-
تۇمارىس (2) - [تارىخ]
ئەلچىلەرنىڭ چوڭى ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئەۋۋەل ئەھمانىلار سۇلالىسىنىڭ ھەمدە پادىشاھ كەيخۇسراۋنىڭ سەلتەنىتى توغرىسىدا ئاجايىپ دەبدەبىلىك ، پاساھەتلىك سۆزلەرنى ئېىيتقاندىن كىيىن مەقسەتكە كۆچتى : << ئۇلۇغ شاھىنشاھىمىز كەيخۇسراۋ ئالىلىرى ئۇزۇندىن بېرى سىلىنىڭ ھۆسىن ئىقلىمىدا يىگانە ، لەتاپەت ، پاراسەت بابىدا تەڭداشسىز ئىكەنلىكلىرىنى ئاڭلاپ غايىبانە ئاشىق بىقارا بۇلۇپ يۈرگەنىكەن ، بۇ قېتىم سىلىنى نىكاھىغا ئېلىش ئارزۇسى بىلەن بىزنى ئەلچىلىككە ئېىۋەتتى >> . تۇمارىس ئىتتىك ئورنىدىن تۇردى ، قەلبىدە پەيدا بولغان غەزەپ چىرايىغا تەپتى . <<كەيخۇسراۋ پادىشاھىڭ بويتاقمىدى >> دەپ سورىدى ئۇ << ياق ، - دىدى ئەلچىلەرنىڭ چوڭى ، - كەيخۇسراۋ ئالىلىرى سىلىنى نىكاھىغا ئېلىپ ئەمرىدىكى ھەممە خانىشلىرىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ بىرىنجى خانىش قىلماقچى ، شۇ ئارقىلىق سىلىگە بولغان ھورمەت ، مۇھەببىتنى پۈتكۈل ئالەمگە نامايەن قىلماقچى ، شۇنداقلا ئىران بىلەن تۇراننى سىلى بىلەن بىرلىكتە سورىماقچى . شاھىنشاھىمىزنىڭ بۇ ئۇلۇق مەقسەتلىرى ئەمەلگە ئاشسا تەڭرىمۇ ، پۈتكۈل ئالەممۇ خۇشال بۇلىدۇ ، ئەلۋەتتە >>. تۇمارىس غەزىپىنى باسالماي تىترەپ تۇرۇپ :
<< مەككار ! . . . مەن سېنى بىلمەمدىمەن ؟! >> ، بۇ گەپ ئەلچىلەرگە قارىتىلدىمۇ ، كەيخۇسراۋغا قارىتىلدىمۇ ، سوھبەت ئەھلى داماللىققا ئاڭقىرالماي بىر بىرىگە تەەججۇپ ئىلكىدە قاراپ قېلىشتى . تۇمارىسنىڭ كۆكۈش كۆزلىرى چەكچىيىپ چىرايى قورقۇنۇچلۇق تۈس ئالدى . ئۇنىڭ كوڭلىدىكىنى ئەمدىلەتىن چۈشەنگەن ئاقساقال ، سەركەردىلەر قىلىچلىرىنى قىنىدىن چىقىرىپ بىردىنلا ئەلچىلەرگە يۇپۇرۇلدى . تۇمارىس : << ئەلچىگە ئۆلۈم يوق ! >> دەپ توۋلىدى دە شارتتىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ قۇبۇل مەيدانىدىن چىقىپ كەتتى
ئەلچىلەر نائىلاج قايتىشقا جابدۇنغاندا ، تۇمارىس كەيخۇسراۋغا ئەۋەتمەكچى بولغان سوۋغىلارنى ئەمەس ، بەلكى ئۇ ئەۋەتكەن سوۋغىلارنى ئەلچىلەرگە ئۆز پېتى قايتۇرۇپ بېرىشكە پەرمان بەردى . شۇ كۇندىن باشلاپ تۇمارىسنىڭ ئۇيقۇسى قاچتى ، ئىشتىھاسى تۇتۇلدى ، ئەقىل نۇرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدە ئاچچىق غەزەپ ئوتى يېلىنجىدى ، گۇزەل چىرايىنى تەگسىز خىياللار بىلەن بۇلۇتى تۇسۇۋالدى . تۇمارىس كەيخۇسراۋنىڭ تۇران زىمىنىنى جەڭ بىلەن ئىشغال قىلىشنىڭ تەسكە چۈشۈدىغانلىقىغا كۈزى يىتىپ ، ئوز مەقسىتىگە نىكاھ ئەھدىسى ئارقىلىق يەتمەكچى بۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىپ يەتكەنىدى . كەيخۇسراۋ ھەقىقەتەن ئۇچىغا چىققان ھىلىگەر ، رەزىل ئالدامچى ئىدى
-
- ئاتلار يورغىسىنى ئاستىلىتىپ ئالدىرماي بىر خىل رېتىمدا ماڭاتتى . تۇمارىس شۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئوغلىغا دىيىشكە تىگىشلىك قىسمىنى قىسقىچە سۆزلەپ بەردى . بۇنىڭسىزمۇ سىپار گاپىرىسنىڭ قەلبىدىكى قىساس يالقۇنى غايەت زور گۇلخانغا ئايلانماقتا ئىدى . نەۋرۇز بايرىمى داۋام قىلىۋاتاتتى . ھەممە يەردە ئادەملەر دېۇىزى ئوركەشلەيتتى . داقا دۇمناق ، نەي - تۆمرۈك ( داپ) سادالىرى ئەۋجىگە چىققان ئىدى . ماسساگىتلار قۇياشقا قاراپ قوللرىنى پۇلاڭلىتاتتى ، سەكرىشەتتى ، ئىلتىجا قىلىشاتتى . سىپارگاپىرىس ئاتىسىنىڭ تۇپراق بېشىدىن ئىنتايىن ئېغىرلاشقان ھالدا قايتىپ كەلدى . ئۇ ، ئانىسى بىلەن خەيرىلىشىپلا زارىنانى ئىزدەپ تاپتى . زارىنا بىر چەتتە بايرام ئەھلىگە قاراپ مۇڭلۇنۇپ ئولتۇراتتى ، ئۇ چاچلىرىغا جالا ، قۇلاقلىرىغا تۇلغاچ ( ھالقا ، سىرغا ) سالغان بولسىمۇ ، سىپارگاپىرىسنىڭ يوقلىغىدىن كوڭلى يېرىم ئىدى . سىپارگاپىرىس ئۇنى قۇلىدىن تارتقىنىچە خېلى ماڭغاندىن كىيىن ھارۋىنىڭ ئىچىگە ئەكىردى - دە باغرىغا باستى ، قەتئى بىر ئاھاڭدا قۇلىقىغا :
- مەن بۇگۇن باشقىچە بىر ئادەم بولدۇم ، يەنى ھەقىقى بىر ئادەم بولدۇم ، - دىدى پىچىرلاپ .
زارىنا كۈلۈپ كەتتى ، ئۇنىڭ نەزىرىدە سىپارگاپىرىس ھەقىقى ئەركەك ، كىلىشكەن ، سۇباتلىق باتۇر چەۋەنداز ئىدى . سىپارگاپىرىس زارىنانىڭ يۈزىگە ، لەۋلىرىگە سۈيۈپ تۇرۇپ ، ئانىسى بىلەن نەگە بارغانلىقىنى ، نىمىلەرنى كۆرگىنىنى ، ئانىسىدىن نىمىلەرنى ئاڭلىغىنىنى ، ۋە ئەمدى ئۈزىنىڭ قانداق قىلماقچى بۇلۇۋاتقانلىقىنى تەپسىلى دەپ بەردى :
- ئوغۇلنالىنى جەڭگە ياراتقان ، - دىدى زارىنا ھاياجانلىق بىر ئاۋازدا تىز تىز سۆزلەپ ، - سەن ئاتاڭنىڭ قىساسىنى ئېلىشىڭ كىرەك ، بولمىسا سەن بىر ئەرسۇ ( پەس ، قەدىرسىز نەرسە ) بۇلۇپ قالىسسەن .
- ئەيلۇق ! ئەيلۇق !( شۇنداق ، ھەە) - سىپارگاپىرىس سەل قىزارغان ھالدا دېدى ،- ئابام نېمىدىگەن سۈيۈملۈك ھەم مەردانە ئايال ھە ، ئۇ كەيخۇسراۋدەك قۇدرەتلىك بىر پادىشاھتىن قىلچە قورقمايدىكەن .
- سەنمۇ ئاتاڭدەك ، ئاباڭدەك قورقماس باتۇر بول !
ئىككىسى ئۇزاققىچە جىمجىت ئولتۇرۇشتى . نەۋرۇز بايرىمى بېدە كۈكى غىزاسىنى يىيىش بىلەن ئاخىرلاشتى . شۇندىن كىيىنكى كۈنلەردە تەبىەت ئۆز قوينىدا تۇرلۇك تۈمەن ناباتاتلارنى ئۆستۈردى ، يايلاقتا ھايۋاناتلارمال چارۋىلار ، ئۇچار قاناتلار كۆپەيدى . چوپانلار چالغان نەيلەرنىڭ ئاۋازى يىراقلارغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى . بىر كۈنى سىپارگاپىرىس ئۇشتۇمتۇت يۇقاپ كەتتى . ساۋچىلار تۇمارىسقا :
- ئوغلۇڭ ياكساررتىس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا توپ توپ چەۋاندازلارنى ھەرب (مەشق تاكتىكا ) قىلدۇرۋاتىدۇ ، دىدى .
تۇمارىسنىڭ ئەندىشىلىرى ئىپتىخارلىققا ئايلاندى . بىراق ، ئاز ئۆتمەي تۇمارىس تەپ كىسىلى بىلەن ئاغرىپ يېتىپ قالدى . ياز مەۋسۈمى كەلدى ، تۇمارىسنىڭ بەزى قىياسلىرى توغرا چىقتى . ئۆكۈز دەرياسىنىڭ غەربىدىن ۋە قاراقۇم ( تۇركمەنىستاندىكى چۆل قۇملۇق ) چۆللىرىدىن ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن ساۋچىلار كەيخۇسراۋنىڭ لەكمىڭ لەكمىڭ لەشكەرنى باشلاپ ، نۇرغۇن قەبىلە - ئەللەرنى بېسىۋېلىپ ، مۇشۇ تەرەپكە ئىلگىرلەپ كېلىۋاتقانلىقىى ھەققىدە بىر بىرىدىن جىددى ، قۇرقۇنۇچلۇق خەۋەرلەرنى ئېلىپ كەلدى .
ئاقساقاللار كېڭىشىدە تۇمارىس ئۈزىنى ئاران تۇتۇپ ئولتۇراتتتى . كېڭەش ئەھلى جەڭگە پۇختا تەييارلىق قىلىپ ، دۈشمەنگە ئۇمۇميۇزلۇك ئاتلىنىش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويدى ، ھەتتا تۇمارىس كىمنى قۇماندانلىققا تەيىنلىسە ، شۇ دەرھال ئاتلىندىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .
- بولمايدۇ ، - دىدى ئاقساقاللار كېڭىشىگە تۇنجى قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئىرىشكەن سىپارگاپىرىس ، - بۇنداق قىلساق قان تۈكۈلۈش كۆپ بۇلىدۇ . مەن تازا خىللانغان ئۈچ توتمىڭ چەۋانداز بىلەن ئاتلىنىپ دۈشمەننى كەلگەن جايىغا قوغلىۋېتىمەن . ئابا ، بۇ قېتىم جەڭگە مېنى ئەۋەت !
- جەڭ قارقۇم چۆللرىدىن باشلاندى ، كەيخۇسراۋ نىڭ لەشكەرلىرى بىر قانچە يولغا بۇلۇنۇپ ، ئايرىم ئايرىم سەپ تۈزۈپ جەڭگە تەييارلاندى . سىپارگاپىرىس چەۋاندازلىرىنى بولمەي پۈتۈن توپى بىلەن دۈشمەننىڭ غەربى شىمال تەرەپتىكى سېپىگە قارشى ئاتلاندۇردى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ باشقا سەپلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتتى . ئىككى تەرەپ دەسلەپ ئادەت بىۇيىچە پالۋانلىرىنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ يەكمۇ يەك ئېلىشتى . سىپارگاپىرىس بىرىنچى بۇلۇپ مەيدانغا چۈشكەنىدى ، ئۇ شىىدەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۈتەتتى ، ئەپچىللىك بىلەن نەيزە ئۇراتتى ، رەقىبىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئېتىدىن قاماللاپ ئېلىپ بېشى ئۈستىدە كۈتۈرگىنىچە چەۋاندازلىرىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ تاشلايتتى ، بەزىدە چىكىنگەن بۇلۇپ تۇيۇقسىز كەينىگە بۇرۇلۇپ قوغلاۋاتقان رەقىبىنى شارت قىلىپ چېپىپ تاشلايتتى . ئاخىردا ناغرا دۇمباق چېلىندى ئىككى تەرەپ بىر بىرىگە تاشلاندى .بوراندەك تىز قوغلاش ئەسىر ئېلىش ئوڭ ياكى سول ياندىن ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىش ، جەڭ غەنىمەتلىرىنى يىغىش بىلەن ياز ئايلىرمۇ ئۆتۈپ كەتتى ، ھاۋا سۇۋۇشقا باشلىغاندا ھەر ئىككى تەرەپ قايتىدىن جانلىنىپ قالدى ، كەيخۇسراۋنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى سېپىمۇ ئاخىرى جەسەتلەر دۆۋىسىگە ئايلاندى . قالدۇق لەشكەرلەر يارىدارلىرىنى تاشلاپ قېچىشتى .
سىپارگاپىرىس دۈشمەننىڭ 3 - سىپىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا ، كەيخۇسراۋ چېكىنىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى ، ئۇ مەغلۇپ بۇلىدىغانلىقىغا كۈزى يىتىپ ھەربى كۈچىنى ساقلاپ قېلىپ كىيىن ھۇجۇم باشلاش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى ، سىپارگاپىرىس دۈشمەننى چىگرىدىن ئۆتكۈزۋېتىپ قايتتى ، ئۇنىڭ ئېتىغا ئۆزى ئۆلتۇرگەن دۈشمەن سانىغۇنىنىڭ بېشى سېلىنغان تۇلۇم غانجۇغلانغانىدى .
سىپارگاپىرىس ئۆز چەۋەندازلىرى بىلەن ئۆكۈز دەرياسى بۇيىدا دەم ئالغاچ غەلبىنى تەبرىكلەۋاتاتتى . دۈشمەن سانىغۇنىنىڭ بېشى سۇيۇلۇپ ، مېڭىسى چىقىرىۋېلىنىپ جام ياسالدى . سىپارگاپىرىس ئەشۇ جامدا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن جەڭچىلەرگە شاراپ تۇتماقتا ئىدى . ھەممەيلەن غەلبە شادلىقى ۋە شاراپ تەسىرىدىن غەرق مەس بولغاندا كەيخۇسراۋ كۆرسەتكەن ئەقىل بۇيىچە ئۇنىڭ ماسساگىتلارچە ياسانغان بىر توپ لەشكەرلىرى تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كېلىپ سىپارگاپىرىس ۋە ئۇنىڭ ئون نەچچە سەركەردىسىنى ئەسىر ئېلىپ باغلاپ ئېلىپ كەتتى .
مىلادىدىن بۇرۇنقى 529 -يىل
مۇزلار ئىرىپ سۇلار ئۇلغۇيۇپ ياكسارتىس دەرياسى بىلەن ئۆكۈز دەرياسى دەھشەتلىك نەرە تاتىشقا باشلىدى . غەرپ تەرەپتىن ئاچكۆز ، ياۋۇز مەككار ھەمدە كۈچلۇك بىر ئەجدىھا تۇران تەرەپكە كەلمەكتەىدى .
سىپارگاپىرىسنىڭ نۇسرەت تۇغىنى جەۋلان قىلىپ تۇيۇقسىزلا غايىپ بۇلۇشى پۈتكۈل ماسساگىت ساكلارنى قاتتىق چۆچۈتىۋەتتى ، تۇمارىس بىلەن زارنىنانىڭ غەم ئەندىشىسى ھەممىدىن بەك ئېغىر ئىدى ئاغمىخاندەك چاققان ، بۇرىدەك چەبدەس ساۋچىلار ، چاپارمەنلەر ئايغاقچىلار تەرەپ تەرەپتىن ئىزدەپ ھەتتا نىقاپلىنىپ چىگرىدىن ئۈتۈپ ئەھمانىلار سۇلالىىسىنىڭ پايتەختىگىچە باردى . ئىشەنچىلىك خەۋەر ئاخىرى قىش ئاخىرلىشاي دگەندە ئاندىن تۇمارىسقا يەتكۈزۈلدى .
ئاقساقاللار كېڭىشىدە تۇمارىس بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى ، ئۇ كېڭەش ئەھلىلىرىنىڭ سىپارگاپىرىس نى قۇتقۇزۇش ئۇسللىرى توغرۇلۇق ئاقىلانە بىر گەپ قىلىشنى كۈتەتتى ، ئۇلار بولسا ئاۋال تۇمارىسنىڭ بىر نىمە دىيىشىنى خالايتتى .
سۈكۈت يۈرەكنى ئىزىدىغان سۈكۈت داۋام قىلماقتا ئىدى . تۇمارىس كېڭەشنىڭ مۇنداق ئوڭايسىز ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىغا تاقەت قىلالماي چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . دەل شۇ چاغدا چاڭ كۈتۈرلۇپ بىر ساۋچى ئات چاپتۇرۇپ تىزلىكتە يېتىپ كەلدى .
- پاكبۇر ئابا ، پاكبۇر ئابا
- كىلاجۇ (سوزلە دۈگەن مەنۈدە ) تۇمارىسنىڭ كۆزلىرى ساۋچىغا مىختەك تىكىلدى .
- يېغى كىلىۋاتىدۇ ! تۇران قانغا پاتتى ! ھېلىقى ئەجدىرھا يەنە ھوكىرەپ كېلىۋاتىدۇ !
كەيخۇسراۋ قىشتىن بېرى جىىدى تەييارلىنىپ ، تۇران زىمىنىغا غەرپ ، شىمال جەنۇپ تەرەپتىن تەڭلا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنىدى ، ئۇلار كۈندۈزلىرى ، كېچىلىرى چاقماق تىزلىكىدە ئىلگىرلەپ ئاۋارلار ، سوغدىلار ۋە ساكلار ياشاۋاتقان زىمىنلارنى قانغا پاتتۇرۇپ ، ئۆكۇز دەريا ۋادىلىرىغىچە يېتىپ كەلدى .كەيخۇسراۋ دەريا بۇيىدىكى سىپارگاپىرىس شاراپ ئىچكەن ، ئەسىرگە چۈشكەن جايغا ئۆز نامىغا ئاتاپ بىر شەھەر بىنا قىلىشقا تۇتۇندى .
تۇمارىسنىڭ قۇشۇمىلىرى تۇرۇلدى ، ئەمدىلىكتە ئاقساقاللارنىڭ ، سەركەردىلەرنىڭ دانىشمەن باقشىلارنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگىمۇ ھاجەت قالمىغانىدى . نامەر دۇشمەن بىلەن پەقەت جەڭ قىلىش ۋەانا تۇپراقنى قوغداپ قېلىشلا بىر دىنبىر چارە ئىدى .
تۇمارۈس ھەش پەش دۈگچە خانلۈق تاجۈ قادالغان بۈرۇنزا دۇبۇلغۈسۈنۈ ، بۈرۇنزا ساۋۇتنۈ بۇرۇنزا زەنجۈرلۈك شۈم پايپۈقۈنۈ ، بۈرۇنزا ئېۇتۇكۈنۈ كۈيگەن بۇلۇپ گۇرگەن ( ھازىرقى ئۇرگەنچ شەھىرى ) نۈڭ مەشھۇر ئېۇستلۈرۈ ھەدۈيە قۈلغان ئېۆتكۇر قۈلۈچۈنۈ بۈرۇنزا كەمۈرۈگە ئېاسقان ، ئېۇزۈنۈڭ مەخۈسۇس تۇلپارۈغا مۈنگەن بۇلۇپ توپ ئېالدۈغا پەيدا بولدۈ . ئېۇ قۈلۈچۈنۈ سۇغۇرۇپ ئېېگۈز كۈتۈردۈ ۋە :
- ماسساگۈتلار – ساكلار ، پۈتكۇل تۇرانۈ قەبۈلۈلەر جەڭگە ! – دەپ ۋاقۈردۈ .
- - تۇران ئېۈچۈن جېنۈمۈز پۈدا - قانغا قان !
- جانغا جان !
دۈيۈشۈپ ، چۇقان سېلۈشۈپ ھەممەيلەن قېلۈچلۈرۈنۈ قېنۈدۈن سۇغۈرۈپ ھاۋادا پۇلاڭلاتتۈ ، شۇ ھامان ساۋچۈلار ، چاپارمەنلەر ، ئا قساقاللار ، سەركەردۈلەر بەلگۈلەپ بەرگەن مەنزۈللەرگە ئېات سېلۈشتۈ . تۇمارۈسنۈڭ پەرمانۈ پەرغانە ئېويمانلۈقۈدا ، پامۈر تاغلۈرۈ ئېەتراپۈدا ياشايدۈغان ساك ھاماۋەرگە مۇقەددەس دەرەخلەرنۈڭ يۇپۇرماقلۈرۈغا چۇقۇنۈدۈغان ساكلارغا يېتۈپ باردۈ . ئېالاي (قىرغىزىستاننىڭ بىر رايۇنى ) ۋە بالقاش كۈلۈ ، ئېۈسسۈقكۆل ( قىرغىزىستاندىكى كۆل ) ۋە تەڭرۈتېغۈنۈڭ شۈمالۈ ۋە جەنۇبۈدا ياشايدۈغان ساك تۈگراخۇدا – قۈرلۈق جەز قالپاقلۈق ساكلارغا ، ھەم ئېۆكۈز دەرياسۈ ۋاۈدسۈدا ، خەزەر دېڭۈزۈ ، كاسپۈ دېڭۈزۈ بويلۈرۈدا ياشايدۈغان ساك قايتارا – دۈيارا دەرياسۈنۈڭ ئېۇ تەرۈپۈدۈكۈ ساكلارغا يېتۈپ باردۈ ، ھەم شۇ زۈمۈندا ساكلار بۈلەن قېرۈنداش بۇلۇپ ياشاۋاتقان ئېاۋار – ئېارۈيان ، ھۇنگار ، تۇرا ، تۇرك ، توخرۈ . . . لارغۈمۇ يېتۈپ باردۈ . بۇ زۈمۈندا ياشايدۈغان قەبۈلە ئېەجداتلۈرۈدۈن تارتۈپ ھەم كۆچمەن ھەم چوپان ، ھەم ئېوۋچۈ ھەم چەۋەنداز جەڭچۈ ئېۈدۈ . كۈچۈكۈدۈن تارتۈپ ئېات مۈنۈش نۈ ، قۈلۈچ نەيزە ئېۈشلۈتۈشنۈ ، ئېوقيا ئېتۈشنۈ ئېۆگۈنۈپ ماھۈر چەۋەنداز بۇلۇپ يۈتۈشەتتۈ ، جەڭ ئۇرۇش توغرۈسۈدكۈ پەرمان كەلگەن ھامان ئېۆزلۈكۈدۈن قوزغۇلۇپ ، سەپ تۈزەتتۈ ، جەڭ ئېاتلۈرۈنۈ ۋە ئېۇنۈڭ جابدۇقلۈرۈنۈ ، جەڭ قۇراللۈرنۈ ، يۈمەك ئېۈچمەكنۈ ئېۆزلۈرۈ غەملەيتتۈ . چەۋانداز بولمۈغان ، جەڭ كۆرمۈگەن يۈگۈتلەرنۈڭ ئېۆز قەبۈلۈسۈ ئېارۈسۈدا قۈلچە يۈز ئېابرويۈ بولمايتتۈ ، قۈزلارمۇ ئېۇنداقلارنۈ پەس كۈرۈپ ياراتمايتتۈ ، تەگمەيتتۈ .
تۇرانلۈقلار تۇمارۈسنۈڭ قارااگاھۈغا شامالدەك تۈز يېتۈپ كېلۈشتۈ . ئېەرەنچە ياسۈنۈۋالغان جۇۋان قۈز چەۋەندازلارمۇ ناھايتۈ نۇرغۇن ئېۈدۈ . زارۈنا ئېۇلارغا باش بۇلۇپ سەپ تتۈزۈۋاتاتتۈ .ئېارسلان تۈرۈسۈدە ياسالغان ئېۈچ بۇرجەكلۈك جەڭ تۇغۈ ھەر بۈر سەپنۈڭ ئېالدۈدۈكۈ تۇغچۈنۈڭ قۇلۈدا لەپۈلدەيتتۈ .
- تۇمارىس ئۆكۈز دەرياسى ۋادىسىغا يېتىپ كېلىپ بارىگاھ تىكىتى . ياپيېشىللققا چۆمگەن تۇران تۈزلەڭلىكى باھار قۇچىقىدا ئەللەيلىنەتتى . تۇمارىسنىڭ ئالدىغا ساۋچىلار ، چاپارمەنلەر ، ئايغاقچىلار كىلىپ كىتىپ تۇراتتى . بۇلار : ئەي پەكبۇر ئابا ، كەيخۇسراۋ سەن كېلىشتىن بۇرۇن دەريانىڭ غەربى جەنۇپ تەرىپىگە كېلىپ بولغان ، ئەمما ئۇ بارىگاھ تىكمىدى .
- ئەي ئۇلۇغ ئابا ، كەيخۇسراۋ بىر ياخشى جايغا قورغان بىنا قىلىۋاتىدۇ ، دىيىشەتتى .
بارىگاھ تىكمىگەنلىك كەيخۇسراۋنىڭ دەريادىن ئۈتۈپ ، داۋاملىق ئىچكىرلەپ ئۇرۇش قىلىىپ تۇران زىمىنىنى پۇتۇنلەي ئىستىلا قىلىشىدىن دىرەك بېرەتتى ، بىنا قىلىۋاتقان قورغىنى بولسا ، ئۇنىڭ قالدۇرماقچى بولغان نام نىشانى ئىدى . بىر ساۋچى قاراڭغۇ چۈشكەندە يىتىپ كەلدى .
- كەيخۇسراۋ دەريا لىۋىگە چۈلۈك ( چىنارنىڭ بىر خىلى ) ياغىچىدىن 70 گەز ئىگىزلىكتە بىر مۇنار ياساتقۇزۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىپارگاپىرىسنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قۇيۇپتۇ ، ئۇنىڭ ئىككى قۇلىنى ئايرىم ئايرىم ئىككى ئۇنۇقتا ( ئارغامچا ) باغلاپتۇ ، ئۇنۇقلارنىڭ ئۈچلىرىنى پەستە ئىككى لەشكەر چىڭ تارتىپ تۇرۇپتۇ .
تۇمارىسنىڭ تاپىنىدىن بىر پاتمان ئوت كىرىپ مىڭىسىدىن چىقىپ كەتتى ، چىرايى بىر قارىداپ يەنە ئەسلىگە كەلدى .تاڭ ئاتقاندا كەيخۇسراۋنىڭ ئەلچىلىرى دەريادىن ئۆتتى . تۇمارىس كەيخۇسراۋ بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنى قايتۇرىۋەتتى ، ئاندىن بارىگاھتىن چىقىپ دەريا بۇيىغا ئاتلىق يىتىپ كەلدى . دەريا سۈيى لايقىلىپ ، قىنىغا پاتماي ، تاشقىنلاپ - ئۆركەشلەپ ئاقاتىتى . تۇمارىس مۇنار ئۈستىدە ئوغلىنى كۆردى . كەيخۇسراۋ مۇنارنىڭ يېنىدا قۇرۇغلۇق ۋاقىتلىق تەختىدە گىدىيىپ ئولتۇراتتى . ئۇمۇ ئاتقا مىنگەن بىر ئايالنى كوردىدە ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ھىجايغاندەك قىلدى . تۇمارىس ئۇنىڭغا قىلچە پەرۋا قىلماستىن پەقەت ئوغلىغىلا قارايتتى . سىپارگاپىرىس بېشىنى تىك تۇتۇپ بۇ تەرەپكە نەزەر سېلىپ تەلمۈرۈپ تۇراتتتى . كەيخۇسراۋ بىر نىمىلەرنى دىگەندەك قىلدى . دەريا سۈيى شاۋقۇن سېلىپ ، گۇركىرەپ تۇرغاچقا تۇمارىس رەقىبى بىلەن سۆزلەشسىمۇ ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالمايدىغانلىقىغا كۈزى يېتىپ شۇان بارىگاھقا قايىتپ كەلدى ۋە كەيخۇسراۋغا ماڭدۇردىغان ئەلچىلەرگە مۇنداق دىدى :
- تۇمارىس دەيدۇ : ئەي ئەشەق ( تۈۋەن ، پەس ) ، ئۆترۈك ( ھىلىگەر ، ئالدامچى يالغانچى) قانخور زالىم پادىشاھ كەيخۇسراۋ ! . . . . قىلغان ئىشىڭ بىلەن ماختانمايلا قوي ، سەن ئوغلۇمنى يۈزمۇ يۈز جەڭ قىلىپ يەڭگىنىڭ يوق ، ئۇ سىنى يېڭىپ غەلبىنى تەبرىكلەپ بەزمە قىلىۋاتقاندا ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلدىڭ . ئەمدى مېنىڭ مەسلىھەتىمگە كىر ، ئوز ماكانىڭغا زىيان - زەخمەتسىز كېتەي دىسەڭ ئوغلۇمنى ئۆزەمگە قايتۇرۇپ بەر ! چۈنكى مەن قان تۈكۈشنى خالىمايمەن ! ئەگەر ئۇنىمىساڭ ، ماسساگىت - ساكلارنىڭ تەڭرىسى سىۋالىيۇ بىلەن قەسەمكى ، مەن سەندەك ئاچكۆز يۇھانى قان بىلەن سۇغۇرىمەن !!!. . .
- ئەلچىلەر قايتىپ كېلىشىگە كەيخۇسراۋنىڭ ئەلچىلىرى كەلدى ، ئۇلارمۇ كەيخۇسراۋنىڭ سوزلىرىنى تۇمارىسقا يەتكۈزدى :
- مەن ماسساگىتلارنىڭ خانى ، گۇزەل - چىرايلىق تۇمارىسقا ئاشىق بىقارا . ئۇ مىنىڭ نىكاھىمغا ئۈتۈپ ، خانىشىم بۇلۇپ ، ئىران بىلەن تۇرانغا بىرلىكتە ھوكۇمران بۇلۇشقا قۇشۇلسىلا ئوغلىنى ئازات قىلىمەن ، ھەم ئۇ بىزنىڭ تەخىت ۋارىسىمىز بۇلىدۇ . تۇمارىس بۇنىڭغا قۇشۇلمىسا ئوغلىنى تاپشۈرۈپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئۆكۈز دەرياسىدىن ئۈتۇمەن ، تۇران زىمىنى زەبىت قىلىپ ، پۈتكۈل ئادەملىرىنى ئۆزۈمگە قۇل قىلىمەن !
ئەلچىلەر كەتتى ، ئەمدى سەبىر قىلىشقا بولمايتتى ، تۇمارىس ئوغلىنىڭ ھاياتىنى ، بەختىنى دەپ كەيخۇسراۋدەك ئەشەددى دۈشمىنىنىڭ نىكاھىغا ئۆتكەندىن ، شۇ ئارقىلىق ئۆز ئىلىنى خار زەبۇنلۇقتا قويغاندىن كۆرە ئۈزىگە ئۆلۈمنى ئەلا كۈرەتتى . ئۇ ، ئاقساقال سەركەردىلىرىنى ، چەۋەنداز - جەڭچىلىرىنى باشلاپ دەريا بۇيىغا كەلدى . سىپارگاپىرىس ھېلىھەم مۇنار ئۈستىدە تۇراتتى ، تۇمارىسنىڭ كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولدى . ئەتراپتىكىلەر ئالا چۇقان كۈتۈردى ، زارىنا بىرلا چىقىراپ ئاتتىن ئۇچۇپ چۈشتى ، ئۇ ھۇشىدىن كەتكەنىدى . تۇمارىس ئات ئۈستىدە تۇرۇپ قىلىچىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھاۋادا ئىككى ياققا ئۈچ قېتىم شىلتىدى ، بۇ دۈشمەن بىلەن مۇرەسسەلەشمەيدىغان بەلگە ئىدى . سىپارگاپىرىس پەقەت شۇ دەقىقىدىلا ، شاراپ ئىچىپ دۇچار بولغان ئاقىۋېتىنىڭ ئۆزىنى ئۈلۇمگە ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ قاتتىق پۇشايمان قىلدى ، يىگىتلىك ۋىجدانى ، ئار نۇمۇسى ھەممىدىن غالىپ كەلدى ۋە ئۈزىنى مۇناردىن كۆۋەجەپ ئېقىۋاتقان سۇغا ئاتتى . ماسساگىتلار شۇان ئالا - چۇقان ، داد پەريات كۆتۈرۈشۈپ دۈشمەن تەرەپكە يالىرىدىن ئوق ئۈزۈشتى ، قارشى تەرەپتىنمۇ ئوقلار ئۇچۇپ كەلدى . سىپارگاپىرىس ئارغامچىلارنىڭ ئۇچلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تارتىۋاتقان ئىككى لەشكەرنى سۇ تەرەپكە تارتتى كەيخۇسراۋنىڭ پەرمانى بىلەن يەنە توتتىن سەككىز لەشكەر ئارغامچىلارنىڭ ئۇچلىرىغا ئېسىلدى . كەيخۇسراۋ سىپارگاپىرىسنىڭ سۇغا چۈكۈپ ئۆلۈشىنى خالىمايتتى ، ئۇ، ئۇنى ئانىسىغا كۆرسۈتۈپ ئۆز قۇلى بىلەن ئۆلتۈرۈشنى ئويلايتتى . سىپارگاپىرىس بىرلا ئۇخچۇپ موللاق ئېتىپ سۇ يۈزىگە چىقتى ، ئارغامچىلارنى بار كۈچى بىلەن تارتىپ ئون نەپەر دۈشمەننى دەرياغا سۆرەپ ئەكىرىپ كەتتى . دۈشمەنلەر سۇغا غەرق قىلىۋېتىلدى ، سىپارگاپىرىس ئۆزىمۇ قاتتىق كۈچىگەنلىكتىن ھالسىراپ بۇلالماي قالدى . شىددەتلىك دولقۇن زەربىسىدە تەتۈر قاينامغا چۈشۈپ قېلىپ چۆرگىلەپ پىقىراپ سۈ تەكتىگە كىرىپ كىتىپ غايىپ بولدى .قاراپ تۇرغان كەيخۇسراۋ :
- بەكلا ياش ئېۈكەنسەنغۇ ، لېكۈن ئېاجايۈپ باتۇر ، ئېار نۇمۇسلۇق ئېوغلان ئېۈكەنسەن ، شۇڭا مېنۈڭ قۇلۇمدا ئېۈلۈشتۈنن ئېۆزۈڭنۈ ئېۆلتۈرۋېلۈشنۈ شەرەپ بۈلدۈڭ ، مۇبادا شۇنداق قۈلمۈغان بولساڭ مەنمۇ سېنۈ ئېۆلتۈرۈۋېتەتتۈم ، ھەي ھايات قالدۇرغان بولسام ، كەلگۇسۈدە مەشھۇر سەركەردە ، غالۈپ قۇماندان بولاتتۈڭ ، ئېۈسۈت ! – دۈدۈ .
ئىككى تەرەپنىڭ مەرگەنلىرى بىر بىرىگە بىر - بىرىگە جان جەھلى بىلەن ئوق ئېتىشاتتى ، ئوقلارنىڭ كۆپىنچىسى دەريا ئۈستىدىكى بوشلۇقتا بىر بىرىگە سۇقۇلۇپ سۇغا چۈشۈپ كېتەتتى . ئېتىشىش تازا ئەۋجىگە چىققاندا كەيخۇسراۋنىڭ مەرگەنلىرى ئېتىشتىن توختىدى ، كەيخۇسراۋ چىكىنىشكە پەرمان بەرگەن ئىدى .
تۈن كىچە تۇمارىسنىڭ بارىگاھى ئەتراپىدا يىغا بىلەن قۇشۇلۇپ ئېيتىلغان ئالىپ ئەرتۇڭا داستانى تاڭ ئاتقىچە توختىمىدى .
ئۇلىشىپ ئېرەن بورلەيۇ،
يىرتىپ ياقا ئورلايۇ .
سىقىرىپ ئۇنى يۇرلايۇ،
سىلتاپ كۆزى ئۆرتۈلۈر
مەنىسى
ھەممەيلەن بورىدەك ئوۋلاشتى،
ياقىلىرنى يىرتىپ ۋارقىراشتى .
ئۈشتەك ئاۋازىدەك ئىڭراشتى ،
يىغلاپ كۈزى ئورتەندى .
ناخشا ئاۋازى دەريا دولقۇنلىرىنىڭ گۈكىرىگەن ئاۋازىغا ئوخشايتتى . ماسساگىت جەڭچىلىرى ئەشۇ مەرسىيلىك ناخشا ئارقىلىق ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان قەھرىمانى سىپارگاپىرىسنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلەيتتى ، زارىنا ياقا يىرتىپ پەرياد ئۇراتتى ، تۇمارىس ماتەم سۈكۈتىگە چۆمگەنىدى . بۇ ھال پۈتكۈل تۇران چەۋاندازلىرىنىڭ قېنىنى قايناتتى . ئارىدىن 3 كۈن ئۈتۇپ كەتتى . ساۋچىلار كەيخۇسراۋ لەشكەرلىرىنىڭ گاھ دەريانىڭ ئۇ قېتىدا ، گاھ بۇ تۈۋەن ئېقىنىدا پەيدا بۇلىۋاتقانلىقىنى خەۋەرقىلىدى . ماسساگىت - ساكلار گۇيا پەرۋانىغا ئوخشاش قەيەردە ئۆت كۈرسە شۇان ئۆزىنى ئۇرىدىغان ھالەتكە كەلگەنىدى . تۇمارىس كەيخۇسراۋنىڭ ھىيلە مىكىر ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ھۇشيارلىق بىلەن سېزىۋالدى ۋە ئەلچىلەرنى تەيىنلەپ مۇنداق دىدى :
- تۇمارىس دەيدۇ : ئەي تەكەببۇر ، مەككار پادىشاھ ! بىز بىلىمىزكى ، سەن تىنچلىقنى خالىمايسەن ، شۇ سەۋەپتىن ئۈستىمىزگە ئات سېلىپ كەلدىڭ . ھازىر بىزنى پەقەت دەريا لا ئايرىپ تۈرىدۇ ، ئۇرۇشماقچى بولساڭ ، گاھ پەيدا بۇلۇپ ، گاھ غايىپ بۇلۇپ بىزنى ئاۋارە قىلما ، ھىيلە مىكىر ئىشلەتمە ، مەرتلەرچە مەيدانغا چىق ! دەرياغا كوۋرۈك سالىمەن دەپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزمە . بىزگە ئېيتساڭ بىز ساڭا دەخلى يەتكۈزمەي ئۈچ كۈنلۈك يەرگە يوتكىلىپ كىتىمىز ، بىمالال دەريادىن ئۆتسەڭ ، ئۇندىن كىيىن يۈزمۇ يۈز ئۇرۇش قىلىمىز ، ئەگەر بىز بىلەن دەريانىڭ سەن تۇرغان تەرىپىدە ئۇرۇشماقچى بولساڭ ئۇنىمۇ بىزگە ئېيت ، بۇنىڭغىمۇ بىز رازى بولىمىز ، لىكىن نامەرتلىك قىلما !
كەسكىن ۋە قەتئى تەلەپ كەيخۇسراۋنى ئىزتىراپقا سېلىپ قويدى ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ تاجاۋۇزچىلىق نىيىتىدىن ھەرگىز يانمايتتى ، بىراق بىرلا بۇيرۇق بىلەن لەشكەرلىرىنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇشقىمۇ جۇرەت قىلالمايتتى . تەرىتۋارۇ بىلەن تۇمارىس بىلەن ، ئاخىرىدا سىپارگاپىرىس بىلەن ئۇرۇشقاندىكى قانلىق ساۋاقلار ھېلىھەم ئېسىدە ئىدى ، ئادىتى بويىچە ئۇ كېڭەش چاقىرىپ سەركەردىلىرىدىن بىرەر ھىيلە - مىكىر بىلەن ماسساگىتلارنى يېڭىشنىڭ چارىلىرىنى تېپىشنى تەلەپ قىلدى ، بۇ ئارقىلىق ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ قارشى تەرەپنى بېخۇتلاشتۇرۇشمۇ مۇمكىن ئىدى .
- تۇمارىس يەنە خېلى ۋاقىت كۈتكەندىىن كىيىن دۈشمەننىڭ نىيىتىنى بىلىپ قالدى - دە كېچىدە دەريانىڭ تۈۋەن ئېقىنىدىن ئۆتتى ۋە دۈشمەننىڭ يان تەرىپىدىن تۇيۇقسىزلا پەيدا بۇلۇپ سەپ تۈزدى ، بۇ كەيخۇسراۋنى يۈزمۇ يۈز جەڭ قىلىشقا مەجبۇرلاش ئىدى . كەيخۇسراۋمۇ نائىلاج دەرھال سەپ تۈزدى . تۇمارىس بىرىنجى بۇلۇپ مەيدانغا چۈشتى . كەيخۇسراۋ ئېتىنى دىۋىتىپ سەل ئالدىغا چىقتى :
- مەن پادىشاھ كەيخۇسراۋ ، مەن بىلەن ئېلىشىشقا پادىشاھىڭ چىقسۇن ! - دەپ ۋاقىرىدى :
- مەن شۇ ! - تۇمارىس بەرجەم قادالغان دۇبۇلغىسىنى بېشىدىن ئالدى ، بۇلۇتتەك تۈزغۇپ تۇرغان قويۇق ، قوڭۇر چاچلىرى چۇۋۇلۇپ يەلكىسى بىلەن دۈمبىسىنى ياپتى ، - سەن ئاشىق بولغان تۇمارىس ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ ، سەنمۇ ئاڭلىغان ، بۈگۈن شۇ قەسىمىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن !
- ئاھ ، تەڭرىم ! - كەيخۇسراۋ تۇمارىسنىڭ گۈزەل ھوسنى ، بەرنا قامىتىنى كۈرۈپ توۋلىۋەتتى ۋە مەڭدەپ قالدى .
تۇمارىس چاچلىرىنى بېشىغا تۈرتەكلەپ دۇبۇلغىسىنى كىيدى . ئىككى پادىشاھ قىلىچىنى يالىڭاچلاپ بىر بىرىگە قاراپ ئات سېلىشتى . ئاتلار چاپچىدى ، قىلىچلار جاراڭلىدى ، ئوت چۆپلەر چەيلەندى ، تۇپا تۇزان كۆتۈرۈلدى ، ھەر ئىككىسى ئۆز ماھارىتىنى نامايىش قىلدى ، كەيخۇسراۋ ھاياتىدا بۇنداق باتۇر ئايال چەۋاندازنى كۆرمىگەنىدى ، بۇرۇنقى جەڭلەردە ئۇمۇ ، تۇمارىسمۇ بىۋاستە تۇتۇشمىغانىدى ، كەيخۇسراۋنىڭ قىلىچ تۇتقان قۇلى بىلىنە بىلىنمەس تىترەيتتى . تۇمارىس ئۇنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئىنتايىن چەبدەسلىك بىلەن تۇسايتتى ۋە ئۈزىمۇ شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلاتتى ، كەيخۇسراۋنىڭ قىلىچ ئۇرۇشىغا زادىلا ئىمكان بەرمەيتتى . تەكرار تەكرار ئېلىشىشلاردىن كىيىن تۇمارىس بىرلا ئېتىلدى دە كەيخۇسراۋنىڭ بېشىنى نىشانلاپ قىلىچ ئۇردى ، قىلىچ ئۇنىڭ بوينىغا تەگدى . ئۇ ، ۋاي دىيىشكىمۇ ئۇلگۇرەلمەي ئاتتىن غۇلاپ چۈشتى ، شۇان ئىككى تەرەپ خۇددى مۈشۈك چاشقانغا ئېتىلغاندەك بىر - بىرىگە ئېتىلىشتى ، چاڭ تۇزانلار قۇياشنى توستى ، قىر چاپ سادالىرى داد پەرياتلار پەلەككە يەتتى . جەڭ بىر كېچە كۈندۈز داۋاملاشتى ئىران لەشكەرلىرى سەركىسىدىن ئايرىلغان قوي پادىلىرىدەك چېچىلىپ - قىرىلىپ بىتچىت بولدى ، جەڭ تۇمارىسنىڭ غەلبىدى بىلەن ئاياقلاشتى . رازىنامۇ خېلى كوپ دۈشمەننى ئۆلتۈردى . ئۇ دۈۋە دۈۋە جەسەتلەرنى ، ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كەتكەن باشلارنى ئارىلاپ يۈرەتتى . ئۇنىڭ ئېتىغا كەيخۇسراۋنىڭ ۋەزىرى كېزىرنىڭ بېشى سېلىنغان تۇلۇم غانجۇغلاقلىق ئىدى ، زارىنا خېلى ئۇزاق ئاۋارە بۇلۇپ دەسلەپ جەڭ باشلانغان يەرگە كەلدى ۋە كەيخۇسراۋنىڭ جەسىتىنى مىڭ تەستە تاپتى . جەسەتنىڭ گەۋدىسى بىلەن بېشىنى بوينىدىكى ئازغىنە تېرە تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى ، زارىنا باشنى كىسىۋېلىپ تۇمارىسنىڭ بارىگاھىغا كەلدى ،
تۇمارىس كەيخۇسراۋنىڭ ۋەزىرى كېزىرنىڭ بېشىنى جام قەدەھ قىلىشقا قالدۇردى ۋە بىر تۇلۇمغا لىق قان تولدۇرۇشنى بۇيرىدى ، ئاندىن كەيخۇسراۋ نىڭ بېشىنى ئاشۇ تۇلۇمغا سېلىپ :
- ئەي نامەرت ! تاجاۋۇزچىلىقىڭغا قارشى ھالاللىق بىلەن جەڭ قىلىپ سىنى يېڭىپ كىلىۋاتقان مەندەك بىر ئايالنى مەككارلىق بىلەن ئوغلىدىن جۇدا قىلىپ پەرزەت داغىدا قويدۇڭ ! سەن ئومرۈڭ بۇيى قانغا تويمۇدۇڭ ! مەن ئۆز قەسىمىمگە ئەمەل قىلىپ مانا سېنى قان بىلەن سۇغاردىم ، ئەمدى توي ! باشقىلارنىڭ ئەل يۇرتىغا زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇپ كىرگەنلەرنىڭ جازاسى ئەنە شۇنداق بۇلىدۇ ! ! ! دېدى قەھىرلىك ئاھاڭدا