ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪ.....
ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺭﺍﺯﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﻨﻪﻙ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯩﯖﯩﭗ ﻣﯩﯖﯩﭗ
ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺯﯨﭻ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﻣﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ
ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻣﯩﻠﻪﭖ ﻣﯩﯖﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺩﺍﺭﺍﺯﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ
ﻗﯩﻴﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﻨﻪﻙ ﺋﯘﻧﻰ ﺯﺍﯕﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯩﮕﯩﺰ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﺭﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺗﯜﭘﺘﯜﺯ ﻳﻮﻟﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﯖﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ، ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﺴﯩﻤﯘ
ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﺎﺭﺍ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﺘﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻦ
ﺑﯚﻟﯜﭖ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﻤﻪﻥ ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﯩﺠﻪﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺩﯨﮕﻪﻥ
ﮔﻪﭖ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﺎﻛﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﺩﺍﺭﺍﺯﺍ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﺳﻘﺎ ﺳﯩﻠﯩﭗ
ﻣﯩﯖﯩﯟﯨﺮﯨﭙﺘﯘ ،ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻍ ﺋﯘﭼﺮﺍﭘﺘﯘ. ﺩﺍﺭﺍﺯﺍ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ
ﺋﺎﻟﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﻳﻪﭖ ﻣﯩﯖﯩﭙﺘﯘ ، ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﻨﻪﻙ ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﯩﺘﺎﻝ
ﺋﯜﺯﯛﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻣﺴﻪﻥ ﺩﻩﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﻤﻪﻣﺴﻪﻥ ﺩﻩﭘﺘﯘ
ﺩﺍﺭﺍﺯﺍ.
بوۋاي: يېڭى ئالغان ئايالىم ھامىلدار بولدى !
دوختۇر: بۇ مۇمكىن ئەمەس!
بوۋاي : راست ،ئىشەنمىسىڭز تەكشۈرۈپ بېقىڭ،
دوختۇر: بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، سىز دىگەن ئەللىكتىن ئاشقان تۇرسىڭىز ،مەن سىزنى تەكشۇردۇم ،بۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس !
مەن شۇنداق بولسىمۇ ئايالىڭىزنى تەكشۇرۇپ باقاي،
تەكشۇرۇشتىن كېيىن:
دوختۇر: مەن سىزگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي، بۇرۇن بىر بوۋاي بار ئىكەن
،ئۇ بىر كۈنى ئوۋغا چىقىمەن دەپ ،مىلتىق ئالدىم دەپ ئويلاپ كۈنلۈكنى ئېلىپ
چىقىپتۇ. ئۇ بىر بۇغىنى كۆرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مىلتىقىنى ( ئەمىليەتتە
كۈنلۈك) قولغا ئېلىپ قارغا ئېلىپ بىر ئېتىپتىكەن
بۇغا گۇپپىدە چۈشۈپ ئۆلۈپتۇ !
بوۋاي : بۇ مۇمكن ئەمەس ، قانداقمۇ كۈنلۈكتە بۇغا ئاتقىلى بولسۇن ،كۈنلۈكتىن ئوق چىقمىسا يا ؟!
دوختۇر: توغرا ،ئۇ بۇغىنى ئەسلى باشقا بىرسى قارغا ئېلىپ ئېتىپتىكەن !
بىر كۈنى مەسچىدتە جامائەت ئىمامدىن سوراپتۇ
ئىمام ! ئاڭلىساق شەيتان ئۆلگەندىن كىيىنمۇ ئوخشاشلا دوزاختا جازالىنىدكەن، ئىنساننى دوزاختا كۆيدۇرسە ئازابلىندۇ،
ئەمما شەيتان دىگەن ئەسلى ئوتتىن بولغان نەرسە تۇرسا ،قانداقسىگە دوزاقتا كۆيدۈرگىلى بولدۇ؟
ئىمام ھىچنىمە دىمەستىن سۆزىنى تۈگىتىپ ،دۇئا قىلىپ ،نامازدىن يېنىپتۇ، سىرتقا چىقىپ ئىمام قولىغا يوغان كېسەكتىن بىرنى ئېلىپ
ھېلىقى سۇئال سورىغان ئادەمنىڭ بىېشىغا بىرنى قويۇپ دەپتۇ : سىزمۇ تۇپراقتىن يارتىلغان ،تۇپراق بىلەن ئۇرسا ئاغرامدىكەن
بىر ئادەم ئەرلەر كېسلگە گرىپتار بوپتۇ ،
دوختۇر ئۇنىڭغا بىر قۇتىنى بېرىپ ،بۇنىڭغا ئىسپىرمىڭىزدىن ئازراق چىقىرپ ئەتە ئېلىپ كېلىڭ ،تەكشۈرمىز دەپتۇ
ئۇ ئەتىسى قۇتىنى قۇرۇق ئېلىپ كەپتۇ
نىمە بولدى ؟ قۇرۇق ئەكەپسىزغۇ ؟- دەپ سوراپتۇ دوختۇر
بىمار: مەن ئۆيگە بېرىپ قولۇم بىلەن ئىككى سائەت جېدەللەشتىم ،چىقمىدى
ئايالىم كىرىپ ئۇمۇ جېدەللەشكەنتى ،چىقىرالمىدى
قىزىم كىرىپ قىلىپ باقتى ،يەنىلا چىقرالمىدى،ئاپام ،ھەدەم ۋە ئۆيدىكەرنىڭ ھەممىسى قىپ باقتى بەقەت چىقمىدى - دەپتۇ
دوختۇر: بۇ قانداق گەپ ،مۇشۇ ئىشقا قىزىڭىز ۋە ئۆيڭىزدىكەلرنى ئىشقا سالدىڭىزما ،سىز قانداق ئادەم ؟
بىمار : قانداق قىلىمەن ،چىقمايۋاتسا ؟
دوختۇر: نىمە چىقمىدى؟
بىمار: قۇتىنىڭ ئاغزى
بىر كۈنى ، بىر مائارىپشۇناس باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ
بىلىم،تەپەككۇر ئىقتىدارىنى سىناپ بىقىش مەقسىتىدە مەلۇم بىر باشلانغۇچ
مەكتەپكە كىلىپ،بىر ئوقۇغۇچىدىن سوراپتۇ:
-- بالام، ئەگەر دەرەختە 10قۇشقاچ بولسا، مەن بىر تاپانچا بىلەن بىرنى ئىتىۋەتسەم،يەنەقانچىسى قالىدۇ؟
--ئاۋازسىز تاپانچىما؟
--ياق
--تاپانچىنىڭ شاۋقۇنلۇق دەرىجىسى قانچە؟100دېستىبىلدىن ئاشامدۇ؟
--ئاشىدۇ، سەن زادى قانچىسى قالىدۇ، شۇنۇڭغىلا جاۋاپ بېرە!
--جەمىئي 10 قۇشقاچ ئىكەنلىكى جەزىم قىلالامسىز؟ ئەتراپتا باشقا قۇشقاچلار يوق؟
--جەزىم قىلىمەن
--بارلىق قۇشقاچلار ئەركىن ھەركەت قىلالامدۇ؟
--ھەئە، ......ئۆتۇنۇپ قالاي،زادى قانچىسى قالىدۇ؟
--قۇشقاچلار ئارىسىدا مىيىپلىرى بارمۇ؟ مەسلەن پاڭ، ئۇچالمايدىغانلار...
--يوق!(مائارىپشۇناسنىڭ سەۋرى چىكىگە يىتىپتۇ)
--دىگەنلىرىڭىزنىڭ
ھەممىسى راست بولغان ئەھۋالدا،ئەگەر سىز ئىتىۋەتكەن قۇشقاچ دەرەختە
ئىسىلىپ قالسا بىر قۇشقاچ قالىدۇ. ئەگەر يەرگە چۈشۈپ كەتسە دەرەختە بىرمۇ
قۇشقاچ قالمايدۇ، دەپ جاۋاپ بىرىشىگىلا،مائارىپشۇناس شۇيەردىلا ھوشىدىن
كىتىپتۇ.
بوۋاينىڭ ئاچچىقلىنىشى
ئۆي
قۇشلىرى دۇكىنى تېخى ئېچىلمىغان بولۇپ، ئىشىك ئالدىدا بىر مۇنچە كىشى
قاتار تىزىلىپ تۇرغانىكەن. بىر ئازدىن كېيىن، بىر بوۋاي قىستىلىپ يۈرۈپ
سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپتۇ. كىشىلەر ئۇنى ئىتتىرىپ سەپنىڭ ئاخىرىغا ئاپىرىپ
قويۇپتۇ. بوۋاي نىيىتىدىن يانماي، مىڭ تەسلىكتە يەنە يەنە سەپنىڭ ئالدىغا
ئۆتۈپتۇ. بۇ قىتىم بىر ئادەم بوۋايغا قوپال گەپ قىپتۇ - دە، بوۋاينى سۆرەپ
يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاي ئاچچىقلاپ، ئۈنلۈك
ئاۋازدا: < يەنە شۇنداق بولىدىكەن، دۇكاننى ئاچمايمەن! > دەپ
ۋارقىراپتۇ.
بىر دوختۇر دوختۇرخانا قوروسىدىكى دەرەخلىكتە بىر جۈپ قىز يىگىتنىڭ
سۆيىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،ئىتىلىپ بارغىنىچە يىگىتكە كايىپ كىتىپتۇ،
--سۈنئى نەپەسلەندۈرگەندە ئادەمنى يەردە تۈز ياتقۇزۇش كىرەك،بولدى سەن نىرى تۇر،ئۆزەم نەپەسلەندۈرەي
ئون ئۈچ ....ئون ئۈچ
بىر كۈنى تىببى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر قىز ساراڭلار دوختورخانىسىغا ئىشقا چۈشۈپتۇ .
ئۇ دوختۇرخانىنىڭ ھويلىسىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ بىر توپ ساراڭنىڭ قۇدۇقنىڭ ئەتراپىغا توپلىشپ
13 .... 13 .... 13 ..دىيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ بىرىپ كۆرۈپ باققۇسى كەپتۇ يۇ !!
لىكىن بىرىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ...
ئاردىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ سىستىرا قىز ھويلىدا ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ يەنە شۇ ساراڭلارنىڭ
13....13 ... دىيىشىۋاتقىننى ئاڭلاپ زادى بىر كۆرۈپ باققۇسى كىلىپ قۇدۇق بىشىغا كەپتۇ.
ھىلقى ساراڭلار سىستىرا قىزنى كۆرۈپ ئۇنى ھەش پەش دىگۈچە قۇدۇققا تاشلىۋىتىپتۇ -ۋە
14 ...14 ...14 دىيىشكە باشلاپتۇ ..
بىر مەھەللىدە بىر ئەسكى بار ئىكەن.كۈن بۇيى ھاراق ئىچىپ ،نەشە چىكىپ جىدەل
تېرىپلا يۇرىدىكەن. شۇ مەلىنىڭ مەسچىت مەزىنىنىڭ بۇنىڭغا قاراپ ئىچى پۇشۇپ
كىتىپتۇ دە ،ئالدىغا چاقىرىپ مۇنداق دەپتۇ:
- سەن ھاراق ئىچمەي
،تاماكا چەكمەي بىر ئاي مەسچىتكە كىرىپ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇغىن ،بىر
ئايدىن كىيىن مەن جامائەتكە دەپ ساڭا ئازراق بىر نەرسە يىغىپ بىرەي
دىگەندىكىن ،ھېلىقى ئەسكى ماقۇل بولۇپ ناماز ئوقۇپتۇ،بىر ئاي ئوتۇپتۇ،
ئىككى ئاي ئوتۇپتۇ،ئۈچ ئايمۇ ئوتۇپتۇ ھېلىقى ئەسكىنىڭ ئىچى پۇشۇپ كىتىپ
-مەزىنكا ئەمىسە جامائەتكە دەپ ئاز تولا بىر نەرسە يىغىپ بەمەمسىز؟ دەپتىكەن، مەزىن تۇرۇپ كىتىپ :
- ھەي سەن نامازنى ئۇقۇساڭ ئۇزۇڭگە ئوقۇيسەن ،ساۋاپنى ئالساڭ ئۇزۇڭ
ئالىسەن ،يەنە نىمىگە نارازى بولىسەن دىگەندىكىن، ھېلىقى ئەسكى تۇرۇپ
كىتىپ :
- سەن مەزىننىڭ ئوساللىقىنى بىلگەچكە تەرەتمۇ ئالماي ناماز ئوقۇغانتىم مەن دەپ قايلىماي مەسچىتتىن چىقىپ كىتىپتۇ.
بىر كۇنى كەنىت كادىرى كەنىتتىكى ئەرلەرنى يىغىپ يىغىن ئېچىپتۇ .يېغىندا كادىر سۇزۇپ سوزلەپ مۇنداق دەپتۇ:
يولداشلار بۇگۇنكى يىغىننىڭ مەخسىتى خوتۇنىدىن قورۇقمايدىغانلارنى تېپىپ
تەختىرلەش،ھازىر مەن بۇيرۇق بىرىمەن ،خوتۇنىدىن قورقىدىغانلار ما ۋۇ
تىرەكنىڭ تۈۈۋىدە ،قورۇقمايدىغانلار ئاۋۇ تىرەكنىڭ تۈۋىدە تۇرۇڭلار! ھە
قېنى ئوغانباللا بىر مېڭىڭلار قېنى مەن بىي كۇرەي دەپتىكەن. كەنىتتى
ھەممىسى خوتىنىدىن قورقىدىغان تىرەكنىڭ تۈىدە تۇرىۋاپتۇ، پەقەت يىساملا
خوتىنىدىن قورۇقمايدىغان تىرەكنىڭ تۈۋىدە شۇمشىيىپ تۇرغىدەك. بۇنى كورگەن
باشلىق خۇشاللىقتىن ھىسامنىڭ مۇرىسىگە شاپىلاقلاپ تۇرۇپ :
- ھە ھىسام شۇكرى جىما ھەنىم بولسا خوتۇنۇڭلىدىن قۇرۇقمادىكەنسىلەر ! دىيشىگە ، ھىسام كىكەچكەپ تۇرۇپ :
- ياق ياق ئايالىم مىنى ئادەم جىق يەرگە بارما دىگەن دەپتۇ.
پىل دەريادا ھوزۇرلىنىپ يۇيۇنۇپ تۇرسا ،چۇمۇلە ۋارقىراپتۇ.
- ھەي پىل بۇياققا چىق ساڭا گېپىم بار. پىل مىڭ تەسلىكتە دەريادىن چىقىپ سوراپتۇ:
- ھە نىمە گەپ ؟ سوراپتۇ پىل ھاسىراپ تۇرۇپ ، چۈمۈلە:
- ئەمدى گەپ يوق دەرياغا قايتىپ يۇينىۋەر ، بۇنىڭدىن ئاچچقى كەلگەن پىل :
- نىمانداق ئادەمنى ئەخمەق قىلىدىغان نىمە سەن دەپ ھۇكىرەپتۇ! چۇمۇلە پىلغا قاراپ :
- ئاچچىقلانما سۇ ئۇزۇش كىيىمىم تۇنۇگۇن مۇشۇ يەردە يوقاپ كەتكەن سىنى كىيىۋالدىمىكىن دەپتىمەن
قىز ئېلىپ قېچىش
ئىككى ئائىلىدىكىلەر قۇدىلاشماقچى بوپتۇ .قىز تەرەپ ،ئوغۇل تەرەپ
نامرات ئىكەن .ئوغۇل تەرەپ قىزتەرەپنىڭ يېنىۋېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدىكەن
.شۇڭلاشقا ئوغۇل بىر كۈنى پۇرسەت تېپىپ قىزنى ئېلىپ قاچماقچى بوپتۇ ۋە
ئالدىراشچىلىقتا ئوقۇشماستىن قىزنىڭ سىڭلىسىنى ئېلىپ قېچىپتۇ .قىز
تەرەپتىكىلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنى قوغلاپ چىقىپتۇ ۋە :
- خاتا ئېلىپ قاچتىڭ ،خاتا ئېلىپ قاچتىڭ ، - دەپ ۋارقىراپتۇ .
- قۇلاق سالماڭ ،خاتا ئەمەس ، تېز يۈگىرەڭ، -دەپتۇ قىز يىگىتنى تارتىپ يۈگۈرگەچ .
بىر قازاق بىلەن ئۇيغۇر
خوشنا ئولتۇرىدىكەن، بىر كۈنى قازاقنىڭ بىر پاقلىنى يۈتۈپ كىتىپتۇ. ئۇ
پاقلان بىچارە قازاقنىڭ نەسىللىك پاقلىنى ئىكەنتۇق، ئۇيغۇر
خوشنىدارچىلىقنى يەتكۈزۈپ بىر ھال سوراپ قوياي دەپ بازاردىن بىر كىلو گۆش
ئەكىلىپ ئايالىغا مانتا ئەتكۈزۈپتۇ ۋە قازاق خوشنىسىنى ئۆيگەتاماققا
چاقىرىپتۇ . ھىلىقى قازاق مانتا تارتىلغاندىن كىين مانتىدىن بىرنى
ئېلىپ بىر چىشلەپ قاراپ تۇرۇپ كېتىپ پاڭڭىدە يىغلىۋىتپتۇ دە يۈگۈرۈپ
ئۇيغۇرنىڭ ئۆيگە چىقىپ ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسلىپ - سەن ئوغرى، مىنىڭ
پاقلىنىمنى ئوغۇرلاپسەن، تۆلەپ بەر . ھۇ ئوغرى ..
- ھەي مەن سېنى بىر چىرايلىق مانتا بىلەن مىھمان قىلسام نىمىشقا مىنى ئوغرى دەيسەن دەپتۇ ئۇيغۇر جىلە بوپ .
ھىلىقى قازاق قولىنى بوشاتماي تۇرۇپ :
- ئوغرى بولمىساڭ نىمىشقا گۆشنى خىمىرنىڭ ئىچىگە تىقىپ يەيسەن؟
ئىشەنچىسىز موماي
تۇخۇم كۆتۈرۈپ ماڭغان بىر موماي بىر بالا بىلەن سوقۇلۇپ كىتىپ، تۇخۇملىرى تامامەن
چېقىلىپ كىتىپتۇ. موماي بىلەن بالا ھەر ئىككىسى ئۆزىنىڭكىنى راسىت دەپ
تالىشىپ تۇرغاندا، بىر قاتناش ساقچىسى كىلىپ قاپتۇ. قاتناش ساقچىسى
ئەھۋالنى ئېنىقلىغاندىن كىيىن، بالىنى تەنقىتلەپ، تۇخۇملارنى تۆلەشكە
بويرۇپتۇ. موماي بالىغا ئالىيىپ تۇرۇپ: قايىل بولمايۋاتامسەن، يول ئىتىمۇ
سىنى تۆلىسۇن دىدى، دەرھال پۇلنى چىقار!
كەسىپ تاللاش
دادىسى ئوغلىنىڭ كەلگۈسىدە نىمە كەسىپ تاللىماقچى بۇلغانلىقىنى بىلگۈسى كىلىپ سورىدى:
_سەن چوڭ بولغاندا نىمە قىلاي دەيسەن؟
_ماشىنا بىلەن ئۇياقتىن بۇياققا ئاۇلىنىپ يۈرسەم ،يانچۇقۇمغا ئۈزۈلمەي پۇل كىرىپ تۇرسادەيمەن.
_ھەر ھالدا بىر كەسىپنى تاللاپسەن،_دىدى دادىسى _كەلگۈسىدە كوچا ئابتۇبوسىدا بىلەت ساتقۇچى بۇلاي دەپسەندە....
评论