمكىن. مەن بەزى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ئېھتىياج ۋە بۇزغۇنچىلىق» يۈز بېرىپ قالماسلىقىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. ھەر بىر ياشنىڭ بۇ ئۇقۇمنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مەن يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە، «باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ» دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەيلى جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، بىز بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بىز بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان قىيىن تېررىتورىيىلەرگە بۆسۈپ كىرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئەقىل-پاراسىتىنى ۋە ھەقىقىي يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا مىسال بولالايدىغان بىر قىسىم ئادەم ۋە ئىشلارنى مەن يۇقىرىدا تەسۋىرلەپ ئۆتتۈم.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەن بۇ يەردە دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن.
ئۇ توغرىلىق Biliwal.com تور بېتى مۇنداق خەۋەر بەردى. نەقىل: «شۆھرەت مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھۈجەيرىنى يادرو كۆچۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مايمۇننىڭ تۆرەلمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كلونلاپ چىققان، شۇنداقلا كلونلانغان 20 تۆرەلمىدىن ئىككى تۈركۈم غول ھۈجەيرىنى يېتىشتۈرگەن. بۇ ئىنسانلارنىڭ مايمۇن تۈرىدىكىلەرنىڭ تۆرەلمىسىنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك كلونلاپ چىقىشى بولۇپ، ئىنسانلار تۆرەلمىسىنى كلونلاشقا قاراپ بېسىلغان يەنە بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى 2007-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى «تەبىئەت» (ناتۇرە) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندا تېزلىكتە خەلقئارادا دىققەت قوزغىغان. بۇ زور نەتىجە ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 2007-يىلىدىكى 10 چوڭ ئىلمىي بايقاشنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزىلغان؛ ھەمدە «تەبىئەت» ژۇرنىلى، جۇڭگونىڭ «پەن-تېخنىكا گېزىتى» تەشكىللىگەن باھالاشتا 2007-يىلىدىكى خەلقئارا 10 چوڭ پەن-تېخنىكا خەۋىرىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.»
دېمەك، ئۇيغۇرلار باشقىلار قىلالىغان ئىشلارنى چوقۇم قىلالايدۇ.
باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلارنىمۇ چوقۇم قىلالايدۇ. مەن ھازىردىن باشلاپ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ، «ئۇيغۇرلار ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدۇ» دېگەن سۆزنى كۆڭلىگە مەھكەم پۈكۈپ ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.