-
4)ئىنگلىز تىلىنى مۇنداقمۇ ئۆگەنگىلى بولىدۇ! (كانادا تەسىراتلىرى) - [چەتئەل تەسىراتلىرى]2010-05-03
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62940731.html
دەسلەپتە ئېيتقاندەك، ئېلان بەرگىلى بولىدىغان تور بەتكە كىرىپ، ئۆزەمنىڭ پات يېقىندا تورونتوغا كۆچىدىغانلىقىم، شۇڭا نەرسە-كېرەكلىرىمنى توشۇپ بېرىشكە ياردەمچى ۋە ماشىنا ئىزدەۋاتقانلىقىمنى يېزىپ ئېلان چىقىرىپ قويدۇم. يولدىشىم مېڭىشتىن ئىلگىرى تورونتودىكى تونۇشلىرى ئارقىلىق تورونتونىڭ شەرقىي تەرىپىدىن بىر ئۆي تېپىپ قويغان ئىدى. نەچچە كۈن ئىچىدە بىر نەچچە كىشى تېلىفون قىلىپ ئۆزىنىڭ ماشىنىسى بارلىقىنى، مېنى ئاپىرىپ قويالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاخىرىدا مايك (Mike) ئىسىملىك بىرىگە 120 دوللار بېرىدىغان، ئۇ بۇ ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىپ يېڭى ئۆيگە نەرسە-كېرەكلىرىمنى ئەكىرىۋالغۇچە ماڭا ياردەملىشىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. بۇ كىشىنىڭ ماشىنىسىنى كىرالىشىمدىكى يەنە بىر سەۋەب، ماشىنىدا بۇ كىشى بىلەن يالغۇز ئولتۇرمايدىكەنمەن، ئۇنىڭ لورېن (Lauren) ئىسىملىك ئايالىمۇ بىز بىلەن بىرگە تورونتوغا بارىدىكەن.
دېيىشكەن كۈنى، دېيىشكەن ۋاقىتتا ئۇلار ئىشىكىمنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە نەرسىلىرىمنى ئۇلارنىڭ mini truck ىغا سېلىپ، مېنى بىللە ئېلىپ ماڭدى. مايك بىلەن لورېن ئىككىلىسى گېرمان نەسلىدىن بولۇپ، بىر قەدەر تەقۋادار خىرىستىئانلاردىن ئىكەن. پەس ئاۋازدا سۆزلەيدىغان، ئەدەبلىك بۇ ئەر-ئايالنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولدى. يولدا ماڭغاچ ئۇلار بىلەن ئىسلام ۋە خىرىستىئان دىنلىرى توغرىسىدىمۇ بىر ئاز پاراڭلاشقان بولدۇق. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ Lutheran ئىكەنلىكىنى، كانادادا كۆپ قىسىم جايلاردا Lutheran Church بارلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ۋە مەندىن ئىسلام دىنى توغرىسىدا كاللىسىدىن ئۆتمىگەن بەزى مەسىلىلەرنى سورىدى. مەنمۇ بىلگىنىمچە جاۋاب بەردىم. ئىشقىلىپ چىرايىدىن قايىل بولغاندەك ئىپادىنى كۆردۈم. بۇ مېنىڭ كاناداغا كەلگىنىمدىن بۇيان ئاق تەنلىكلەر بىلەن تۇنجى قېتىم، ئەڭ ئۇزۇن پاراڭلاشقان ۋاقتىم بوپتۇ. (ھازىرقى خوشنام سۇزىننى قوشمىغاندا بۇ ھەم ئاخىرقىسى).
ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن يېڭى ئۆيگىمۇ ئانچە قىينالمايلا كۆچۈپ كىرىۋالدىم. بىر ئىشقا ھەيران قالىمەن. يولدىشىم مېڭىشتىن تېخى بىرەر ھەپتىلەر بۇرۇنمۇ سېزىكنىڭ دەستىدىن ھېچنېمە يېيەلمەي قىينىلىپ يۈرەتتىم. يولدىشىم كەتكەن كۈنىدىن باشلاپ سېزىك دېگەن نەرسە پۈتۈنلەي يوقاپ، ئۆزۈمنى يىپ-يىنىك سەزدىم. ئەلۋەتتە بۇمۇ ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بولدى.
ئۆيۈمنى چىرايلىق قىلىپ ياساش بىلەن ئۆزەمنى خوشال قىلاتتىم. ئارىلىقتا ئۆيۈمدىكىلەر پەردە، كىرلىك، داستىخانلار، ھەتتا ياپقۇچلاردىن تارتىپ ئەۋەتىپتۇ. ئۆيۈمدە جاھازىلار ئاز بولغاچقا ئىچى كەڭرى ۋە پاكىز كۆرۈنەتتى. ئالدىنقى مەزگىللەردە سېزىك سەۋەبىدىن تاماق ئېتىشنى ئانچە خالىماس بولۇپ قالغانىدىم، ئەمدى ئۆزەمچىلا تاماق ئېتىشكە ئىشتىياقىم قوزغىلىپ قالدى. بەزىدە كىتابلاردىن، بەزىدە بۇ يەردىكى يېڭى تونۇشقان ئاياللاردىن، بەزىدە توردىن دېگەندەك recipe لارنى تېپىپ ھەرخىل تائاملارنى تەييارلاپ باقاتتىم. بەزىدە تۈركلەرنىڭ، بەزىدە ئىنگلىزلارنىڭ، بەزىدە پاكىستانلىق، يەنە بەزىدە كورىيانلارنىڭ تاماقلىرىنى سىناپ باقتىم، ئەلۋەتتە ھېچقايسىسى ئۆزىمىزنىڭكىدەك ئېسىل بولمىدى. ھە راست، لەڭپۇڭ بىلەن راڭپىزىغا شۇنداق ئۇستا بولۇپ كەتتىمكى، بەزىلەر ئاتايىن ئۆيۈمگە لەڭپۇڭ يېگىلى كېلىدىغان بولۇپ كەتتى. راست گەپ جۇمۇ، چاقچاق ئەمەس. بەلكىم ئۈرۈمچىدە جەۋھەر ياكى ئاۋرال تېز تاماقخانىسىدا لەڭپۇڭ يەپ باققانلار بولسا مېنىڭ لەڭپۇڭۇمنىڭ تەمىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. ھەرخىل قورۇمىلارنىمۇ ياخشى قورۇيمەن ھازىر. ئادەتتە ئۆيدە جىق قىلىنمايدىغان، ئاشخانىلاردىنلا يېگىلى بولىدىغان قورۇمىلاردىن بىر قانچىسىنىڭ recipe سىنى ئايرىم بىر تېما
قىلىپ يوللايمەن، ئىنشائاللاھ.
چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن بەزى تاماقلارنى سېغىنسىڭىز يۈگۈرۈپ چىقىپ يەيدىغان ئاشخانا بولمىغاندىكىن ئامال يوق ھەممە نەرسىنى قىلىشنى ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدىكەن. ئۆزەمنىڭ بۇرۇنقى پىلتىنى ئوڭلاپ قىلالمايدىغان ئەھۋالدىن بىرەر يىل ئىچىدە لەغمەن چۆپىنى چاچتەك قىلىپ سوزۇۋېتىدىغان بولۇپ كەتكىنىمگە قاراپ ئەسلى تاماق ئېتىشنى بىلمەيدىغان ئايال يوقكەن، پەقەت ئېتىشنى ئۆگىنىشنى خالىمايدىغان ئايال باركەن، دەپ ئويلىدىم.
ھېيتلاردا داستىخانلارغا پاتماي قالغان ساڭزا، باقالى، قات-قاتلار، ھەرخىل پىرەنىك، بولكىلار، بەلىچلەر، ناپالىئون ۋە ھەرخىل ۋارىنىلەرگە قاراپ ئۈرۈمچىنىڭ كىندىكىلەرمۇ داستىخاننى بۇنچىلىك راسلىماس، دەپ قالىمەن. بۇلارنىڭ ھېچبىرى بازاردىن سېتىۋېلىنمىغان، تۇرمۇش ئاياللارغا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەتكەن...
ئىلگىرى بىر مۇسۇلمان دۆلىتىگە بارغاندا چەت ئەللىكلەرنىڭ ھەرخىل تاماقلىرىنىڭ ھالاللىرىنى تېتىپ باققانتىم. ئۆزەم ياقتۇرىدىغان بىر نەچچە خىلنى سىلەرگە تونۇشتۇراي.
1. Japanese cuisine:
ياپونلۇقلارنىڭ تاماقلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەڭ داڭلىقى Sushi، بۇنىڭدىن ھەممەيلەننىڭ خەۋىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە سۇشى دېگەنمۇ بىر ئالاھىدە تاماقمۇ ئەمەس، بىزنىڭ ھېسىپنىڭ سەل ئاددىيراقى ئىكەن. گۈرۈچنى ئاۋۋال پىشۇرۇۋېلىپ، ئاندىن قۇرۇتقان دېڭىز يۈسۈنىگە ئوراپ يەنە ئازراق ئىش قوشىدىكەن، ئاخىرىدا جاڭيۇ ۋە ئاچچىق مۇستارد(芥末) بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەيدىكەن. ئۇندىن باشقا خام سالمون بېلىقى ۋە چىلىغان كۆكلەرنى مۇستاردقا مىلەپ يەيدىكەن. بۇ تاماقنىڭ نېمىسى شۇنچىۋالا داڭلىقلىقىنى بىلەلمىدىم.
2. Italian Cuisine
ئاق تەنلىكلەرنىڭ تاماقلىرى ئىچىدە ئىتالىيىلىكلەر تاماققا ئەڭ ئۇستا خەق بولسا كېرەك. بەزىلەر بىز ئۇيغۇرلارنى ئىتالىيىلىكلەرگە ئوخشىتىدۇ، قورسىقىغا ئامراق، قازان بېشىدا ئىككى سائەت ئىشلەپ بىر تاماق ئېتىپ، ئىككى سائەت ئولتۇرۇپ ھۇزۇرلىنىپ يەيدۇ، دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ياق، بىز فرانسىيىلىكلەرگە ئوخشايمىز، چاقچاقچى، كەڭ قورساق، ئۆيىمىز رىشىلىيەلەر بىلەن بېزەشلىرىمىزدىن تارتىپ فرانسۇزلارغا ئوخشايدۇ، دېيىشىدۇ. بەلكىم ئىككىلىسىنىڭ ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى بىزدە بولسا كېرەك. (ھى ھى، ماختىۋالاي)، بەزىلەر ئاق تەنلىكلەرنىڭ تاماق يېگەندە پۇلنى AA قىلىپ تۆلىشىنى، كۆكتاتلارنى توغراپ توغراپلا دوخوپكىغا سېلىپ شۇنى بىر ۋاق تاماق دەپ يېيىشىنى ماختىشىپ شۆلگەيلىرىنى ئاختۇرۇپ كېتىدىكەن. بۇنىڭ ھەۋەس قىلغۇدەك نېمىسى بارلىقىنى ھېچ كاللامدىن ئۆتكۈزەلمەيمەن.
ئىتالىيىلىكلەرنىڭ ئەڭ داڭلىق يېمەكلىكى pizza, pasta ۋە espresso.
پىززا ئېنىقكى، كۆپىنچىمىز قىزىقىدىغان ۋە يېيىشنى خالايدىغان يېمەكلىك. دوخۇپكىغا كىرىپلا ئېرىپ كەتكەن ئاپئاق Cheese لار، ئۈستىدە كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرغان ھەرخىل مېۋە، قېزىلار، ئاي توقاچتەك قىزىرىپ تۇرغان يۈزلەر پىززىغا بولغان ئىشتىياقىمىزنى قوزغاپ ئاغزىمىزغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدۇ. تاماق توشۇغۇچىلارنىڭ pizza nova! دەپ توۋلاپ قويۇپ بىر دانە medium pizza, كولادا پىشۇرغان chicken wing, ۋە دوخوپكىدا ھەسەل سۈرۈپ پىشۇرغان drum stick لارنى ھەرخىل pop لار بىلەن قوشۇپ يوغان پەتنۇستا كۆتۈرۈپ ئەكىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز مېنىڭ تامىقىم قاچان كېلەر، دەپ ئىختىيارسىز لەۋلىرىڭىزنى يالايسىز. لېكىن ئىتالىيانچە تاماقلار ئىچىدە ئەڭ نوچىسى تېخى بۇ ئەمەس.
ئىتالىيەچە تاماقلارنىڭ ئەڭ نوچىسىنى مەنمۇ يەپ باقمىدىم ھەم كىنولاردىن باشقا يەردە كۆرۈپمۇ باقمىدىم. لېكىن مەن يەپ باققان تاماقلار ئىچىدە پاستاسى ھەممىدىن بەك تېتىيدۇ. كېيىنكى يازمامدا پاستانىڭ تۈرلىرى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بېرەي.
-----بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:داڭلىق مۇنازىرە مۇنبىرى ,تەپسىلىي ئادىرسى:http://www.danglik.com/read.php?tid=1172-----
收藏到:Del.icio.us