
-
ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىن مىلىيادىرلارغىچە - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
2010-10-01
ئالىي مەكتەپ ھاياتى- كۆپىنچىمىز ئۈچۈن كۆپلەپ دوست تۇتىدىغان، ئاتا-ئانىمىزدىن ئايرىلىپ ئەركىن ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىيدىغان ياكى مۇھەببەتلىشپ ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرىدىغان، ۋە ياكى 4-5 يىل كىتابتىن باشنى كۆتۈرمەي ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاپ، كۈتكەن يەرلىرىدىن چىقىپ، نومۇرنى ياخشى ئېلىپ مەكتەپ تارقاتقان تومۈر تامغا بېسىلغان ئۇنۋان كىنىشكىسى ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغان ئالامەت بىر ئۇنتۇلغۇسىز ھاياتتەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن كۆزىمىنى تور دۇنياسىغا تىكىپ، كىچە كىچىلەپ ئۆگىنىپ كېلىۋاتقان چەتئەل تىللارنى ئىشلىتىپ چەتئەل تور بىكەتلىرىدىن ئىزدەيدىغان بولساق، يەنە بەز ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغان ئوقۇغۇچىلار مىللىيونىير بولۇش ئارزۇيىنى ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بىز ئويلايدىغان ئۆمۈرلۈك ئارزۇلىرىمىزنى نەچچە قاتلاشقا جۈرئەت قىلماقتا.