-
2كاناداغا كۆچمەنلىككە ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇللىرى - [چەتئەل تەسىراتلىرى]2010-03-23
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/60985817.html
كىتەرلىك ماتىرىياللار تۆۋەندىكىچە
بۇنىڭ ئىچىدە 1. جەدىۋەل فىرانسوز تىلىدا توشقۇزىلىدۇ ، قالغانلىرىنى ئىنگىلىز تىلىدا تولدۇرۇشقا ياكى تەييارلاشقا بولىدۇ:
1. CSQ تەلەپ قىلىش جەدىۋىلىDemande de certificat de sélection (ئەڭ ياخشىسى فىرانسوزچە توشقۇزىلىدۇ) چۈشۈرۈش ئادرىسى تۆۋەندىكىچە ، ئالدى بىلەن چۈشۈرۈپ ،بىۋاستە توشقۇزسا بولىدۇ، ئاساسى كاندىدات ۋە 18 ياشتىن يۇقۇرى ئائىلە ئەزالىرى بىر نۇسخىدىن توشقۇزىدۇ. http://www.immigration-quebec.go ... t-selection-dyn.pdf
2. كىبەككە كەلگەندىن كىيىن 3ئايغىچە ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش توختامنامىسىContract respecting financial self-sufficiency، ئاساسى كاندىداتلا تولدۇرىدۇ. چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.immigration-quebec.go ... ns/en/dcs/D21-A.pdf
3. ئىلتىماس قىلىش ھەققى:
ئاساسى كاندىدات 390 دوللار
يولدىشى ياكى ئايالى 150 دوللار
ھەر بىر بالا 150 دوللار
دىمەك ئەگەر بىر جۈپ ئەر خوتۇن 2 پەرزەنت بىلەن جەمى 390+150+150+150=840 دوللار بولىدۇ. تەييەرلاش ئۇسۇلى : بۇنى پەقەت ئۈرۈمچى دۇڭ فېڭ يولىدىكى جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۇبە باكىسىنىڭ 2- قەۋىتىگە چىقىپ شۇ يەردە بىجىرىشكە بولىدۇ، بىجىرگەندە كىملىكنى ئېلىپ بېرىش كېرەك ، ئەگەر ھەممىسىنى بىر چەك قىلىپ قويۇلسا ئۇنىڭغا ئادەم سانى ۋە سوممىسىنى كىچىك بىر جەدىۋەل تۈزۈپ قوشۇپ قويۇشقا بولىدۇ ، ئايرىم-ئايرىم بىجىرسىمۇ بولىدۇ . چەك تاپشۇرىۋالغۇچى دىگەن يەرگە le ministre des finances du Québec (كىبەك مالىيە مىنىستىرى )دەپ يېزىلىشى كېرەك .
4. يولدىشى ياكى ئايالى قەسەمنامىسى Declaration by spouse or de facto spouse،چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.immigration-quebec.go ... laration-spouse.pdf
بۇ جەدىۋەل ئەر-خوتۇن بىرلىكتە تولدۇرىدۇ.
5. كانادا ھۆكۈمىتىدىن ئوتۇراقلىشىشنى تەلەپ قىلىش جەدىۋىلى Application for a permanent residence in Canada چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.cic.gc.ca/english/pdf/kits/forms/imm0008egen.pdf
ئاساسى كاندىدات تولدۇرىدۇ.
6. قىسقىچە ئارقا كۆرىنىشش Background/Declaration چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.cic.gc.ca/english/pdf/kits/forms/imm0008_1e.pdf
7. ئاساسى كاندىدات ۋە قوشۇنچە كاندىدات تولدۇرىدۇ
8. ئاساسى ئىقتىسادى ۋە خىزمەت ئەھۋالى Economic Classes چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.cic.gc.ca/english/pdf/kits/forms/imm0008_3e.pdf
ئاساسى كاندىدات ۋە قوشۇنچە كاندىدات تولدۇرىدۇ.
9. قوشۇمچە ئائىلە ئەھۋالى Additional Family Information چۈشۈرۈش ئادرىسى http://www.cic.gc.ca/english/pdf/kits/forms/IMM5406E.PDF
ئاساسى كاندىدات ۋە قوشۇنچە كاندىدات تولدۇرىدۇ.
10. بەزى كىبەكتە باشقۇرىلىدىغان كەسىپلەردىكى خادىملار توشقۇزۇشقا تىگىشلىك
قوشۇمچە جەدىۋەللەر ئىنجىنىر ۋە باشقا يۇقۇرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر چۈشۈرۈش ئادرىسى http://www.immigration-quebec.go ... s/en/dcs/D02-A.pdf. باشقۇرىلىدىغان كەسىپلەر تىزىملىكى لازىملار تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرىۋالسا بولىدۇ: http://www.immigration-quebec.go ... essional-order.html
ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن : http://www.immigration-quebec.go ... ns/en/dcs/D19-A.pdf
دوختۇرلارغا نىسبەتەن : http://www.immigration-quebec.go ... ns/en/dcs/D04-A.pdfيۇقارقى جەدىۋەللەرنى ئۆز كەسپىڭىزگە ئاساسەن تاللاپ تولدۇرىسىز.
11. كېبەكتە توققانلىرى بارلارغا نىسبەتەن: http://www.immigration-quebec.go ... ns/en/dcs/D13-A.pdf
بۇ جەدىۋەلنى كىبەكتە بىۋاستە توققانلىرى بارلارغا قارىتا تۈزۈلگەن بولۇپ ، ئەگەر توققانلىرى بولسا نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ.
12. باشقا دۆلەتتە تۇرىۋاتقان بولسىڭىز ، شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ھوقۇق ئىسپاتىنىڭ فوتۇ كوپىسى تاپشۇلىرىدۇ. ئىناۋەتلىك ۋاقتى چوقۇم ئىنىق بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
13. ئىناۋەتلىك دىپلوم ياكى ئۈنۋان كىنىشكىلىرىنىڭ نوتەرى نوسخىسى ، ئوتتۇرا مەكتەپ ، كەسپى تېخنىكوم ، ئالى تېخنىكوم ۋە ئالى مەكتەپ دىپلوملىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسى كاندىدات ۋە قوشۇمچە كاندىدات تەييارلايدۇ.
14. ئالى مەكتەپ ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ نوتەرى نۇسخىسى ، ئەگەر مەكتەپتىن بىۋاستە ئىنگىلىز تىلىدا چىقىرىپ بېرىلسە ، نوتەرى قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئارخىپتىن چىقىرىپ فوتۇ كوپى قىلىنغان بولسا چوقۇم نوتەرى قىلىش كېرەك .
15. خىزمەت ئىسپاتى ۋە خىزمەت ئەھۋالى نۇتۇشتۇرۇلمىسى (خەنزۇچە تۈي جىيەن شىن دىيىلىدۇ) : بۇ ئالدىنقى 5 يىل ئىچىدە ئىشلىگەن شىركەت ياكى ئورگانلاردىن چىقىرىپ بېرىلىدۇ . بۇنى ئۆزىڭىز تەييەرلاپ شىركەت ياكى ئىدارە ئورگانلاردىن تامغا باستۇرسىڭىز بولىدۇ. قەغەزنىڭ ئۈستىگە شىركەت نامى يېزىلىدۇ .
16. تىل ئىسپاتنامىسى : ئەگەر Test d’évaluation du français adapté pour le Québec ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ كىنىشكە ئالغان بولسىڭىز تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر نومۇر يۇقۇرى بولسا ، ئىنتېرۋىۋغا چاقىرىتماي بىۋاستە CSQ بېرىشى مۇمكىن.
ئىناۋەتلىك ئىنگىلىز تىلى كىنىشكىلىرىڭىز بولسا فوتو كوپى نۇسخىسىنى تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.
17. سالاھىيەت كىنىشكىسى ۋە نوپۇس دەپتەر نىڭ نوتەرى نۇسخىسىنى تەييالاش كېرەك ؛
18. تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى نوتەرى قىلىپ بىر نۇسخىسىنى تاپشۇرىسىز. تەييارلاش ئۇسۇلى: ئىلگىرى تۇغۇلغان ، تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى يۇقلار :كىملىك ۋە نوپۇس دەپتەرنى ئېلىپ نۇپۇس دەپتەر قاراشلىق ئائىلە كومىتىت ئىشخانىسىغا(جىيې داۋ بەنشىچۇ) بېرىپ شۇ يەردە بىرجىرىلىدۇ . مەزمۇمى شۇ كىشىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ، تۇغۇلغان يىل ئاي كۈنى ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمى ، تۇغۇلغان جايى يېزىلىدۇ ، كومىتىت ئىشخانا تامغۇسى بېسىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى نوتەرى قىلىشقا بولىدۇ.
تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى بارلار بىۋاستە نوتەرى قىلسا بولىدۇ.
19. بالىلارنىڭ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى نوتەرى قىلىپ بىر نۇسخىسىنى تاپشۇرىسىز ؛
20. توي خىتى كىنىشكىسىنى نوتەرى قىلىپ بىر نۇسخىسىنى تاپشۇرىسىز(بىرسىنى نوتەرى قىلسىلا بولىدۇ)؛
21. قىسقىچە تارىخى cv بۇ ئىنگىلىز تىلى ياكى فىرانسۇز تىلىدا تەييارلىنىدۇ.
22. رەسىم ، يېقىندا چۈشكەن 2 سۇڭلۇق رەسىمدىن 6 پارچىدىن ، رەسىملەرنىڭ ئاقا تۆۋەن تەرىپىگە شۇ كىشىنىڭ ئىسىم فامىلىسى يېزىپ قويۇلىدۇ. رەسىم جوڭگو پاسپورتىدىكى رەسىمگە ئوخشىمايدۇ ،تەلىپى باشقىچە بولۇپ لازىملارغا ئەۋەتىپ بەرسەم بولىدۇ.
23. تىزىس ؛ غەرىپلىكلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ماتىرىيالللارنى يۇقارقى تەرتىپ بويىچە تىزىملىك قىلىپ ئىلتىماسنىڭ ئەڭ ئۈستىگە قوشۇپ قۇيىلىدۇ، ئىنگىلىز تىلى ياكى فرانسوز تىلىدا تەييارلانسا بولىدۇ.
يۇقۇرقى جەدىۋەللەرنىڭ تولدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئاۋاز ھۆججىتى شەكىلدە تەييارلىغان ، لازىملار تەلەپ قىلسا ئىلخەت ئارقىلىق ياكى QQ ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىمەن . ئىلخەت ئادرىسىم klmxx@hotmail.com
ئىلتىماسقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى تۆۋەندىكى ئادرىسقا ئەۋەتىسىز:
Bureau d'immigration du Québec à Hong Kong
c/o Consulate General of Canada
10th Floor, Tower 1, Exchange Square
8 Connaught Place, Central
Hong Kong
Telephone : (852) 2810.7183كىبەك كۆچمىنى ئىلتىماسىدىن بۇرۇن چوقۇم فرانسوز تىلى ئۈگۈنىشىنى باشلاش كېرەك ،ئىلتىماسنى ئەڭ ياخشىسى فىرانسوز تىلى ئۈگۈنۈپ 50 -100 سائەت دەرس تۈگىگەندە ئاندىن يوللىسا مۇۋاپىق بولىدۇ،يوللاپ بولغاندىن كىيىن يەنە داۋاملىق ئۈگۈنۈش كېرەك ، تۆۋەندە قىسقىچە فىرانسوز ئىنتېرۋېۋ ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن ھەم بىر تەقلىدى ئىنتېرۋېۋ سۇئاللىرىنى تەمىنلەيمەن ئادەتتە شۇنچىلىك سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگىدەك بولسا بولىدۇ.
فىرانسۇزچە كۆچمەنلىك ئىنتېرۋېۋ سۇئاللىرى
داۋامى بار.....
收藏到:Del.icio.us